جاھالەت سائادەتتۇر

جاھالەت سائادەتتۇر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇتمۇشۇنداق بىر زاماندا ھەر ئۇچرىغان بىلىمنى ئىستىمال قىلىش ھەم ئىسراپچىلىق ھەم ئۆزىگە قىلىغان زۇلۇمدۇر. ئەڭ مۇھىمى ھاياتنىڭ نىشانىدىن چەتنەپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھاياتنىڭ مەقسىتى ئانلىق ئىستېمالدىن كېلىپ چىققان ۋە زاۋالغا تولغان لەززەت ئەمەس، بەلكى قانائەتتىن شەكىللەنگەن سائادەتتۇر. قانائەتنىڭ بىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان بىر مۇھىتتا، جاھالەتنى بەزىدە سائادەتكە ئېلىپ بارالايدۇ، دېسەك بەك خاتالاشقان بولمايمىز دەپ قارايمەن.  

جاھالەت سائادەتتۇر داۋامى...
20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇتبىر قانچە كۈن بۇرۇن داڭلىق بلوگېرنىڭ بىر دەرسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دەرس ئارىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ ھەر 10 كىشىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىگە ھەسەت، نەپرەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەقىب قىلغانلىقىنى (مەن نېمىشقا ئۇنىڭدەك قىلالمايمەن تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر) تەخمىن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئىنكاسلاردىن ھېس قىلغان ھەسەت، نەپرەت 20% تىن ئاز بولسا نورمال دەپ قارايدىكەن.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ. داۋامى...

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇتدانيېل كانىمان (Daniel Kahneman)، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى يۇجىن ھىككىنس پىسخولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى، پرىنسېتوندىكى ۋۇدرو ۋىلسون ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى .كانىمان ئاموس تېۋىسكى بىلەن بىرلىكتە «قارار چىقىرىش» مەسىلىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن 2002 – يىلى نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كانىمان داڭلىق پىسخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيىسى، ئەقىل – ئىدراك ۋە سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى، خەۋپ – خەتەر ئۇقۇملىرىنى، بەخت بىلەن بايلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن شەرھلەپ بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

تېز ۋە ئاستا تەپەككۇر قىلىش – دانيېل كانىمان داۋامى...