قاچاق ھەج خاتىرىسى – ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان سەيياھ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 17 مىنۇت

مۇندەرىجە

  1. تەييارلىق
  2. ئاتلاندۇق
  3. مەككىگە
  4. كۈتۈلمىگەندە جىددە
  5. يەنە مەككىگە
  6. تەمەتتۇئ ئۆمرە
  7. تەۋرىيە
  8. ئەرافات
  9. مۇزدەلىفە 
  10. ھېيت
  11. تەشرىق
  12. ۋىدا تاۋىپى
  13. كەتتۇق
  14. خاتىمە
  15. ھەجگە ئائىت بەزى فىقھىي مەسىلىلەر

ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىنىڭ بىرى بولغان ھەجگە ئەسلى نەچچە يىلنىڭزى شەرتىم توشۇپ قالغانمۇ بولۇپتىكەن. لېكىن بۇ يىلى قولدا ئانچە پۇل قالمىغاندا قىلىش نېسىپ بولدى. بۇرۇن (مۇستەملىكە ئاستىدىكى) بىزگە ھەج چۈشەرمۇ؟ قاچاق ھەج قىلسا يالغانچىلىق بولامدۇ؟… دېگەندەك سوئاللار تۈپەيلى ھەج قىلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدىم. لېكىن قاچاق ھەج قىلشنىڭ پەتىۋاسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ۋە بەزى دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ھەج قىلماقچى بولدۇم. ئاپامغا دېسەم بىللە بارماقچى بولدى. سەئۇدىغا بېرىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن، مۇشۇ يىلى رامىزاندا ئۆمرە ۋە ئېتىكاف قىلغاچ يوللارنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان ئىدىم. پىلان – قولاي بولۇپ قالسا، ھەجگە رىيادتىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپلا مەككىگە كىرىۋېلىش ئىدى. لېكىن مەككىدىكى تونۇشلاردىن ئاڭلىشىمچە، ھەج مەزگىلىدە چوڭ ئاپتوبۇسلارنىمۇ توسۇپ بىرمۇ بىر تەكشۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ پىلان سۇغا چىلاشتى.

ئەسكەرتىش: بۇ بىر دىنىي قوللانما ياكى شەرئىي پەتىۋا ئەمەس. بىر مۇسۇلماننىڭ سەرگۈزەشتىسى بولۇپ، ھەج جەريانىدىكى بەزى ئەمەلىي سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ قېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ھىجرىيە كالىندارى قەمەرىيە (ئاي) كالىندارى بولغاچقا كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن بولىدۇ. بىر كۈن (سوتكا) – شامدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا يازمىدا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئاۋۋال بىر كۈننىڭ كېچىسىدىكى ۋەقەلەر ئاندىن شۇ كۈننىڭ كۈندۈزىدىكى ۋەقەلەر تىلغا ئېلىندى.

  1. تەييارلىق

مەن ساياھەت ۋىزىسىنى ئېلىپ بولغان. ئاپامنىڭكىنى سەئۇدى ئېلىكترولۇق ۋىزا تورى (https://visa.visitsaudi.com)غا چىقىپلا ئالدىم. (تەخمىنەن 10 مىنۇت كېتىدۇ.) تەخمىنەن 100 ياۋرو كەتتى. مېنىڭكى سەل قىممەت توختىغان، بەلكىم ئارىلىقتا ئەرزانلىدىمۇ ياكى (ئۆمرە، ساياھەت… دېگەندەك) تۆتىلى تاللاشنى تاللىسا ئەرزانراقمۇ (ئۆزۈمگە ئىككىنىلا تاللىغان)، ياكى ئەرلەرگە قىممەترەكمۇ ئۇقمىدىم. ئاڭلىسام ھەجگە بىر نەچچە كۈن قالغاندىمۇ ساياھەت ۋىزىسى چىقىۋېرىدىكەن.

ياتاق ئۈچۈن، ئۆمرىدىن قايتقۇچە، مەككىدىكى بىر تونۇشنىڭكى ئۆيىنىڭ بىر خانىسىنى مىڭ دوللارغا ئىجارە ئېلىشقا دېيىشىپ قويغان. بېلەتنى رامىزاندىن بۇرۇن ئالغان، ئىككىمىزگە 860 نەچچە ياۋروغا توختىدى. زۇلھەججە يېقىنلىشىش بىلەن، تونۇشۇم ۋە توردىكى خەۋەرلەردىن مەككىگە 5-ئاينىڭ 23 دىن بۇرۇن كىرىپ بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كەلدى (قۇربان ھېيت 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىدى). ئۇنىڭدىن كېيىن ھەج ۋىزىسى بولمىغانلارنى كىرگۈزمەيدىكەن. بىزنىڭ بېلەت، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى (زۇلھەججىنىڭ 1-كۈنى) بېرىپ، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى (زۇلھەججىنىڭ 14-كۈنى) قايتىش ئىدى. بېلەتنى ئۆزگەرتەيلى دېسەك 650 ياۋرو ئارتۇق تۆلەش كېرەك ئىكەن. يەنە باشقا ئىشلارمۇ قوشۇلۇپ، ئاخىرى بېلەتنى ئۆزگەرتمىدۇق. تونۇشۇم ئەرافات كۈنى يېقىنلاشقىنىچە مەككىگە قاچاق ئەكىرىشنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارىلىقتا ۋاتسئاپ توپلىرىدىن مەككىگە قاچاق ئېلىپ كىرىدىغان يوللارغا دېققەت قىلىپ تۇرسام، بىزنىڭ بېرىشىمىزغا ئۈلگۈرۈپ ئۇيغۇر ساياھەتچىلىكىدىكى ئۆمەرجاندىن باشقىسىنىڭ مەككىگە ئەكىرىدىغاننىڭ ئېلانى كۆزگە چېلىقمىدى. ئۇ مەدىنىدىن كىشى بېشىغا 200 دوللاردىن ئەكىرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، پىلان – رىيادتىن مەدىنىگە بېرىپ، ئاندىن مەككىگە كىرىش بولدى.

ھەج – ئۆمرىدىن خېلىلا مۇرەككەپ، ئۇزۇن ۋە جاپالىق بىر ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرتىپلىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، بىر قانچە سىن كۆرۈپ (ھەج، ھەج) يەنە ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ۋە يېڭى ئۇسلۇبتا تۈزۈلگەن ھەج قوللانمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. بولۇپمۇ «يېڭى ئۇسلۇبتا تۈزۈلگەن ھەج قوللانمىسى» دېگەن كىتابچە ھەم قىسقا ھەم ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوبدان يارىدى. يەنە بىر (شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز يازغان) ھەج قوللانمىسى بارلىقىنى كېيىن ئۇققاچقا ئوقۇيالمىدىم. ئاسانراق دەپ (شۇنداقلا تونۇشنىڭ مەسلەھەتى بىلەن) ئىفراد ھەج قىلىشنى نىيەت قىلدۇق.

  1. ئاتلاندۇق

يۈك تاقا:

بويۇنغا ئاسىدىغان بىر سومكىچاق – ياندىن ئايرىمايدىغان مۇھىم نەرسىلەرنى سېلىش ئۈچۈن.

بىر كىچىك چامدان – ھەج جەريانىدىكى لاۋازىمەتلەرنى سالىدىغان دولىغا ئاتىدىغان سومكا، ئۇخلاش خالتىسى، ئالماشتۇرىدىغان كىيىم، باشقا ھەممە نەرسلەرنى سلېىش ئۈچۈن. گەرچە يازدا (بولۇپمۇ سەئۇدى) ئىسسىق بولسىمۇ، بىر كۈزلۈك چاپان ئېلىۋالدىم. ئېتىكاف ياكى ئۇزۇن يوللۇق سەپەرلەردە، ياز بولسىمۇ، قېلىنراق بىر كىيىم ئېلىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ، بەزى يەرلەرنىڭ تاسادىبىي سوغۇق بولىشى… قاتارلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئوبدان ئەسقاتىدۇ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن.

بېلەتنى لۇفتھانزا (Lufthansa) دىن ئالغان. فرانكفورتتا بىر ئالمىشىش بار ئىدى، ۋاقتى ئاران بىر سائەت 20 مىنۇت بولغاچقا سەل ئەنسىرىگەن، لېكىن يېرىم سائەتتە ئالمىشىپ بولدۇق. ئايروپىلان لىقمۇلىق تولمىدى. مېنىڭ يېنىمدا ئىككى بوش ئورۇن بار ئىدى. يانغا سۈرۈلۈپ ئاپامغا بىر ئورۇن، ئۆزۈمگە بىر ئورۇننى بوش قويۇپ ئولتۇرسام، بىرسى كېلىپ «ياندا ئادەم بارمۇ؟» دېدى. «ياق» دەپ ساپتىمەن. كەپ يېنىمغا ئولتۇرىۋېدى، شۇنداق سېسىق پۇراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم.

بىردەم ئۇچۇپ، ھالال تاماقنى باشتا تارقاتتى. ئومۇمىي تاماق تارقاتقاندا «ھالال تاماق بارمۇ؟» دېسەك، «ئۇنىڭغا بېلەت ئالغاندا ئۇقتۇرۇشۇڭلار كېرەك» دېدى. ئۇنداق قىلماپتىكەنمىز. «ياۋغان (vegetarian) تاماقمۇ بار» دەپتى، ئېلىپ بولۇپ، ئىشەنمەي يېگۈم كەلمىدى.

قونغىچە شام بولۇپ كېتەتتى. پېشىن ۋە ئەسىرنى جەملەپ ئارقىدا ئوقاي دېسەم، بىر قېرى مۇلازىم بىرئاز غۇدۇراپ ئۇنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارقىسىدا ئوقۇۋالدىم. قونۇپ شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇپ، ئاپتوبۇس بېكەتكە بارغۇچە سائەت 23 بوپ كەتتى. ئاخىرقى بۇس 22 دە ئىكەن. ئەتىسى 7دىن ئاشقاندا يەنە بىرسى بار ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بېكەت سىرتىدا مەدىنىگە بارىدىغان قارا تاكسىچى سام بىلەن دېيىشتۇق. ئىككەيلەنگە 500 رىيال دەپتى تالىشىپ 450كە دېيىشتۇق. بىز تاماق يەۋالايلى دەپ بىرە سائەت ھايال بولدۇق. كەلسەك، «ھېلى، ئەنە، مانا» دەپ 12 يېرىملاردا تاكسىغا چىقىپ ساقلاپ تۇردۇق. سام بىزگە رەسمىي كېنىشكىلىق يېشىل تاكسى تېپىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ كېنىشكىسىنى بولمىغاچقا مەدىنىگە كىرگۈچە تەكشۈرۈپ قالسا چاتاق چىقارمىش. سامدىن تىڭتىڭلاپ باقساپ، ساپتكو قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئاپتوبۇسلىرى مەككىگە بارسىمۇ بېلەت سېتىشتىن بۇرۇن ھەج ئىجازىتى بارلىقىنى سورايدىكەنمىش.

