ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس
شۇنداق بىر ئۆڭكۈر بار، ئۇنىڭدا پۇت – قوللىرى بەند قىلىنغان مەھبۇسلار يىراقتىكى تامغا يۈزلىنىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار ئۆمۈر بويى شۇنداق ئۆتكەن بولۇپ، بېشىنى مىدىرلىتالمايتتى، تامدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە ئوت يالقۇنى، ئوت بىلەن ئۇلارنى كەينى تەرىپى ئوتتۇرىسىدا بىر يول بار ئىدى. ئادەملەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بەزلىرى ھايۋانلارنىڭ مودېللىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تامغا بۇ مودېللارنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ. مەھبۇسلار پەقەت ئاشۇ كۆلۈڭگىلەرنىلا كۆرەلەيدۇ ۋە بۇ كۆلەڭگىلەرنى رېئاللىقنىڭ نەق ئۆزى دەپ ئىشىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار كۆلەڭگىدىن باشقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان، نەق ئادەملەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى – دە، كەينىدىكى يالقۇننىڭ ئۆزىنى كۆردى. باشتا كۆزلىرى تورلىشىپ ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمىدى. كېيىن ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تونۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپ، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالا چەكمەن بولدى. ئۇ ئاستا – ئاستا بۇرۇنقى تۇرمۇشىدىكى مەھرۇملۇقنى چۈشەندى: ئۇ كۆلەڭگىلەرنى كۆرۈشتىن قانائەتلىنىپ رېئال دۇنيانىڭ نەقەدەر نۇرانە ۋە رەڭدار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى يارقىن ئاپتاپقا كۆندى – دە، بۇرۇنقى مەھكۇمىيەتداشلىرىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى. ئۇ ئاخىرى، يورۇققا كۆنۈپ، قۇياشقا تىكىلىپ قارىيالايدىغان بولدى.
ئۇ مەھبۇس ئۆڭكۈرگە قايتۇرۇپ كېلىندى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆڭكۈردىكى كۆلەڭگىلەرگە كۆنەلمىدى. ئۆڭكۈردىكى تەقدىرداشلىرى ئۇ تالاغا چىقىپ كېرىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ، دەپ ئويلاشتى. مەھبۇس ھەقىقىي دۇنيانى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ مەھكۇمىيەتداشلىرى سايىدىن پۈتكەن دۇنيادىن رازى بولۇپ يۈرۈشەتتى، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز چىقىپ كېتىشمەيتتى.
“ئۆڭكۈردىكى مەھبۇس” دېگەن بۇ تەمسىل ئەپلاتوننىڭ “غايىۋى دۆلەت” ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئەپلاتوننىڭ ئۇقۇم تەلىماتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ماھىيىتى كۆلەڭگىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ مەھبۇسلارغا ئوخشاش ھادىسىلەر دۇنياسىدىلا قانائەتلىنىپ يۈرىدۇ. پەقەت پەيلاسوپلارلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ھەقىقىي دۇنيانى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ. دېمەك، پەيلاسوپلار ھەقىقىي بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى ئۆزگىرىۋاتقان، تاكامۇل بولمىغان نەرسىلەردۇر. پەيلاسوپلارنىڭ بىلىپ يەتكەنلىرى مۇقىم ھەم تاكاممۇل نەرسىلەردۇر. دۇنيانى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇئەييەن تەپەككۇر شەكلى لازىم بولىدۇ. ئىنسان دۇنيانىڭ مەنبەسىنى تەپەككۇر ئارقىلىق بايقايدۇ.
ئەپلاتون ، “غايىۋى دۆلەت” 2- بېتىدىن ئېلىندى.