مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟

ئىش قىلىشنىڭ ئۈنۋان، ياش، پۇل بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. مىنىڭ بىردىن- بىر قىلالىغىنىم ئۆزۈمنىڭ كۈنىنى ئۆزۈمنىڭ ئالغانلىقىم، رەببىمدىن باشقىسىنىڭ «قۇلى»غا ئايلىنىپ قالمىغانلىقىمدۇر. ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلاي دېسەممۇ قولۇمدىن كەلمەيدىكەن. ئەمما سىلەر دەۋاتقان «ئىشلار»نى مەن ھەقىقەتەن قىلالمايدىكەنمەن.

مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟ داۋامى...

سىياسىينىڭ رەزىللىكى- لوئىس. پروۋېل [فرانسىيە]

«شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت مەلۇم پەلسەپىۋى ئەقىلغا ۋە دىنىي ئېتىقاد پرىنسىپىغا ئىگە ئادەملەرنىڭلا سىياسىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى بولىدۇ، چۈنكى ساپ بولغان مەنىۋى كۈچلا جەمئىيەتنى چىرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان (تۇز)دۇر».«مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق- ماكياۋىللىزىم»«سىياسىي ھۆكۈمەتسىزلىك ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى، ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىك بولسا ئىدېئولوگىيىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ھەقىقىي سەۋەبى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتۇر».

سىياسىينىڭ رەزىللىكى- لوئىس. پروۋېل [فرانسىيە] داۋامى...

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك

«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»نىڭ تەسۋىرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ھەم رەڭدارلىققا ئىگە. بىر قارىسا كىتابخان ھېكايىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ، روھىي جەھەتتىن بىر مەزگىللىك ھاڭ – تاڭلىققا چۆكىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇرۇلمىسى تەرتىپسىز ۋە يەنە مۇنتىزىم، كىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دا بىر سەنئەتكارانە روھ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايىۋى ئوبرازلار تۈركۈمى ۋە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پەللە تۇرۇپتىكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەل ماي بوياق رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا يورۇتۇپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك داۋامى...