ساقلاپ تۇرساق سۇدانلىق بىرەيلەن كېلىپ ئۈچ يولۇچى بولدۇق. سام «يەنە بىرسى ئەنە كېلىدۇ، مانا كېلىدۇ» دەپ يۈرۈپ بىردىن ئاشقاندا مىسىرلىق بىرەيلەن يەنە بىر ماشىنىدا كەلدى. ئۇنىڭ سومكىلىرىنى ھەرقانچە قىلساقمۇ ئارقىغا پاتمىدى. ئۇ بىر ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا لىق يۈك تاقا قاچىلاپ كەپتىكەن. بىز ئۈچ يولۇچىنىڭ بىردىن چامدېنىمىز بار ئىدى. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ، ئۇ ماڭمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن شوپۇرغا – سۇدانلىق 250 رىيال بېرىدىغان، بىز بەش يۈز رىيال بېرىدىغان ۋە ئۈچ يولۇچى ھازىرلا يولغا چىقىدىغان بولدۇق. ماڭغاندا بىر يەردە شوپۇر تارىق توختاپ قەھۋە ئالغۇچە «بىرەر نەرسە ئىچەمسىلەر» دېدى، «رەھمەت» دەپ رەت قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ 1:30 دا مەدىنىگە يولغا چىقتۇق. توققۇزلار بىلەن كەلدۇق. ئارىلىقتا بىر توختاپ بامدات ئوقۇدۇق. ناشتىلىق قىلدۇق.

ئاپام چارچاپ قالغاچ بىر ياتاققا ئورۇنلاشماقچى بولدۇق. مەسجىدى نەبەۋىنىڭ ئۇھۇد تەرىپىدە خېلى ياتاقلار بار ئىكەن. مەسجىد نەبەۋىيگە پىيادە 15 مىنۇت كېلىدىغان يەردە 100 رىياللىق ياتاقنى ياراتماي، 150 رىيالغا يەنە بىر ياتاقنى بىر كۈنلۈك ئالدۇق. بىر ياتاقتا بەش كارىۋات بولۇپ، «باشقا ئادەم كىرگۈزەمسەن» دېسەك، «ياق پۈتۈن ياتاقنىڭ باھاسى مۇشۇ» دېدى. بۇ يەردە (ئالىي سۈپەتلىك مېھمانخانا ئەمەس) ياتاقلار مۇشۇنداق بولىدىكەن.

بۈگۈن جۈمە ئىدى. جۈمە بولغىچە بىر ئاز كۆز يۇمۇۋالاي دېسەم، سەپەر ھاردۇقى يەتكەن ئىكەن، ئىككىلىمىز ئۇخلاپ قاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن پېشىننى ئوقۇپ، دىگەرنى مەسجىدتە ئوقۇدۇم. ئاڭغىچە ئۇيغۇر ساياھەتچىلىكىدىكى ئۆمەرجان «بۈگۈن ماڭىدىغان ماشىنا يوق، ئەتە بار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياتاققا قايتىپ، شام بىلەن چىقتۇق. ناماز ئوقۇپ، تاماق يېدۇق. ئاپام  سوۋغاتلىق ئالدى. خۇپتەن ئوقۇپ ياتاققا قايتتۇق.

  1. مەككىگە

ئەتىسى (6-ئاينىڭ سەككىزى) مەدىنىدىن ماڭدۇق. ئۆمەرجان تاپقان بىر ئەرەب شوپۇر يەتتەيلەننى سەككىز كىشىلىك ماشىنىدا ئېلىپ 11 لەدە ماڭدى. يولۇچىلار – مەن، ئاپام (ئالدىدا ئولتۇردى)، قىرغىزىستاندىن كەلگەن تۆت سودىگەر (ئىككى ئىككىدىن ئايرىم)، بىر ئۆزبېكىستانلىق ئۆزبېك ئىدى. چامدېنىمدا ئېھراملىق رەخ بار ئىدى. قىرغىزىستاندىن كەلگەن بىرەيلەن، مەككە يولىدا ساقچى تەكشۈرگەندە بىر تونۇشىنىڭ چامدېنىدىن ئېھراملىق چىقىپ قېلىپ، قايتۇرىۋېتىپ بەك ئاۋارە قىلغانلىقىنى دېۋىدى. ئېھرامنى ئېلىۋەتتىم. مىقاتقا كەلگەندە شوپۇر توختىمايلا بىزگە «ئەنە مىقات» دەپ كۆرسىتىپ قويدى. مەن ۋە ئاپام ئىفراد ھەجگە نىيەت قىلدۇق (ياتاقتىن تاھارەتلىك چىققان). ئارىلىقتا ئىككى يەردە چوڭ يولدىن چىقىپ، ئەتىمالىم ساقچى توسايدىغان يەرلەردىن، ئايلىنىپ ئۆتتۇق. ئارىلىقتا بىر يەردە توختىغان، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇۋالدىم. ئەسىر بىلەن جىددەگە كەلدۇق. ئاندىن ئۇنى ساقلاپ، بۇنى ساقلاپ دېگۈدەك بىرە سائەتتىن كېيىن ماشىنا ئالماشتۇق. ھېلىقى ئەرەب چامدانلارنى بىرىنجى ماشىنىدا ئېلىپ تۈز يول بىلەن كەتتى. باشقا ئىككى ئەرەب (بىرى شوپۇر) ئالدىغا چىقتى، يەتتەيلەن سەككىز كىشىلىك ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ قىستىلىپ ئولتۇردۇق. خەرىتىگە قارىسام بەھرە دېگەن جايدىن ئۆتۈپ چۆل ئارا بىر يەرلەردىن ماڭدۇق. ئالدىدىكى ئىككى ئەرەب ئاللانېمىلەر دېيىشىپ مېڭىۋاتاتتى. تۇرقىدىن شوپۇر بۇ يولنى بىلمەيدىغان، ياندىكىسى دەپ بېرىۋاتقاندەك تۇراتتى.

شۇ چۆلدە يۈرۈپ مەككىگە ئالاھەزەل 10-20 كىلومېتىر قالغان بولسا كېرەك. مەككىگە كىرىش ئىشەنچىممۇ ئېشىپ تۇراتتى. بىر قۇم بارخىنىدىن چۈپ تۇرساق بىر ئاق ماشىنا ئالدىمىزدىن غۇيۇلداپ چاڭ توزىتىپ كەلدى. «نېمە بولغاندۇ» دەپ تۇرساق، ئارقىسىدىن بىر ساقچى ماشىنىسى چىقىپ يولىمىزنى توستى. ئويۇن ئېكرانلىرىدىكى «ئويۇن تۈگىدى (game over)» دېگەن ئېكراننى كۆرگەندەك بولدۇم. يەنە بىر ساقچى ماشىنىسى ھېلىقى ئاق ماشىنىنى قوغلاپ كەتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە تۇتۇلغان بولساق كېرەك. ئۇ ساقچىلار ھېلىقى ئىككى ئەرەبنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ ئۇلارنى ماشىنىسىغا سالدى. بىزنىڭ پاسپورتنى ئېلىپ بىر ساقچى بىزنىڭ ماشىنىنى ھەيدىدى. شۇنداق قىلىپ ئارقىغا يېنىپ بىر يەرگە باردۇق. يەنە بىر ماشىنا تۇتۇلغان ئىكەن (سۈرىيەلىك ياكى مىسىرلىق ئەرەبلەر بولسا كېرەك).  ساقچىلار بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ دۈمبىچە رەسىمگە تارتتى، ھېلىقى ئىككى ئەرەبنىمۇ چۈشۈرۈپ قولىغا كويزا سېلىپ، ئۆڭ ۋە دۈمبىسىدىن رەسىمگە تارتتى. جەمئىي ئۈچ ماشىنا تۇتقان بولسا كېرەك. كامېرالىرىنى ئەكېلىپ، ماشىنىلارنى ساقچى جېپلىرىنىڭ ئارىسىدا ماڭدۇرۇپ سىنغا ئالدى.

ئاندىن يەنە چۆل ئارا مېڭىپ شامدىن ئاشقاندىراق مەككە يېنىدىكى ئەلمۇقەيتى بىلەن ئەلجۇمۇم ئارىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردە پاسپورتىمىزنىڭ ۋىزىسىنى تەكشۈرگەن بولسا كېرەك. بۇ يەردە تۇتۇلغان ماشىنىدىن بەشچە بار ئىكەن.مۇشۇ يەردە بىر قىسىم ساقچىلار بىلەن شام ۋە خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇۋالدۇق (ئىمام بولغان ساقچىنىڭ تەجۋىدى يوق). سەككىز-توققۇزلار بىلەن ھەر ماشىنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلە، پاسپورت نومۇرى، دۆلەت تەۋەلىكى دېگەندەكلەرنى بىر قەغەزگە تىزىملىدى.

ئارىلىقتا بىر ساقچى كېلىپ «سۇ ئىچەمسىلەر؟» دېدى. «ھەئە» دېسەم دەم ئېلىش ئۆيىگە كېلىپ سۇ ئېلىپ بەردى. گەپ قىلغاچ «ھەجگە كەلدىڭلارمۇ؟» دېۋىدى، «ياق» دەپ سالدىم. ئېھراملىق نىيەت بىلەن يالغان سۆزلەپ سالغىنىمغا ئەجەپ ئۆكۈندۈم.

يەنە گەپتىن گەپ چىقىپ «ئاپام ھېرىپ قالغان» دېسەم، دەم ئېلىش ئۆيىگە باشلاپ، ئولتۇرغۇزدى. توڭلاتقۇدىن بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ «يەڭلار تارتىنماڭلار» دېدى. مۇئامىلىسى بەك ياخشى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ھەممىمىزنى بىر ئاپتوبۇسقا سالدى. كەڭتاشا ماڭىدىغان ئوخشايمىز دېسەك باشقا ماشىنىدىكى تۇتۇلغانلارمۇ چىقىپ، ماشىنا لىق تولدى. سائەت ئون بىرگە يېقىن بىزنى بەھرە دېگەن يەرگە ئەكەپ قويدى. يولدا ماي باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى دېققەتنى تارتتى (لىتېرى 2 رىيالدىن كۆپرەك).

  1. كۈتۈلمىگەندە جىددە

ئاڭغىچە ئۆمەرجان باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىشىنى دېيىشىپتىكەن. بىر ئاكاش (ئىسمىنى سورىماپتىمەن) چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كەچ سائەت ئىككىلەردە جىددەگە كەلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئابلىز ھاجى دېگەن كىشى جىددەنىڭ چېتىدىكى يەردىن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى ھۇجرىلىق (بەك ناچار) بىر ياتاقنىڭ كۈنلۈكى 180 رىيال. «ئەتىسى سەككىزدە ماڭىمىز» دېگەن. قوپساق «ياتاقتا ساقلاپ تۇرۇڭلار» دېدى. «ھە» دەپ ساقلاۋېرىپتۇق، سائەت 11 بولغاندا خەۋەر تاپساق، بىز بىلەن بىللە كەلگەن ئۈچەيلەن كېتىپ بوپتۇ، يەنە بۇلار جىددەدىن ئالماقچى بولغان كىشىلەر بولۇپ جەمئىي سەككىز كىشى كېتىپ بوپتۇ. بۇلارنى ئەكىرگەنلەر مەككىدىن قايتىپ چىقماپتۇ. يەنە بىر ياتاقتىمۇ ئىككەيلەن قېلىپ قاپتىكەن، كىم پەسكە چۈشسە شۇلارنى ئېلىپ مېڭىپتۇ، «بىزنى ياتاقتا ساقلاپ تۇرۇڭلار دېسە، ساقلاپتۇق» دەپ قاقشىدى.

