پاراسەت-≠-ئىدراك

پاراسەت ≠ ئىدراك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت پاراسەت ≠ ئىدراك ئالدىنقى يازمىدا مەدەنىيەت بىلەن كۈلتۈرنىڭ پەرقىنى ئاددىي شەكىلدە رەتلەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن پاراسەت بىلەن ئىدراكنىڭ پەرقىنى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق ئايرىشقا تىرىشقان يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. گەرچە چەك- چېگرانى بۇنچىلىك ئېنىق ئايرىشنى توغرا ۋە رېئالىستىك ئىش دەپ قارىمىساممۇ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم.     ئەقىل …

پاراسەت ≠ ئىدراك داۋامى...

ئاۋاز ۋە خاراكتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن، مەسىلەن:
ئاۋازى چوڭ ھەم قاتتىق كىشىنىڭ گەپ- سۆزلىرى كۈچلۈك، ئۇرغۇلۇق بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ياخشى بولۇپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاۋاز ۋە خاراكتېر داۋامى...

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 31 مىنۇت «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت»- مۇھەببەتنى بەك تۆۋەن كۆرمەڭ!«مېنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.» بۇ دەل يازغۇچى زىۋېگنىڭ «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» تىكى مۇھەببەت قارىشى. روماندا ۋە كىنودا بۇ ئايال ئۆمۈر بويى پەقەت ئاشۇ ئەر يازغۇچى قوشنىسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنى كۆزىتىدۇ. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇنداق مۇھەببەت بەكلا شەخسىيەتچىدەك تۇيۇلىدۇ. بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ بەكلا رەھىمسىز، لېكىن مۇھەببەت زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، خىيال رېئاللىقتىن غالىب كەلگەندە، بۇنداق مۇھەببەت تېخىمۇ قىممەتلىك، قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ئەسەر ئۆزلىرىنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە) داۋامى...

ئادەم زادى قانداق ياشىشى كېرەك- ھاللوت كىشنار (ئامېرىكا)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئۇ كىتابخانىدا ئولتۇرۇپ ناھايىتى تەشۋىشلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:” ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى ھازىر باشقىلار قىلىۋاتىدۇ، خۇددى ئۇ بۇرۇن ياشىمىغاندەك. مەن ھەمىشە ھامان بىر كۈنى بىزمۇ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالىمىز، خۇددى بىز ئەزەلدىن بۇ دۇنيادا ياشىمىغاندەك، كېيىنكىلەر بىزنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن”.
ماڭا يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلغان كىشىنىڭ قۇرقۇۋاتقىنى ئۆلۈم بولماستىن، باشقىلار ئەسلىگۈدەك ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ كىشىلىك دۇنيا بىلەن خەيرلىشىش ئىدى.

ئادەم زادى قانداق ياشىشى كېرەك- ھاللوت كىشنار (ئامېرىكا) داۋامى...