پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان. ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ يەنە Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت داۋامى...