ئابلىز ھاجىم ۋە يەنە بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يولدا ساقچى تونۇشى بار شوپۇر ئاندىن كىرەلەيدىكەن. پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ساقچى ئالىدىكەن. ئارىلىقتا ھېلىقى چامدانلىرىمىزنى ئالغان ئەرەبنىڭ مەككىگە كىرىپ بولۇپ، يەنە مەدىنىگە قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ھېلىقى قىرغىزىستاندىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۆمەرجان بىلەن ئۇ چامدانلارنى مەككىگە ئەكېلىپ بېرىشىدىغاننى 500 رىيالغا دېيىشىپتۇ. كېيىن ئۇ مىڭ رىيالغا ئۆزگەردى. بىزمۇ ئۇ مىڭ رىيالنى يەتتە كىشىگە بۆلۈپ تۆلەشكە قوشۇلدۇق. ئۇ ئىككەيلەندىن نەسرىدىن دېگەن بىرىنىڭ تېلىفونىنى يېزىۋالدىم (يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ). ئەسلى مېڭىشتىن بۇرۇن، «ماۋۇ چامدانلارنى پالانىغا ئاپىرىپ بەر» دەيدىغان ئىش ئىكەنتۇق. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ مەككىدە تونۇشى بار ئىدى. ئەمدى ئۇ چامدانلارنى ئېلىۋالغۇچە يەنە قايتا پۇل تۆلەيدىغان ئىش چىقتى. ئىش يۈرۈشۈپ ماڭغاندىغۇ مەسىلە يوق، لېكىن چاتاق چىققاندا مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقى چىقىدىكەن.

ئىبرەت: بۇنداق ئىشلارنى دېيىشكەندە «مەن سىزنى رازى قىلىمەن» دەپ پۇل بېرىدىغىنىڭىزنى ئالدىن ئۇقتۇرمىسىڭىز، خەق «ۋوي، بۇ بەك كۆپ چامدانلارنى ماشىنىغا بىراقلا سېلىش تەس، مېنىڭمۇ بېشىم قېتىپ تۇرىۋاتىدۇ» دەپ تۇرىۋالىدىكەن. تىجارەتچى كىشى بەرىبىر پۇلغا قىلىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، ئۆزى باشتىلا «ئەمدى مانچە پۇلغا ئەكىرىپ بەرسۇن» دېگەن سۆزنى قىلمايدىكەن. نېمىشقا؟ – تاڭەي. شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تارتىنچاق بولۇپ قالدىمۇ، ياكى بىزنى بىر يېلىندۇرىۋەتسە، «مەن پۇل بېرىمەن» دېگەن سۆز ئاۋۋال بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقسا، پۇل بەكرەك ھالال تۇيۇلۇپ كۆڭلى راھەتلەپ، ۋىجدان ئازابى تارتمامدۇ؟ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ ئۇقمىدىم. ئەسلى باشتا «مانچە پۇل» دېسە (ھەددىدىن زىيادە باھا دېمىسىلا) بىزمۇ ئۇنايمىز. ئارتۇقچە ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، گەپ ئەگىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. خۇلاسە، تۈز گەپ قىلمايدىغان كىشىلەر بىلەن مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا دۇچ كەلسىڭىز، «مەن سىزنى رازى قىلاتتىم» دېگەن سۆزنى ئۇنۇتماڭ.

ئەلقىسسە، نەسرىدىنكامدىن ئاڭلىسام ئابلىز ھاجىم دېگەن كىشى «ماشىنا كەچ سائەت سەككىز-سەككىز يېرىملاردا كېلىدۇ» دەپتىكەن يەنە ساقلىدۇق. بىزنىڭ ياتاقنى چۈشتىن كېيىن ئىككىدە قايتۇرغان، بىز ھېلىقى ئىككەيلەن بار ياتاقنىڭ يەنە بىر ھۇجرىسىغا ئورۇنلاشتۇق. ساقلا-ساقلا ماشىنا سائەت 21 بولغاندىمۇ كەلمىگەن ئىدى، بىز ياتاقتىكىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىپ، ئەگەر بۈگۈن كەچتىمۇ مەككىگە يولغا چىقالمىساق، ئەتىسى بامداتتىن كېيىن ئۆزىمىز تاكسى توسۇپ مەككىگە كىرىشنىڭ پىلانىنى قىلىشتۇق.

سائەت 23لەر بولغاندىمىكىن پەستىكى دۇكانغا سۇ ۋە ئۇششاق چۈششەك نەرسە ئالغىلى چۈشسەم، بىر قانچە ئۇيغۇر تۇرۇپتۇ. ئابلىز ھاجىممۇ تېلېفوندا سۆزلىشىپ تۇرۇپتىكەن. يېنىغا بېرىپ «يەنە يېڭى كەلگەنلەر كېتىپ، بىز قالىدىغان ئىش بولمىسۇن» دېسىەم، «ياق، ئۈچ ماشىنا بار سىلەرمۇ بۈگۈن كەچتە كىرىپ كېتىسىلەر» دېدى. چىقىپ سومكىسىنى تەييارلاپ، ياندىكى نەسرىدىن قاتارلىق ئىككەيلەنگە بولغان ئەھۋالنى دېدىم. ئاڭغىچە ئابلىز ھاجى چىقىپ، «پەسكە چۈشۈڭلار» دېدى. پەسكە چۈشتۇق، بۈگۈنكى ياتاقنىڭ پۇلىنى ئابلىز ھاجى بەردى.

  1. يەنە مەككىگە

شۇنداق قىلىپ، مەن، ئاپام، ھېلىقى ئىككى قىرغىزىستاندىن كەلگەنلەر ۋە يەنە بىر تۈركىيەدىن كەلگەن بىرەيلەن، بەش كىشىلىك پىكاپتا قىستىلىشىپ ئولتۇردۇق. شوپۇر ئەرەب يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي «بىرەيلەن 600 رىيال» دېدى، دەسلىپىدە ئۆمەرجانمۇ، ئابلىز ھاجىمۇ بىزگە «كىشى بېشىغا 200 دوللار (750 رىيال)» دېگەن ئىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كىمگە بېرىشىمىزمۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «تۇرۇپ تۇر» دەپ، ئابلىز ھاجىغا تېلىفون قىلسام، «بىز بىر كىشىگە 500 رىيالدىن دېيىشكەن، بوپتۇ 600نى بېرىڭ. قالغىنىنى بىز دېيىشىۋالىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن «ھە ماقۇل» دەپ قويدۇم. ئارىمىزدا تۈزۈك ئەرەبچە بىلىدىغانلار بولمىغاچ، ئۇ ئەرەب بىلەن مەقسەتنى چالا-بۇلا ئىنگلىزچە ئۇقتۇرۇشتۇق. ئۇ جىددەدىن تائىفقا ماڭدى ۋە بىزگە ساقچى توسسا ئەنسىرىمەسلىكىمىزنى ۋە تائىفقا بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشىمىزنى دېدى. ئارىلىقتا ئىككى قېتىم ساقچى توستى، بىرسى پاسپورتىمىزنى كۆرۈپ، «نەرگە بارىسىلەر؟» دەپتى، «تائىف، تائىف» دېدىلەر. شۇنىڭ بىلەن شوپۇرغا ھىجىيىپ بىر نېمىلەرنى دەپتى، بىز «سەن بۇلارغا تائىف دېيىشنى ياخشى ئۆگىتىپسەن،  مەككىگە بېرىپمۇ <تائىف>دە» دېدى دەپ پەملەپ، يولغا چىقىپ بولغاندا بىر ئاز كۈلۈشتۇق.

ئاخىرىدا شوپۇر تائىف تەرەپتىن مەككە يۆنىلىشىدىكى چوڭ بىر توسۇققا كېلىپ، بىر ساقچىغا پاسپورتلىرىمىزنى بەردى، ئاندىن ئايلىنىپلا قارشى يۆنىلىشتىكى چىقىش ئېغىزىغا كېلىپ پاسپورتلارنى قايتۇرىۋالدى. بىزنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ تەكشۈرمىدى. (باشقا بىر قانچە ماشىنىدىكىلەرنى چۈشۈرۈپ تەكشۈرىۋېتىپتىكەن.) بىز ئەينى توسۇقتىن يولنىڭ قارشى يۆنىلىشىدىن چىقتۇق. «بۇنىڭ بۇ توسۇقتا ساقچى تونۇشى بار ئىكەن» دېيىشتۇق.

ئاندىن بىرئاز مېڭىپ بىر دەرەخزارلىققا كىرىپ چىغىر يولدىن مېڭىپ، بىر يەردە توختاپ، «سىلەر چۈشۈپ مۇشۇ يولنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭىسىلەر، قورقماڭلار مەن ئارقاڭلاردىن كېلىمەن» دېدى. ماڭا نومۇرىنى بەردى، ئىسمى ئىبراھىم ئىكەن، تېلىفونىنى بىر جىرىڭلىتىۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن چۈشتۇق. ھۈپپىدە قىغ پۇرىدى. كېچىدە چىغىر يولنىڭ بېشىغا كەلسەك، تۆمۈر دەرۋازا ۋە ئەتراپى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن توسۇغلۇق ئىكەن. بىرسى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ دەرەخ تۈۋىدە ساقلاپ تۇرساق، ئارقىمىزدىن ئاۋاز چىقىپ بىر توپ كىشىلەر كېلىپ، تۆۋەندىرەك تۇردى، چىراقمۇ ياندۇرمىدى. شۇڭا «بۇ يەر ئەسلى داڭلىق قاچاق ھاجىلار يولىكەن» دېگەننى پەملىدۇق. ئاڭغىچە ئىبراھىم تېلىفون قىلىپ «گۇگۇل قونۇمنى ئەۋەت» دېدى، ئەۋەتتىم. ئاندىن بىرەيلەن ئىككى كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ تۆمۈر دەرۋازا يېنىدىكى بىر يەردىن ئۆتۈپ كەتتى. رىشاتكىنىڭ بىر يېرى ئوچۇق ئىكەن شۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرساق، ئىبراھىممۇ يولنىڭ ئاۋۇ ياقىسىغا بېرىپ تۇرۇپتىكەن، «كېلىڭلار» دېدى. ئوتتۇرىدىكى توپىلىق يەرنى كېچىپ ماشىنىغا چىقتۇق.

