بەلكىم ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

يېقىندا «تۆت مىڭ ھەپتە» ناملىق كىتابنى ئاڭلاپ چىقتىم. كىتاب ۋاقىتنى قانداق تېجەش، قانداق ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئەمەس. بەلكى ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن. بىز ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇش، تېخىمۇ كۆپ تىل ئۆگىنىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىمىزغا ياخشى قاراش، ھەتتا دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىرايمىز. …

بەلكىم ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. داۋامى...

مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول

يۇرتۇمدا ياز مەۋسۇمى بەك ئىسسىق بولاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق، سالقىن بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىپ كېتەتتۇق. كېيىن يۇقىرىدىن باشلىق كەلسە باشلىقلارنى ئىسسىقتا قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ئامانغا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. دېمىسىمۇ يۇقىرىدىن باشلىق كېلىدىغان كۈنلىرى يۇرتۇم باشقىچىلا سالقىن بولۇپ قالاتتى. باشلىق كېلىدۇ دېسە، مەكتەپلەرنى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى تاشلاپ كەڭ كۆلەملىك تازىلىق قىلدۇراتتى. بەزىدە ناھىيە بويىچە ھەممە يەر تازىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپمۇ كېتەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، ئىچىمىزدە «بىرەر باشلىق كەلگەن بولسا بوپتىكەن»، دەپمۇ قالاتتۇق. قىلىنغان پۈتۈن ئىشلار شۇ باشلىقلارغا كۆرسىتىش ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول داۋامى...

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى

  «ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە» ناملىق كىتاب «ئەگەر ئەۋرىم راست بولسا، ئىسلام دىنىنىڭ غەيبىيات ۋە تەئۋىل سېستىمىسىغا، ئۇنىڭ قانچىلىكى ئۇيغۇن؟» دېگەن سوئالنى چۆرىدەپ يېزىلغان. دىنىي نۇقتىدىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىۋىي ئۈچ مەزھىبىنىڭ بىرى بولغان ئەشئەرىي مەزھەپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن سانالغان، ھۆججەتۇل ئىسلام – ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ تەپسىر/ تەئۋىل ئەندىزىسى ۋە غەيبىي مەسىلىلەرگە تۇتقان مەۋقەسىنى ئاساس قىلغان. كىتابتا ئىسلام ۋە ئەۋرىم ئالاقىسى – دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە ئىلمىي نۇقتىئىي نەزەردىن –تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئاخىرقى يەكۈن ئىسلام دىنىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋرىمدىن تۆرەلگەنلىكىنى ئەقىدە جەھەتتىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىسلام ۋە ئەۋرىم : ئەلغەززالىي ۋە زامانىۋىي ئەۋرىمسەل ئەندىزە – ئەلدەر خاتىرىسى داۋامى...