ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا مۇمكىن بولسا تۇنۇش بىلىشلەردىن ئىجارىگە ئالغان ياخشى. لېكىن ھەممە قېرىنداشلارنىڭ بۇنداق پۇرسىتى بولمىغاچقا بىدىكلەر ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يازمىدا قىسقىچە قىلىپ ئىجارە ئۆي ئېلىشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە بىدىكلەرنىڭ كلاسسىك يالغانلىرى يېزىلدى.

ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار داۋامى...

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 31 مىنۇت «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت»- مۇھەببەتنى بەك تۆۋەن كۆرمەڭ!«مېنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.» بۇ دەل يازغۇچى زىۋېگنىڭ «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» تىكى مۇھەببەت قارىشى. روماندا ۋە كىنودا بۇ ئايال ئۆمۈر بويى پەقەت ئاشۇ ئەر يازغۇچى قوشنىسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنى كۆزىتىدۇ. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇنداق مۇھەببەت بەكلا شەخسىيەتچىدەك تۇيۇلىدۇ. بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ بەكلا رەھىمسىز، لېكىن مۇھەببەت زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، خىيال رېئاللىقتىن غالىب كەلگەندە، بۇنداق مۇھەببەت تېخىمۇ قىممەتلىك، قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ئەسەر ئۆزلىرىنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت- سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە) داۋامى...

تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىش توغرىسىدا

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ئەسكەرتىش: تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلار ئاپتوماتىك پۇقرالىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بەزى باشقا دۆلەتلەردىكى «تۇغۇلغان يەر پىرىنسىپى» تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۈركىيە نوپۇسى بولالىشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىن بىر تەرەپ تۈركىيە نوپۇسى بولىشى شەرت. بۇ يازمىدا ئاتا- ئانىسى تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىش توغرىسىدا داۋامى...

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت ساباھىدىن ئەلى 1907-يىلى تۈركىيەنىڭ قىرىققەلئە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. 1914-يىلدىن 1936-يىلغىچە ئىستانبۇل، بالىكېسىر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان. “ساباھ يۇلتۇزى” دېگەن لەقەمنى بۇ سەۋەبدىن ئالغان. ئوقۇش يىللىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان چوڭقۇر قىزىقىشىنى نامايەن بولۇپ، 1930-يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق، يازغۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ساباھ يۇلتۇزى: ساباھىدىن ئەلى داۋامى...