ھېلىقى ساقچى توسۇقىنىڭ ئىچ تەرىپىدە ئىدۇق. ئىبراھىم بىزنى قويۇپ، ئۆزى ماشىنىدا يالغۇز توسۇقتىن ئۆتۈپتۇ، يولدىمۇ نەدە ساقچى بار، ھوشيارلىق بىلەن ئوڭ سولغا قاراپ ماڭاتتى، «بۇ يامان ئوغرىكەن» دېيىشتۇق. يولغا چىقتۇق، «ئەمدى ساقچى ئۇچرىسا قورقماڭلار، نەگە بارىسىلەر دېسە چۈشەنمىگەن بولۇپ، ئۈندىمەي تۇرۇڭلار» دېدى. «نەرگە ئاپىرىمەن» دېۋىدى، «كۇدەي» دېدۇق. بىز ئۈچ يەرگە باراتتۇق، بۇ ئىبراھىمغا ئانچە ياقمىدى. ئەسلى ئىشنىڭ يولى – قاچاقچى بىزنى مەككىگە ئەكىرىپ، پۇلىنى ئېلىپ، تاكسىغا پۇلنى بېرىپ بىزنى سەپ قوياتتى. كەلگىنىمىزدە كەچ سائەت ئىككىلەر بولغان ئىدى. تاكسىمۇ يوق، بىرەسى ئۇچرىغاندا ئۇ چاقىرسىمۇ توختىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىلە بولۇپ «نەگە بارىمەن» دېسە، بىز ئۈچ ئورناغ چىقاردۇق. بولمىسا ئۈچىلىمىز كۇدەيگە بارىدىكەنمىز، ماڭا-ماڭا قارىساق تۈركىيەدىن كەلگەن ئاداشنىڭ ئورنى بىزنىڭ يولدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تاشلاپ قويماقچى بولۇپ توختاپ چۈشكەندە، ئۇ تۆت يۈز ئەللىك رىيال تەڭلەپ تۇرۇۋالدى. ئىبراھىمنىڭ سەپراسى ئۆرلەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، «بىز 600 دېيىشكەنغۇ، ساقچى كەلسە قانداق قىلىسەن، ئۇ بۇ..» دەپ قورقاق سالغىلى تۇردى. ئۇ كىمگە تېلېفون قىلدىكىن، بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ 600گە ئۇنىمىدى. باشقىلارمۇ بىر تۇتۇلۇپ ئاخىرى مەككىگە كىرگىنىگە خوش بولغاچ، «ۋاي بېرىڭە 600 نى» دېدى. ئۇنىڭمۇ جىددىيلەشكىنىدىن قولى تىترەپ تۇراتتى. يېنىدا ھەقىقەتەن رىيال يوق چېغىۋا، يۈز دوللارنى 370 رىيالغا ھېسابلاپ يەنە قوشۇمچە رىيال بەردى. ئىبراھىم كۆكەمىلىك قىلىپ، «بۇ 300 ياكى 320 رىيال» دەپ تۇرىۋالدى. ھېلىقى ئاداشمۇ ئۇنىمىدى. ئالدىدا ئولتۇرغان ئاپام قورقۇنچلۇقتا «بولدى قالغان 50 رىيالنى مەن بېرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يولغا چىقتۇق. ئىبراھىم بىزگە «سىلەر بىرىڭلار ماڭا 600 دىن جەمئىي 2400 رىيال بېرىسىلەر» دېدى. يەنە ئىككى يەرگە بارىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ، ھېلىقى قىرغىزىستانلىقلارغا «ئەمسە ماڭا يەنە 50 رىيال بېرىسىلەر» دېدى. بىزنىڭ ياتاققا كەلگەندە، ئاپام ئىككىمىزنىڭ پۇلىنى بەرسەم، ئاپامغا «سەن ماڭا 50 رىيال بېرىمەن دېگەنتىڭغۇ» دەپ تۇرىۋالدى، ئەلپازىمنى بۇزايمىكىن دەپ بولغۇچە، ئاپام «ۋاي ئال ساڭا ھالال بولدى» دەپ پۇلنى رازى بولۇپ بەردى. ھېلىقى ئىككەيلەن بىلەن خوشلىشىپ قالدۇق.

ئەمدىلاكىم، ئەركەكلىك قىلماقچى بولغانلارغا ئىككى ئېغىز تەكلىپ. مەنمۇ بوزەك بولۇشنى ياقتۇرمايدىغان، قويمىچىغا بوش كېلىشنى خالىمايدىغان بىرسى. بۇ يەردە شوپۇر ئىبراھىمنىڭ كۆكەمىلىك قىلىپ يۈز دوللارنى ئاران 320 رىيالغا تەڭ دەپ تۇرىۋېلىشى، ماشىنا ماڭغاندىلا باھانى 100 رىيال ئۆستۈرىۋېلىشى ئېنىق خاتا. لېكىن، ئاۋۇ تۈركىيەدىن كەلگەن ئاداشمۇ يا يانغا يېتەرلىك رىيال سالماي، يا بىرەسىمىزدىن قەرز سوراپ تۇرماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ، «مەن ئەڭ ئاخىرىدا چۈپ قالاي» دېمەستىن بىرىنجى بولۇپ چۈشىۋالغىنى قىززىق. بۇرادەرلەر، ئەركەكلىك قىلماقچى بولساڭلار، باشقىلارنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چۈشۈپ قېلىپ، قويمىچى بىلەن قوچاقلىشىپ سۆھبەتلىشەمسىلەر، ئىلمىي مۇنازىرىلىشەمسىلەر، مۇشلىشامسىلەر، نېمە قىلساڭلار بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ سىلەر بەرمىگەن پۇلنى ئاخىرى يەنە بىزدىن ئالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە، مۇبتەدى، ھەۋەسكار ئەركەكلەرگە ئوغاۋالىدارچىلىقنىڭ يولىنى بايان قىلىش لازىم بولۇپ قالدى.

ئەلقىسسە، كەلسەك مەككىدىكى تونۇشىمىز ئۇخلىماي ساقلاپ تۇرۇپتىكەن. كەچ سائەت ئۈچلەر بىلەن ياتاققا ئامان ئېسەن ئورۇنلىشىۋالدۇق. ئەلھەمدۇلىللەھى رەببىلئەلەمىن. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى سالغان يولدا تۇتۇلۇپ قالساق، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىكلەر بىلەن ئۇقۇشۇپ، بىزنى مەككىگە قايتا يولغا سەپ قويىشى، بەزى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغىنى بىلەن، يەنىلا خۇشاللىنارلىق ئىش دېمەي تۇرالمايمەن. بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىزنالارنىڭ بىرى بولسا كېرەك… دەپمۇ قالدىم.

  1. تەمەتتۇئ ئۆمرە

بامداتنى ئوقۇپ، پېشىنغىچە ئۇخلاپتۇق. قوپۇپ بىر دۇكانغا چىقىپ ئېھراملىق ئېلىپ، ياتاقتا كىيىپ، ئاپام بىلەن ھەرەمگە ماڭغىلى تەرەددۇت قىلدۇق. ئارىلىقتا بىزنىڭ تونۇش، ماڭا ھەج ئىفرادنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى، تەمەتتۇئ قىلىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى. بۇنى بىر قارىمدىن سوراپتۇ. ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ سوراپتى شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. مەنمۇ تۈركىيەدىكى بىر تالىبۇلئىلىم بۇرادەردىن بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى سورىدىم. چۈنكى ماڭا «ھەج ئىفرادقا، مەككىلىك بولۇشى كېرەك» دېگەن شەرتنى قوشۇۋېلىشى يوچۇن تۇيۇلغان ئىدى. ماڭا ئۇيغۇرچە كىتابلاردا بولسۇن، يەنە باشقا ئىككى تىلدا توردىن ئىزدەشتە بولسۇن، «ھەج ئىفرادقا مۇنداق شەرت بار» دېگەن گەپ ئۇچرىمىغان. پەقەت مالىكىيلار ھەج ئىفرادنى تەمەتتۇئدىن ئەۋزەل دەپ قارايدىكەن. يەنە مەككە يەرلىكلىرىنىڭ ئىفراد قىلىشى ئەۋزەل دەپ قارىلىدىكەن. ئەۋزەل بىلەن شەرت، مۇستەھەب بىلەن پەرز، مەكرۇھ بىلەن ھارام – ئىككىسى ئىككى گەپتە!

شۇنداق قىلىپ، تونۇشىمىز «چۈش ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئاز، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆمرە قىلىۋالساڭلار ياخشى» دەپ، بىزنى كۇدەي ئاپتوبۇس بېكىتىگە تاشلاپ قويدى. بۇ يەردىن ھەرەمگە بىكارلىق ئاپتوبۇس بار ئىكەن. ئون مىنۇتقا قالماي ھەرەمگە باردۇق (بىرلا توختاۋ). بېرىپ بۇرجى سائەتنىڭ تېگىدىن چىقتۇق. مەسجىدى ھەرەمگە كىرگۈچە ئالدىمىزدىكى ئەر-ئايالنى توستى، بىز ئاستا ئۆتۈپ كەتتۇق. ئاللاھقا شۈكرى.

ئېسىمنى بىلىپ ئاپامغا بۇنداق يېقىن مېڭىپ باقماپتىكەنمەن. تونۇشىمىز «ئەر-ئايال، ئانا-بالىلارنى بەك توسمايدۇ. يەككە ئەر، گاڭگىراپ يۈرگەنلەرنى بەكرەك توسىدۇ» دېگەن ئىدى. مەن ھەجگە بېلەت ئالغۇچە ئاپامغا ياخشىلىق قىلىش نىيىتىدە، مەن بىللە ئەكەلمىسەم ئەمدى ئاپام ھەجگە كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. بەلكى ئاپام مېنىڭ تۇتۇپ قايتۇرىۋېتىلمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. «كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر» (41-سۈرە فۇسسىلەت، 46-ئايەت).

ھەرەمگە كىرىۋالغاندىن كېيىن ئانچە تەكشۈرۈپ كەتمەيدىكەن. كېلىشىمىزگە ئەسىر بولىۋېدى. ئوقۇپ ئاندىن سەھنىدىلا تاۋاپ قىلدۇق. ئادەم ھەقىقەتەن ئاز ئىدى (يەنى ئادەتتىكىگە نىسپەتەن). گەرچە كەئبىنى تۇتۇپ، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلاش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، يەنىلا بىرمۇنچە كىشى بولغانلىقتىن، ئاپام بىلەن بەك ئۇرۇنمىدۇق. تەخمىنەن 50 مىنۇتلاردا تاۋاپ تۈگىدى. ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، سەئيى قىلدۇق. ئادەم ئازلىقتىن كىشى سالقىنلىق ھېس قىلاتتى. 6-7-مېڭىشقا كەلگەندە كىشىلەر كۆپىيىپ قالدى. سەئيىگە بىر سائەت كەتتى. ئاندىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كۇدەيگە قايتىپ تاكسى توسۇپ ياتاققا قايتتۇق. ئون مىنۇت كەتمەيدىغان يولغا، 30 رىيال.

مەن دېلىغۇللۇقتا تاۋاپ ۋە سەئيىنى نىيەت قىلىپ، ئاندىن چاچنى چۈشۈرمەي جاۋاب ساقلاپ تۇردۇم. ھەج ئىفراد نىيەت قىلغانلار كېيىن تەمەتتۇئغا ئۆزگەرتسە بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى چاچنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقتىم. ئەسلى باشتا ھەج ئىفرادقا نىيەت قىلغاچقا، ھەمدە تەۋرىيەگە ئىككى كۈنلا قالغان بولغاچ، ئىفراد قىلىۋەرسەممۇ بولاتتى. لېكىن ھەنەفىيلەر تەمەتتۇئنى ئەۋزەل دەپ قارىغانلىقى ۋە ئېھراملىق مەسجىدكە چىقىپ يۈرۈپ بەك دىققەتنى قوزغاپ قويماي دەپ، تەمەتتۇئ قىلىشنى نىيەت قىلدىم. شۇ كۈنى چامدانلارمۇ كەلدى. نەسرىدىن ئاكاش چامدانلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىزگە جەمئىي 344 رىيال بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى چامداننى تونۇشۇم بېرىپ ئەكېلىۋالدى. ھەدىيە قۇربانلىققا تونۇشىمىزغا دەپ مەككىدىكى قەشقەر قۇشخانىسىدىن بىر قوينى 200 دوللاردىن تىزىمغا ئالدۇردۇق (2024-يىلقى باھا). ئاندىن نامازغا مەسجىدكە چىققاننىڭ سىرتىدا، ياتاقتا تەۋرىيە كۈنىنى ساقلاپ تۇردۇق.

