ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

  «ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە» ناملىق كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى داۋامى...
ئورخان پامۇك- ئىستانبۇل شەھەر خاتىرىسى

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك

  «مەن تۇغۇلغان بۇ شەھەر 2000 يىللىق تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق نامرات، ۋەيرانە ۋە يېگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان، ئىستانبۇل ماڭا نىسبەتەن بىر خارابە شەھەر، ئىمپېرىيەنىڭ قالدۇق ھەسرىتى بىلەن تولغان شەھەر. ھاياتىم بۇنداق ئازابلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئىستانبۇللۇققا ئوخشاش ئىستانبۇلنى ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.»

ئىستانبۇل – ئورخان پامۇك داۋامى...
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش – ئەلدەر

مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تونۇشتۇرۇلماس. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (نۆۋەتتە دىۋان دېيىلىدۇ) 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە قايتا بايقىلىپ، نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللاردا، كۆپلىگەن نەشىر نۇسخلىرى ۋۇجۇتقا چىقتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى 1980-يىلدىن 1984-يىلغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىدا ئۈچ توملۇق قىلىنىپ نەشىردىن چىقتى[1]. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن نەشىرلىرى روياپقا چىقتى.

    دىۋان – كۆپلىگەن تىلشۇناسلار تەرىپىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتچىلار، ھەۋەسكارلار ۋە خەلق ئاممىسى، دىۋاننىڭ ئۆزگىچە تۈزۈلۈشى تۈپەيلى، ئۇنىڭدىن سۆز ئىزدەشنى ئۇقمايدۇ. دىۋاندىن نەقىل ئېلىشقا كەلسەك، توردىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى تىلغا ئېلىشقۇ بىھاجەت، ھەتتا بەزى ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە كىتابلاردىمۇ دىۋاندىن نەقىل ئېلىنغان سۆزنى ئوقۇرمەن شۇ نەقىل مەنبەسى بويىچە ئۆزىنىڭ قولىدىكى دىۋاننىڭ نەشىر نۇسخسىدىن تاپالىشى مۈشكۈل.

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش – ئەلدەر داۋامى...
بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى

«بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» خارپېر لىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، 1960-يىلى نەشر قىلغان. كىتاب نەشرىدىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنلا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى روبېرت مۇلىگاننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئوخشاش ئىسىم بىلەن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. «بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش» فىلىمى گرېگورىي پېكنىڭ باش پېرسوناژ ئاتتېكۇسنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەل جانلاندۇرۇپ بېرىشى بىلەن فىلىم تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ 1963 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا 1960-يىللاردىكى ئەڭ ياخشى فىلىم دەپ باھالانغان. فىلىمدە قامچىلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان رومان، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى داۋامى...