كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت كارل ۋىتېرنىڭ تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن.تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان ئىكەن. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ يىغىنچاقلىغان.

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر داۋامى...
ئەخمەقلەر كېمىسى

ئەخمەقلەر كېمىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت ئەخمەقلەر كېمىسى، بىر زامانلاردا بىر كېمىنىڭ كاپىتانى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزچىلىق تەجرىبە ماھارەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى شىمالغا بۇرىدى ۋە كېمىنى مۇز تاغلار بىلەن قاپلانغان تەرەپكە قاراپ ھەيدەشكە باشلىدى. ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزدىكى ماھارەتلىرىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ تارىخقا يېزىلىش ئارزۇسىدا شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.

ئەخمەقلەر كېمىسى داۋامى...

ئاۋاز ۋە خاراكتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن، مەسىلەن:
ئاۋازى چوڭ ھەم قاتتىق كىشىنىڭ گەپ- سۆزلىرى كۈچلۈك، ئۇرغۇلۇق بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ياخشى بولۇپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاۋاز ۋە خاراكتېر داۋامى...

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ساباھىدىن ئەلى 1907-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلدىن 1936-يىلغىچە ئىستانبۇل، بالىكېسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان. “ساباھ يۇلتۇزى” دېگەن لەقەمنى بۇ سەۋەبدىن ئالغان. ئوقۇش يىللىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىنى نامايەن بولۇپ، 1930-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق، يازغۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى داۋامى...