  1. تەۋرىيە

بۇ يىلى تەۋرىيە كۈنى، يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8-كۈنى، جۈمە كۈنىگە توغرا كەلدى. قاچاق ھاجىلار ئۈچۈن مىناغا قانداق چىقىش بىر مەسىلە بولدى. تەۋرىيەنىڭ ھارپىسى ياندىكى مېھمانخانىدىن سورىسام، شامدىن كېيىن بەش ماشىنا كېلىپ، مىناغا ئېلىپ ماڭىدىكەن. لېكىن بۇنى «سۈرىيەلىك ھاجىلارنىڭ» دېدى، «چىقىۋالالامدۇق» دېسەم «ياق» دېدى.

شۇڭا ئەمدى ئاساسەن ئۈچ ئۆتكەلدە تۇتۇلۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن دەپ ئويلىدىم. مىناغا چىقىش، ئىفازەت تاۋىپى، ۋىدا تاۋىپى. بۇنىڭ ئىچىدە مىناغا چىقىشتا توسۇلۇش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى ئىدى. چۈنكى ئىچىگە بىر كىرىۋالساقلا، باشقا پائالىيەتلەرنى نەچچە مىليون ھاجىلار بىلەن بىللە قىلغاچقا، قىستاڭچىلىقتا ئادەم تۇتۇپ تەكشۈرۈشمۇ تەس ئىدى. كېيىن ئۇقسام، تەۋرىيە كۈنى مىناغا ياكى (مىناغا چىقالمىغان بولسا) ئەرافات كۈنى ئەرافاتقا چىقىشتا توسۇلۇپ قالمىسىلا باشقا توساق يوق ئىكەن.

تونۇشۇم بىلەن مەسلەھەتلىشىپ جۈمەنى كۇدەيدە ئوقۇپ بولۇپ چىقماقچى بولدۇق (ئۇمۇ ئايالى بىلەن ھەج قىلماقچى). ئىككى كۈن بۇرۇن ۋاتسئاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ يول ئۇقۇشۇش توپى قۇرۇلۇپتىكەن (مەككە-مەدىنە، سەئۇدىغا ئائىت توپلارغا كىرىپ تۇرسا يېڭى توپلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالىدىكەن)، شۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئوغۇز ئاشخانىسى ئارقىسىدىكى مەسجىدنىڭ يېنىدىكى ئاپتوبۇسلارنى ئۇقۇشقانلىق خەۋىرى كەلدى. بامداتتىن يېنىپلا كىشىلەر (قانۇنلۇق) ھاجىلارنى توشۇيدىغان بەزى ئاپتوبۇسلار بىلەن دېيىشىپ ئوڭۇشلۇق چىققىلى تۇرغانلىق خەۋىرى كەلدى. پىيادە ماڭغانلارنى قايتۇرىۋېتىپتۇمىش. بىزمۇ جۇمەدىن يېنىپلا تەييار بولغان، ئۇنى بۇنى ساقلاپ دېگەندەك سائەت ئۈچلەرگە يېقىن ئاپتوبۇس بار يەرگە بارساق، تەقرىبەن يۈزدىن ئارتۇق كىشى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. بىر ئاپتوبۇس كېلىپ باشقىلار كېتىپ چىقالمىدۇق. يەنە بىرسى كېلىپتى چىقىۋالدۇق.

ئارىمىزدا بىر ئۆزبېك بېدىك باھانى 100 دوللار دەپ 7-8 ئۆزبېك ھاجىدىن 100 دوللاردىن ئالدى. قالغان (40 تەك) ئۇيغۇرلاردىن ئالمىدى. بىز شوپۇر بىلەن دېيىشىپ 100 رىيالغا ئولتۇردۇق. ھېلىمۇ ياخشى مىناغا چىقىۋاپتۇق، كېيىن قالغانلارنىڭ مىناغا چىقالمىغانلىق خەۋىرىمۇ كەلدى. (شوپۇر قاچاقچى بولغاچ، قاچان توختىغۇسى كەلسە، شۇ چاغدا توختايدۇ-دە. كېيىن ئۇقساق، ئەرتىسى مەككىدىن ئەرافاتقا مىڭ رىيالغا چىققانلارمۇ بار ئىكەن.)

بىزنى مىنادىكى مەسجىدى كۇۋەيت يېنىغا ئەسىردىن سەل كېيىنرەك ئاپاردى. بېرىپ، بىر قانچەيلەن جامائەت بولۇپ ئەسىرنى ئوقۇۋالدۇق. مەسجىد ئىچى خېلى سوغۇق ئىدى. مەسجىد ئىچىدە تونۇشۇمنىڭ تونۇشلىرى بىلەن يىغىلىپ، مەن ئاپام بىلەن، قالغانلىرى ئاياللىرى بىلەن، 7 جۈپ كىشى بولۇپتۇق. بۇرۇن ھەج قىلىپ باققانلارمۇ بولغاچقا يېرىم كېچىدىن كېيىن مېڭىپلا ئەرافاتقا كېتىپ، مەسجىدى نەمىرەدە بامداتنى ئوقۇماقچى بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، 12:20 لەردە ئاستا يۈرۈپ كەتتۇق. ئارىلىقتا مىنادىن مېتروغا چىقىپ 15 مىنۇتتىلا ئارافاتقا كېلىپ بولغانلارنىڭ خەۋىرى كەلدى. بىزمۇ تەما قىلىپ، مۇزدەلىفەگە كەلگەندە، كۆرۈنگەن مېترو بېكىتىگە بارىمىز دەپ بىر سائەتتىن كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلدۇق ھەم ھاردۇق. ئەسلى بۇ بېكەت تاقاقلىق بولۇپ، ئەتە ئاچاتتىكەن. شۇنداق قىلىپ بامداتنى يولدىلا، ئەرافاتقا بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا قالغاندا ئوقۇدۇق. ئەگەر ئۇدۇل ماڭغان بولساق، ئالدىرىماي مېڭىپمۇ مىنادىكى كۇۋەيت مەسجىدىدىن ئەرافاتقا تۆت سائەتلەردە بېرىپ بولغىلى بولىدىكەن.

  1. ئەرافات

شۇنداق قىلىپ، زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى، ئەرافات كۈنى، كۈن چىقىپ بىرە سائەت بولا-بولمايلا ئەرافاتتىكى نەمىرە مەسجىدىگە كەلدۇق. نەمىرە مەسجىدىنىڭ (جەنۇب) مېھراب تەرەپتىكى بىر قىسمى ئارافاتقا تەۋە ئەمەس بولۇپ، يېشىل چىراقلار بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىدى.  مەسجىد سىرتىدا ئارافاتنىڭ چېگرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سېرىق رەڭلىك چوڭ رەھنەما بار ئىدى. بىز بارغاندا مەسجىد خېلى توشۇپتىكەن، بىرە سائەتتەك چۆگىلەپ ئورۇن تېپىپ شاققىدە يېتىۋالدۇق. مەسجىد ئىچى سوغۇق بولغاچ، ئۇخلاش خالتىسى ياكى قېلىن ئەدىيال ئېلىۋالمىسا كىشى توڭلايتتى. 11 گىچە ئۇخلاپتۇق. قوپسام مەسلەھەت تېشىغا چىقىپ تاھارەت ئېلىش بولۇپتۇ. چىقىپ كەتسەك كىرەلمەيتۇق، بەزىلەر مەسجىد ئىچىدىلا بار سۇلىرى بىلەن تاھارەت ئېلىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ چىقىپ كەتتۇق. چىقىپ، مەسجىدنىڭ ئارقىسىدا 50 مېتىر كېلە-كەلمەيدىغان بىر ھاجەتخانىغا بېرىپ بولغىچە، ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بىر سائەتچە ۋاقىت كەتتى. تاھارەت ئېلىپ، ئاياللارنى ساقلاپ تۇردۇق. ئاڭغىچە پېشىننىڭ ۋاقتى (12دىن 10-20لەر ئۆتكەن چاغ) كىردى. ھاجەتخانا ئالدى ھەم توپا، ھەم سېسىق ھەم بېسىق ئىدى. شۇڭا يولغا چىقىپ، يەنە ئارقىغىراق مېڭىپ، سېرىق رەھنەمادىن ئۆتۈپ تۇرساق، ياندىلا بىر قانچە كىشىلىك ئورۇن كۆرۈندى. ئەدىيال، كۆرپىلەرنى سالايلى دەپ تۇرساق، ئىقامەت چىققىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورۇندا ئاياللار، بىز ئالدىدىكى ئەرلەرنىڭ سېپىدە، پېشىن ۋە ئەسىرنى جەملەپ، قەسىر قىلىپ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇۋالدۇق. پېشىننى ئەزان چىقىشى بىلەنلا ئوقۇمايدىكەن، بىرەر سائەت خۇتبە ئوقۇغان چېغى، نامازنى سائەت 13دىن ئاشقانداراق ئوقۇپتۇق.

نامازدىن كېيىن، تۆتەيلەن رەسمىي ئەديالنى كۆرپىلەرنى سېلىپ، كۈنلۈكلەرنى ئېچىپ، يول بويىدىكى يەردە ئولتۇردۇق. تېخى ناشتىلىقمۇ قىلمىغان، سومكىغا نان-پان، بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋالغان، شۇنى يەپ، سۇ ئىچىپ بىزە جان كىردى. مەسجىدتىن چىقىپ، تاھارەت ئالغۇچە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندەك بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەتراپ ئەخلەت-چۇخلەت، ھاۋا ئىسسىق، ھەممەيلەن ئۆز ھالى بىلەن ئىدى. يول بويىدا سۇ جۈمەكلىرى بولۇپ، كىشىلەر سۇدىن ئانچە قىينالمايتى. لېكىن، ئىسسىقتا ھەممەيلەن ئۆز ھالى بىلەن، ئاران زىكىر ۋە دۇئا قىلىشقا ماغدۇر بار ئىدى. بۇ يەردە بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەسجىد ئىچىدىكى تونۇشلاردىن يەنە مەسجىدكە ئادەم كىرگۈزىۋاتقانلىق خەۋىرى كېلىۋېدى، قايتىدىن كىرىپ باقماقچى بولدۇق. دەرۋەقە، ئىچىگە ئادەم كىرگۈزىۋاتاتتى. ئىچى يەنە ئەتىگەنكىدەك توشۇق، يەنە بىرە سائەت ئايلاندۇقمىكىن، يېشىل چىراق بار چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتمەي، بىر جايدا ئاران بىر قانچە كىشىلىك ئورۇن تېپىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. يالغۇز كىشى قىستىلىپ كىرىۋالىدىغانغا ئورۇن ئاندا-ساندا چىقىپ تۇرسىمۇ، بىز تۆتەيلەن (مەن، ئاپام، تونۇشۇم ۋە ئايالى) پاتىدىغان يەرنى تېپىش تەسكە چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، شامغىچە، دۇئا زىكىر قىلىپ تۇردۇق. ئارىلىقتا بىرە سائەتتەك ئۇخلاشقىمۇ ۋاقىت چىقتى. سائەت 16-17 لەردىن باشلاپ كىشىلەر بارا-بارا مەسجىدتىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى. بىز سۈننەت بويىچە شامنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئاندىن چىقىپ، مۇزدەلىفەگە ماڭماقچى بولدۇق. ئاڭغىچە باشقىلار بىلەن تېپىشىپ ئەزاننى ساقلاپ تۇرساق، ساقچىلار كېلىپ ھەيدىگىلى تۇردى. سورىساق، شامغا ئەزان چىقمايدىكەن. بۇ مەسجىدتە پەقەت يىلدا ئىككى ۋاخلا ناماز ئوقۇلسا كېرەك؟

