پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت  «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان. ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ يەنە Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت داۋامى...

جاھالەت سائادەتتۇر (3)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت تۇلۇق ئوتتۇرىدا تۇنجى قېتىم “سېسىق گەپ” دېگەن “ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە” بىلەن ئۇچراشتىم. بىرەر يىلغىچە باشقىلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي يۈردۈم. راستنى دېسەم بىلمەسلىكنىڭ بەك زىيىنىنى تارتتىم دەپمۇ ئويلاپ باقمىدىم. گەرچە ھازىر ھەممە سېسىق گەپلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ، چۈشەنگەن قىسمىنىڭ ماڭا پايدىسى بولغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمىدىم. يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ ” بەزىدە جاھالەت ھەقىقەتەن سائادەتكەن.”

جاھالەت سائادەتتۇر (3) داۋامى...

قۇربان ھېيتتىكى تەجرىبىلىرىم (2)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت ئۆتكەن يىلى “قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم” نى ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۇ يىل ھېيتتىن بۇرۇن شۇ خاتىرەمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىشىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغان بولدى. بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيت تەييارلىقىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ھېس قىلدىم ۋە بۇرۇنقى يازمىنىڭ داۋامى شەكلىدە رەتلەپ، تەييارلاپ قويدۇم.  

قۇربان ھېيتتىكى تەجرىبىلىرىم (2) داۋامى...