  1. مۇزدەلىفە

شۇنداق قىلىپ ھېيت (زۇلھەججىنىڭ ئونىنجى) كېچىسى، مۇزدەلىفەگە قاراپ پىيادە ماڭدۇق. كىمدىنكىن-تاڭ، يەنە مېتروغا چىقىشنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، سەككىز جۈپ كىشى، ئادەم دېڭىزىدىن مېترو تەرەپكە ماڭدۇق. بىر سائەتتەك مېڭىپ، ئاپتوبۇس بېكىتى يېنىدىكى يەرگە كەلسەك، ساقچىلار پەقەت (قانۇنلۇق ھەج قىلغان ۋە مېترو بېلىتى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان سۇلياۋ) بىلەيزۈككى بارلارنىلا كىرگۈزىدىكەن. بىز مىناغا چىققۇچە تونۇشۇمنىڭ بىر تونۇشى بىزگە بىر قانچە يالغان بىلەيزۈك بەرگەن، ئۇنى كۆرسەتسەك ئاقمىدى. ياندىكى ئاپتوبۇسلارنى سۈرۈشتۈرسەك، ھەممىسى ئۆز ئادىمىنى ئالىدىكەن. كىرا قىلىدىغان مىيەنباۋ لادىن سورىساق، كىشى بېشى 300 رىيال ئىكەن. كوزۇپى ئوچۇق ماشىنىنىڭ 250 رىيال ئىكەن. ئارىلىقتا بىر ھىندىستانلىق ھاجىلارنىڭ ئاپتوبۇسى بوش چېغىۋا، ئاياللارنى ھەقسىز ئېلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئەرلەرمۇ خاتىرجەم بولۇپ، پىيادە مېڭىپ كەتمەكچى بولدۇق.

مۇزدەلىفەگە بىر-ئىككى كىلومېتىر قالغاندا كەچ سائەت 12دىن ئېشىپ كەتتى، يول يەنە مىغ-مىغ ئىنسان ئىدى. بىز تېخى مۇزدەلىفە مېترو 1-بېكەتكە كەلمىگەن، ئىككى تاغچاقنىڭ ئارىسىدىكى جىلغىدا ئىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن ھەج قىلىپ باققان بىر داموللا مۇزدەلىفەدىكى مەسجىددىن ئۆتۈپ كېتىپ، مىناغا يېقىنراق يەردە قونۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئارىمىزىدىن بەزىلەر (ھارغىنلىق ياكى ھورۇنلۇقتىن) مۇشۇ يەردىلا ئۇخلاپ ئەتىسى مېڭىشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇرۇن ھەج قىلىپ باققان يەنە بىر «داموللا» مۇشۇ يەرنىڭمۇ مۇزدەلىفەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇشۇ يەردە قونىدىغان بولدۇق. يولدا قونغىدەك يەر يوق ئىدى. بەزىلەر يولنىڭ بويىدىلا ئورۇن سېلىپ ياتقان بولسىمۇ، يولدا ئادەم كۆپ بولۇپ، يول بويى ئاساسەن ئىگىللىنىپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ بەزى كىشىلەر قىلغاندەك سولدىكى تاغنىڭ باغرىدىلا ياتماقچى بولدۇق. تاغدا تىكەنلىك ئۆسۈملۈك كۆپ بولۇپ، بىر تۆپىگە چىقىپ تىكەن ئازراق يەرگە ئەديال-كۆرپىلەرنى سېلىپ شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇۋالدۇق. بامداتقا ئاز قالغاندا قوپۇپ، ياندىكى سۇلار بىلەن تاھارەت ئېلىپ، بامداتنى ئوقۇپ، تاغدىن چۈشۈپ، مىناغا يۈرۈپ كەتتۇق. كېيىنچە تونۇشۇم ئىككىمىز سۈرۈشتۈرسەك، ياتقان يېرىمىز مۇزدەلىفەگە تەۋە ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىك تۈپەيلى بىر فىدىيە قۇربانلىق قىلدىغان بولدۇم (200 دوللار).

تەۋسىيە: قاچاق ھەج قىلغاندا، يالغان ئىسپات-بىلەيزۈكىڭىز بولسىمۇ، ئوڭۇشلۇق مېتروغا چىقالىشىڭىز ناتايىن، شۇڭا بىرسى سىزگە يۈزدە يزۈ مېتروغا چىقالايدىغانلىقىڭىزغا كاپالەت بېرىپ، چىقالمىسىڭىز مىڭ دوللار بېرىدىغان بولسا، ئاندىن ئارقىسىدىن مېڭىڭ. قۇرۇق ئېھتىماللىق ئۈچۈن يول يۈرۈپ ھېرىپ قالماڭ.

تەۋسىيە: ئەرافات، مىنا، مۇزدەلىفە دېگەن يەرلەرنىڭ چېگرالىرىنى ئوبدان ئېنىقلاپ، ئىچىگە تولۇق كىرىڭ. بولمىسا، ئەرافاتقا كىرمىسىڭىز ھەج قوبۇل بولمايدۇ. باشقا يەرلەر ئۈچۈن، فىدىيە قىلىش كېرەك بولۇپ قالىدۇ. دېققەت، بۇرۇن ھەج قىلىپ باققان «داموللام»لارمۇ بۇنى ئېنىق بىلىشى ناتايىن، سىز ئالدىن دەلىل بىلەن بىلىۋېلىڭ، زىتلىق سۆزلەرنىڭ دەلىلىنى سوراڭ.

  1. ھېيت

زۇلھەججىنىڭ 10-كۈنى، ئەتىگەن سائەت 5:30 لاردا يولغا چىققان ئىدۇق. ماڭا-ماڭا كىشىلەر كۆپەيگەن يەردە، يەتتە-سەككىز كىشى ئالدى-ئارقىغا قاراپ بىر-بىرىمىزنى ساقلاپ مېڭىش تەس بولۇپ، تونۇشۇم ئىككىمىزلا قالدۇق. سەككىزگە يېقىن جاماراتقا (شەيتانغا تاش ئاتىدىغان جايغا) بارىدىغان ئۈستى ئېتىك تونىلسىمان يەرگە كەلدۇق. بۇ يەرنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە بىر سائەتتەك بەك قىستاڭچىلىق بولغان ئىدى. ئەمدى تونىل ئىچىدە قانچىلىك قىستىلارمىز دەپ تۇرغان. تونىلدا بىر ئاز مېڭىپلا كىشىلەر خېلىلا شالاڭلاپ قالدى. بەزىلەر تونىلغا كېلىپلا يولنىڭ بويىدا ئولتۇرىۋالغاچ (سايە ھەم سالقىن دەپ)، يول تارىيىپ، توسقاق بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم شالاڭلاپ قالغان يەردە تېزراق مېڭىپ، جاماراتقا بىر دەمدە بېرىپ قالدۇق. چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندا قارىسام سائەت 9:30 لا بولۇپ قاپتۇ.

ئاندىن مەسجىدى خەيف تەرەپتىكى تونىلدىن چىقىپ، ياتاققا قايتماقچى بولدۇق. ئىككەيلەن تونىلدىن چىقساق، بىر موتو ئۇچرىدى، كۇدەيگە (10، كۆپ بولسا 15 مىنۇتلۇق يول) يۈز ئەللىك رىيال دېۋىدى، ئۇنىمىدۇق. ئاندىن بىر قانچە تاكسى، قارا تاكسى سورىساق، ئەرزىنى كىشى بېشىغا يۈز رىيالدىن ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن كۇدەي تەرەپكە پىيادە ماڭدۇق. ياتاققا ماشىنىدا 5 مىنۇتلۇق يول قالغاندا، بىر قارا تاكسى توسۇپ 50 رىيالغا دېيىشىپ، چىقتۇق. كېلىپ ساتىراچخانىدا 20 رىيالغا چاچنى چۈشەرتىپ، ئېھرامدىن چىقتۇق.

ئاندىن مۇنچىغا چۈشۈپ ئاندىن بىرئاز تاماق يەپ بولۇپ، دىگەردىن كېيىن ئىفازەت تاۋىپى قىلغىلى ماڭدۇق. ئىفازەت تاۋىپىنى كىيىملىك قىلدۇق. مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئېھرامدىن چىقىپ، كىيىمى بىلەن تاۋاپ قىلىدىكەن. بىر قانچىنى ئايلىنىپ بولساق، شام بولدى، شۇنىڭ بىلەن جايىمىزدا ناماز ئوقۇۋېلىپ، داۋام قىلدۇق. سەفا-مەرۋەدە سەئيى قىلىۋاتقاندا خۇپتەن بولىۋېدى، نامازنى شۇ يەردىلا ئوقۇپ، ئاندىن سەئيىنى تۈگىتىپ چىقىپ، بۇرجى سائەتنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى بىر بىنا ئىچدە تاماق يېدۇق. ئەرافات كۈنىدىن كېيىن تەكشۈرۈش بىراقلا بوشاپ كېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ساقچىلاردىنمۇ قورقماي، خاتىرجەم يۈردۇق.

  1. تەشرىق

تاماق يەپ ياتاققا قايتىپ، نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ، تونۇشۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن، مىنادا قونۇش ئۈچۈن، مەسجىدى خەيفنىڭ يېنىدىكى تونىلغا كەلدۇق. تونۇشۇم ماشىنىسىنى يېقىن جايغا توختىتىپ قويدى. مىنادىكى مەسجىدى خەيفكە كەلسەك، كەچ سائەت بىردىن ئېشىپتۇ. مەسجىدكە كىرەلمەي، ئارقىسىدا بىر يەر تېپىپ، ئەديال-كۆرپىلەرنى سېلىپ، شۇ يەردىلا ياتتۇق. بامداتنى جايىمىزدا ئوقۇپ بولۇپ، سۇ ئالغىلى جۈمەكلەر بار يەرگە بارسام، بىرمۇنچە كىشىلەر قايتىۋېتىپتۇ. بىز ئەرلەر مەسجىدكە ئاسانلا كىرىپ كېتەلەيتۇق. لېكىن ئاياللارنىڭ يېرى ئاز بولغاچقا، ئاياللار مەسجىدكە كىرەلمەيتتى. شۇڭا بىز ياتاققا قايتىپ ئۇخلاپ، چۈشتىن كېيىن شەيتانغا تاش ئاتقىلى قايتىپ كېلىپ، قونماقچى بولدۇق. تەشرىقنىڭ 1-كۈنى، يەنى ھېيتنىڭ 2-كۈنى، زۇلھەججىنىڭ 11-كۈنى مۇشۇنداق ئۆتتى. ھېلىمۇ كۈندۈزى ياتاققا قايتىقىنىمىز ياخشى بولۇپتۇ، تونۇشۇمنىڭ مەسجىدى خەيف ئەتراپىدا قېلىپ قالغان يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە. ئەتىگىنى ساقچىلار مەسجىد ئەتراپىدا تۇرغان كىشىلەرنى تۇرغۇزماپتۇ. ئۇلار ئىسسىقتا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ خېلى قىينىلىپتۇ.

تەشرىقنىڭ 2-كېچىسى، يەنى زۇلھەججىنىڭ 12-كۈنى كەچتە يەنە يەر يوق، مەسجىدنىڭ ئەتراپىدا تۇردۇق. بارغۇچە ئاپامنىڭ مىجەزى يوق. تونېلغا بارىدىغان دۆڭدىن بىر ھاۋىچى ئېلىپ چىقتى، تونېلدىن ئۆتۈپ بىر دوقمۇشقا ئەكەپ قويغىنىغا يۈز رىيال دېيىشتۇق. بامداتقا يېقىن، تونۇشۇم ئىككەيلەي مەسجىدى خەيفكە كىرەيلى دېسەك، تەسرىق؟ (قانۇنلۇق ھاجىلارنىڭ ئىسپاتى) تەكشۈرىۋېتىپتۇ. چىققۇچە تونۇشۇم بىر ساقچىنىڭ ئايپەدتە چىققانلارنى بىر بىرلەپ سۈرەتكە ئالغاننىڭ گېپىنى قىلدى، مەن دىققەت قىلماپتىمەن. شۇنداق قىلىپ، تۈنۈگۈنكىدەك، يەنە قايتىدىغان بولدۇق.

ئاپامنىڭ قەتئىي مىجەزى يوق، ھارۋىچى سۆرەپ ماڭدى، يۈز رىيالغا دۆڭدىن چۈشۈپ، تاكسى توسىيالايدىغان يەرگە بارىدىكەن. 50 دېسەم ئۇنىمىغانتى، يۈزگە مېڭىۋەردۇق. راست دېگەندەك تونىلدىن چىقساق، قارا كىيىملىك ساقچىلار كىشىلەرنى توختىتىپ رەسىمگە تارتقىلى تۇرۇپتۇ، بىز (ئىككى ساقچى) باشقىلارنى رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ئاستا ئۆتۈپ كەتتۇق، ئاللاھقا شۈكرى. بىرسى پالاقشىپ يۈگرەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇپتى، ساقچىلار تۇتىۋالدى.

شۇنداق قىلىپ دەككە-دۈككىچىلىك يەنە باشلاندى. پېشىندىن كېيىن تاش ئاتقىلى تونۇشۇم ئىككمىز كەلدۇق (مەن ئاپام ئۈچۈن تاش ئېتىۋەتتىم، ئۇ ئايالى ئۈچۈن). قارىساق ئەتىگەنكى تەكشۈرۈشلەر يوق. قارىغاندا مىنا ۋە مەسجىدى خەيف ئەتراپىدا كىشىلەر بەك يىغىلىپ، يول بويىدا يېتىۋېلىپ، ساقچىلار قوغلىسىمۇ ئۇنىماي، بەك تەستە قوغلىغان بولغاچقا، ئۇلار كىشىلەرنى بىر ئاز قورقۇتۇپ قويماقچى بولغان بولسا كېرەك… دېيىشتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن تەكشۈرۈشمۇ ئۇچرىمىدى. دىگەرگە ئۈلگۈرۈپ قايتتۇق، نامازنى ماشىنا توختاتقان يەردە ئوقۇپ ياتاققا كەتتۇق.

  1. ۋىدا تاۋىپى

ياتاقتىن ئاپامنى ئېلىپ، مەسجىدى ھەرەمگە سائەت 18لەردە باردۇق. ھارۋىدا تاۋاپ قىلدۇرىدىغانلاردىن سورىساق 700 رىيال دەپتى، ئاپام پىيادە تاۋاپ قىلىدىغان بولدى. بەش ئايلىنىش تۈگىگەندە شام بولۇپتۇ، جايىمىزدىلا ئوقۇپ، ئاندىن تاۋاپنى تۈگىتىپ، سائەت 20:20 لەردە ياندۇق (ئەسلى خۇپتەننى ئوقۇپ چىقساق بوپتىكەن…). ئاپتوبۇستا قايتتۇق.

كۇدەي بېكەتتىن چىقىپ يولدىن ئۆتۈپ (!)، قارا تاكسى توسۇپ قاپتۇق. 200-300 رىيالنىڭ گېپىنى قىلدى. خەرىتىگە قارىساق، پىيادە يېرىم سائەت ئەتراپىدا كېتىدىكەن. بىرسىدىن سوراپ بېقىپ، باھاسى مۇۋاپىق بولمىسا ماڭايلى دېسەك، بىرسى يۈز رىيالغا دەپتى، چىقىپ ساپتۇق. ئېسىت، ساقچىلار قايرىلىدىغان يەرلەرنى توسۇۋالغاچقا بىر يېرىم سائەت ئايلىنىپ، ئوندىن ئاشقاندا ياتاقنىڭ يېنىغا باردۇق. ھېلىمۇ تونۇشۇم ماشىنىدا ئاپىرىپ قويدى. 23:10 لار چامىسىدا بېكەتكە يېقىن كوچىغا كېلىپ (ئۇ يەرنىمۇ توسىۋېتىپتىكەن)، مېڭىپ كەتتۇق. بېكەتكە ئەمدى كەپ تۇرساق ئاپتوبۇسمۇ كەلدى.

ئەسلى كۇدەي بېكەتتە يولدىن ئۆتمىسەم بوپتىكەن دەپ قالدىم. چۈنكى تاۋاف قۇدۇم قىلىپ يانغاندا تاكسى يولدىن قايرىلىپ قارشى يۆنىلىشكە چىققان بولغاچقا، مەنمۇ يولدى ئۆتسەم قولايراق بولامىكىن دېگەن. يۈز رىيال دېگەن تاكسىچىمۇ بىر يېرىم سائەت ئايلانغىنىغا پۇشايمەن قىلىپ كەتتى. قاچاق كىرگەن تائىفنىڭ يولى تەرەپلەردىن ئايلىنىپ ئاران كەلدۇق. چۈشىدىغاندا تاكسىچى (خېلى ياخشى بالا ئىدى)، مۇشۇنداق ئايلانغىنىمىزغا 150 رىيال بېرىشىڭ مۇمكىنمۇ دەپتى. مەنمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى پەملەپ، تونۇشۇمدىن (ئۇمۇ ئاندا-ساندا قارا تاكسىچىلىق قىلىپ قوياتتى) سورىساق، باھانى ئاشۇرۇپ بەرمەسلىكىمنى، يۈز رىيالنى دەل مۇشۇ ئېھتىماللىقلار ئۈچۈن بېرىدىغانلىقىمىزنى، ئەسلىدە ئۇ يولنىڭ (ھەج مەۋسۈمى ئەمەس، يول توسالمىغان چاغ) بەش-ئون رىياللىق يول ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەر بالدۇرراق كەلگەن بولساق، ئاشۇرۇپ بېرىشىم مۇمكىنلىكىنى، لېكىن بىزنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىدىغانلىقىمىز ۋە كەچ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئارتۇق بېرەلمەيدىغانلىقىمنى دەپ، ئۆزۈر ئېيتتىم.

  1. كەتتۇق

شۇنداق قىلىپ، ئاپتوبۇسقا ئامان ئېسەن چىقىپ رىيادقا كەتتۇق. شەۋۋالدا تەكشۈرگىنىدەك، بېلەتنىمۇ تەكشۈرمىدى. ئاپتوبۇس لىق تولۇپتۇ. بىز بېلەتنى ھېيتتىن تۆت كۈن بۇرۇن ئالغان ئىدۇق. بىز ئالغاندا ئەللىك كشىلىك ئاپتوبۇستىن بەش-ئالتە ئورۇنلا قېلىپتىكەن. تاكسىدىكى چاغدا، كېچىكىپ قېلىش ئېھتىمالىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، بېلەتكە قاراپ باقسام، ئەتىسى چۈشتىن كېيىننىڭلا بېلىتى قاپتىكەن. ھېلىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇق، ئاللاھقا شۈكرى!

رىيادتا زەمزەم ئالماقچى بولۇپ، توردىن كۆرگىنىم بويىچە لۇلۇ تاللابازىرى (LuLu Hypermarket) غا بارسام، ئۇلار زەمزەم ساتمايدىكەن. ئايروپورتتىمۇ نەدە كىمنىڭ ساتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىدى. شۇڭا زادى رىيادتىن زەمزەم ئەكەتكىلى بولامدۇ، ئۇقمىدىم. ئىشقىلىپ، رىيادتا ئايروپورت ياكى لۇلۇ تاللابازىرىدىن زەمزەم ئالالمايسىز (2024). ئايروپورتتا (2-بېكەت) دىكى جامىئ خېلى چىرايلىق ئىكەن، شام ۋە خۇپتەننى ئىچىدە ئوقۇدۇم. ئادەم بەك ئاز، كىرىپ ئارام ئالسىڭىزمۇ، ئۇخلىسىڭىزمۇ بىرسى قوغلىمىغۇدەك.

ماڭغۇچە ئايروپىلان 2 سائەت كېچىكتى. ماڭغۇچە بامدات ۋاقتى بولۇپتىكەن، كىشىلەرنى ئەمدى ئايروپىلانغا چىقارغىلى تۇرغاندا قارىسام بەزى ھاجىلار (تاقىرباشتىن بىلىندى) ئايروپورت مەسجىدى تەرەپكە بامدات ئوقۇغىلى ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇلار بىلەن بېرىپ، تۇرساق ئەزان چىقتى، پەرزنى ئوقۇپلا قايتتۇق، چىقتۇق، ئۇچتۇق.

شۇنداق قىلىپ قايتىش بېلىتىمىزنى لۇفتانزا 3 سائەت كېيىنكى ئايروپىلانغا ئۆزگەرتىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىپتىكەن، بىز مېڭىشتا يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كەتكەن بىلەن، قايتىشقا ئالدىرىماي مېڭىپ، بىر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ دېگەندەك 80-90 مىنۇتلاردا ئاندىن ئالمىشىدىغان يەرگە كەلدۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىشتا تەكشۈرۈش تېز بولغان بىلەن، كىرىشتە تەسرەك ئىكەن. بېلەت ئالغاندا، ئالمىشىدىغاندا دېققەت قىلىڭ.

  1. خاتىمە

شۇنداق قىلىپ ھەجنىمۇ قىلىۋالدۇق، ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. قاچاق ھەج بىلەن قانۇنلۇق ھەجنىڭ چوڭ پەرقى – ئالدىنقىسىنىڭ ئەرزانلىقى، نۆۋەت كۈتمەسلىك ۋە قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە دەككە-دۈككىدە بولۇش قاتارلىقلاردۇر. قاچاق ھەج ئۈچۈن ئەگەر ۋاقىت بولسا، ئەرزان ياتاقنى ئۇقۇشۇپ، مەككىگە بالدۇر (قۇربان ھېيتتىن بىرەر ئاي بۇرۇن) ئېھراملىق كىرىۋېلىپ، ئۆمرىنى تاماملاپ، ئېھرامدىن چىقىپ (يەنى تەمەتتۇئ ھەج)، تەۋرىيە كۈنىگىچە ياتاقنىڭ ئەتراپىدىن يىراق كەتمەي تۇرۇپ، ئاندىن تەۋرىيە كۈنى يول ئۇقۇشۇپ مىناغا چىقىپ كېتىش، ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەن دەپ قارىدىم. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز مەككىگە قاچاق كىرمەي ئامال يوق.

مەككىنىڭ ئەتراپىنى قۇربان ھېيتتىن ئۈچ-تۆت ھەپتە بۇرۇن قامال قىلىپ (بۇ يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاندى، ھېيت 6-ئاينىڭ 16-كۈنى)، ھەج ۋىزىسى بولمىغانلارنى كىرگۈزمەيدۇ. پەقەت قاچاق يول بىلەنلا كىرەلەيسىز (چىغىر يوللاردىن پىيادە كىرگىلى بولسا كېرەك؟). ئەرافات كۈنىگە يېقىنلاشقانچە باھامۇ ئۆسۈپ ماڭىدۇ. تەۋرىيە كۈنى مىناغا چىقالمىسىڭىز، ئەرتىسى ئەرافاتقا چىقىشنىڭ باھاسىمۇ قىممەت. قاچاق كىرمەكچى بولسىڭىز، ساقچىغا ئۇچراپ قالغاندا يالغان سۆزلەپ قېلىش ئېھتىمالىڭىز يۇقىرى. ئەر كىشى ئېنىقلا ئېھرامسىز كىرگىنىگە فىدىيە بېرىشى كېرەك بولىدۇ (قوي قۇربانلىق قىلماقچى بولسىڭىز 200 دوللار).

ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ئىككى كىشىگە قانۇنلۇق ھەج ئۈچۈن، ياۋروپادا 14 مىڭ ياۋرو ئەتراپىدا كېتىدىغانلىقىنى ئۇقۇشقان ئىدىم. بىزگە ياتاق مىڭ دوللار، ئايروپىلان بېلەت 930 دوللار، يانغا ئالغان نەق پۇلدىن (رىيالغا تېگىشىپ) خەجلەنگىنى 1510 دوللار (قاتناش يېمەك-ئىچمەك ئىچىدە)، بىر فىدىيە قۇربالىق 200 دوللار، ئىككى ھەدىيە قۇربانلىق 400 دوللار، كارتىدىن تۆلىگەن پۇللار 406 دوللار…قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 4446 دوللار (4102 ياۋرو) پۇل كەتتى. (ئىككى ۋىزىنى قوشساق يەنە 220 ياۋرو)

ئەگەر تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى باھا ئانچە پەرق قىلمىسا، بولۇپمۇ ياشانغانلار ياكى ئاياللار بىلەن ھەج قىلسىڭىز، قانۇنلۇق ھەج قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىھۇدە دەككە-دۈككىدىن خالاس بولىسىز، ھەج جەريانىدىكى مىنا ۋە ئەرافاتتا چېدىرسىز قېلىش… دېگەندەك بەزى جاپادىن قۇتۇلۇپ قالىسىز.

بەزى ۋاتساپ توپلىرى (ھەجنىڭ يوللىرىنى ئۆز ئارا خەۋەر قىلىش، سەئۇدى تۈركىيە تىجارەت توپى، تۈركىيە سەئۇدى سودا ئۇچۇر توپى، ئۇيغۇر ساياھەتچىلىكى، مەككە-مەدىنە-جىددە تاكسى). بۇ توپلارنىڭ نومۇرلىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن. ھەجدىن بۇرۇن ياكى ھەج جەريانىدا مۇشۇنداق بىرەر توپقا كىرىۋالسىڭىز قالغانلىرىنىڭ ياكى يېڭىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ چىقىپ قالىدۇ.

  1. ھەجگە ئائىت بەزى فىقھىي مەسىلىلەر

مەن يولۇققان، كىتابلاردا تولا ئۇچرىمايدىغان فىقھىي مەسىلىلەرنى يېزىپ قويدۇم. ھەرقايسى ئۇلىنىشلاردىن تەپسىلاتىنى تاپالايسىلەر.

ئۈچ خىل ھەجنىڭ پەرقى:

ھەج تۈرى ئىفراد (يەككە ھەج) تەمەتتۇئ (بىرىكمە ھەج) قىران (ئۇلانما ھەج)
ھەدىيە قۇربانلىق ۋاجىب ئەمەس. قىلسا مۇستەھەب ۋاجىب ۋاجىب
نىيەت ئى ئاللاھ! مەن ھەجگە ھازىر بولدۇم ئى ئاللاھ! مەن ئۆمرە ۋە ھەج ئۈچۈن ھازىر بولدۇم ئى ئاللاھ! مەن ھەج ۋە ئۆمرىگە ھازىر بولدۇم
تاۋاپ قۇدۇم / ئۆمرە تاۋاپ قۇدۇم قىلىدۇ. خالىسا سەئيى قىلىدۇ. ئۆمرە قىلىدۇ. (يەنى تاۋاپ قۇدۇم ۋە سەئيى قىلىشى كېرەك. بۇ ئۆمرىگە تەڭ.) تاۋاپ قۇدۇم قىلىدۇ. خالىسا سەئيى قىلىدۇ.
ئارىلىقتا ئېھرامدىن چىقىش تاۋاپ قۇدۇمدىن كېيىن، چاچ چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقمايدۇ. ئۆمرىدىن كېيىن چاچ چۈشۈرۈپ ئېھرامدىن چىقىدۇ. تەۋرىيە كۈنى تۇرغان يېرىدىن قايتا ئېھرامغا كىرىدۇ. تاۋاپ قۇدۇمدىن كېيىن، چاچ چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئېھرامدىن چىقمايدۇ.
ئوخشاشلىق تەۋرىيە كۈنىدىن باشلاپ، ھەج ئاياغلاشقىچە ئاساسەن ئوخشاش.

پەرقلىرى ھەدىيە قۇربانلىقى ۋە ئىفازەت تاۋىپىدا ئايرىم سۆزلەندى.

تاۋاپ ئىفازەت تاۋاپ قىلىشى كېرەك. سەئيىنى تاۋاپ قۇدۇم بىلەن قىلغان بولسا، قايتا قىلمىسىمۇ بولىدۇ. تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىشى كېرەك. تاۋاپ قىلىشى كېرەك. سەئيىنى تاۋاپ قۇدۇم بىلەن قىلغان بولسا، قايتا قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

پەتىۋا: مىقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتكەندە (ھەج يا ئۆمرىگە) نىيەتلىك ئۆتۈش بىلەن نىيەتسىز ئۆتۈشنىڭ فىدىيەسى پەرقلىقتۇر. نىيەتلىك ئۆتۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

پەتىۋالار (ئېنگلىسچە): ھەج ئىفرادقا نىيەتنى مىقاتتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەتتا تاۋاپ قۇدۇم ۋە سەئيىنى قىلىپ بولۇپ تەمەتتۇئغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. لېكىن ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن تەمەتتۇئنى ۋە قىراننى ئىفرادقا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

پەتىۋلار (ئۈچىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى):

ئاياللارنىڭ ئېھراملىق كىيىمى ھەققىدە (43-سوئال). ھەجدىن كېيىن سوۋغات ئېلىش ھەققىدە (48-سوئال). مەھرەملىك مەككىگە كېلىپ بولۇپ مەھرەمسىز ھەج قىلىش (50-سوئال). ساختا كارتا، رۇخسەتنامىلەرنى ياسىتىپ ھەج قىلىش ھەققىدە (53-سوئال). ئېھراملىق ئايال كىشى كىيىمىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ (54-سوئال). ھەج قىلغۇچىنىڭ زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئوندا روزا تۇتۇشى ھەققىدە (62-سوئال). ھەدىيە قۇربانلىقنىڭ چىقىمى (65-سوئال). ئېھراملىق چاچ تاراش ھەققىدە (68-سوئال). ئېھراملىق ئەر باشقا كىيگىلى بولىدىغان كۈنلۈك ئىشلەتسە بولمايدۇ (69-سوئال). ئېھراملىق ئۇپا ئىشلىتىش ھەققىدە (70-سوئال). ئىفازەت تاۋىپىنى ھېيت كۈنىنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قىلسا بولمايدۇ (72-سوئال). ئېھرامسىز كىرگەنلىكنىڭ فىدىيە روزىسى ھەققىدە (73-سوئال). ھەدىيە قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلارنىڭ ئون كۈنلۈك روزىسى ھەققىدە (74-سوئال). شەيتانغا تاش ئاتقاندىكى خاتالىق ھەققىدە (76-سوئال). ھەجدىن كېيىن ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمدىن چىقىش ھەققىدە (79-سوئال).

بىر كۈنى ئېنگلىسچە بىلىدىغانلار ئارقىلىق كۇدەي ھەييىل ھىجرادىكى جامىئ ئابدۇلئەزىز ئەلمۇساغا كەلگەن شەيخ مۇھەممەد ئەھمەدتىن ئۈچ سوئال سورىدىم:

  1. ئېھراملىق ھالەتتە مىسۋاك ئىشلەتسە بولامدۇ؟ جاۋابى: بولىدۇ.
  2. ئېھراملىق ھالدا سومكامنى ياستۇق قىلىپ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ جاۋابى: بولىدۇ.
  3. تاۋافۇل قۇدۇمدا ۋە ئۆمرىدە (ئەر كىشىنىڭ) ئوڭ مۈرىسى ئوچۇق قالىدۇ، تاۋافۇل ئىفازەدە ئوڭ مۈرىسى (ئېھرام ئىچىدە) يېپىق بولىدۇ. ئۇنداقتا تاۋافۇل ۋىدادىچۇ؟ جاۋابى: تاۋافۇل ۋىدادا ئېھرام يوق، كىيىمى بىلەنلا تاۋاپ قىلىدۇ

.

ئوقۇشلۇق: يەنە ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى (مۇھەممەد يۈسۈپ)؛ يېڭى ئۇسلۇبتا تۈزۈلگەن ھەج قوللانمىسى (بىلگىن گۇرۇپپىسى)؛ ھەج قوللانمىسى (شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز).

ھەج توغۇرلۇق كىتابلار ئۇچرىمايدىغان يەنە بىر مەسىلە – ھەج قىلغۇچى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇمايدۇ. (مۇساپىر بولغاچ ۋاجىپ بولمىسا كېرەك.)

ئىنشائاللاھ ئەگەر سىزنىڭ ھەج سەپىرىڭىز ئۈچۈن كىچىككىنە پايدىسى باركەن دەپ قارىسىڭىز ھەققىمدە خالىس دۇئا قىلىپ قويغايسىز.

سىزمۇ ساياھەت خاتىرسىنى يېزىپ ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلار پايدىلىنىپ قالسۇن.

ھىجرىيە 1445-يىلى 14-زۇلھىججە (پەيشەنبە)، رىياد

مىلادىيە 2024-يىلى 20-ئىيۇن (پەيشەنبە)، رىياد

ئىنكاس يازىمەن