«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە- ئەلدەر

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە ئەلدەر
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 17 مىنۇت

 

      ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئەلدەر ئەپەندىم تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، تۇنجى بولۇپ «ۋەتىنىم« مۇنبىرىدە ئېلان قىلىغان. مۇنبەر ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان سەۋەبلىك ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەلبىل بلوگىدا قايتىدىن يوللاندى. ماقالىدىكى كۆز قاراشلار ئاپتورغا ئائىت بولۇپ، ئەلبىل بلوگىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئاكادېمىيىلىك سەۋىيىدە يېزىلغان ياخشى ماقالە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسەت قىلىندى. تور يۈزىدە ئورخۇن يېزىقى نورمال كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن پ د ف ھۆججىتى بىرلىكتە يوللاندى. تۇلۇق ماقالىنى ئۇلانمىنى بېسىپ چۈشۈرەلەيسىز. 

 

«كۆك بايراق»تىن «كۆك تەڭرى»گىچە

ئەلدەر

ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

مۇقەددىمە

       يېقىندا، سەلەفىي لەقەبلىنىلگەن ئابدۇلئەھەد ئەمىرنىڭ «كۆك بايراق پەتىۋاسى»[1] ۋە «كۆك بايراق پەتىۋاسىغا ئىزاھات»[2] ناملىق ئىككى يازمىسىدا، «كۆك بايراق»نى «كۆك تەڭرى»گە باغلاش ئارقىلىق ئۇنى چەكلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرىنەرلىك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس شەكلىدە، كۈسەنىي ئۇستاز توردا ئۇيۇشتۇرۇلغان تەكلىپلىك پروگراممىدا[3] بايراق ھەققىدە مەلۇم ئىنكاس بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئا.جامال.كاشغەرىي ئۇستازنىڭ «قارا رەڭلىك بايراق ئىشلىتىش شەرت ئەمەس»[4] ناملىق ماقالىسىمۇ بۇ مەسلىنى چۆرىدىگەن ئومۇمىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن بولدى.

         شۇنداقتىمۇ، كۈسەنىي بولسۇن، ئا.جامال.كاشغەرىي بولسۇن، ئىككىلىسىنىڭ ئا. ئەمىرنىڭ «كۆك بايراق»نى «كۆك تەڭرى»گە باغلىشى ھەققىدە توختالمىغان بولىشى، ئا. ئەمىرنىڭ كۆز قارىشىنى قوللىغانلار ياكى دېلىغۇللۇقتا قالغانلارغا يېتەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئا.جامال.كاشغەرىي ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەكۈنلگىنىدەك: «مۇستەملىكىچىنى ياكى دىنسىزلىقنى تەمسىل قىلىدىغان بايراق بولمىسىلا، مۇسۇلمانلار بىرلىكى ۋە ئىززىتىنى تەمسىل قىلىدىغان قايسى رەڭدىكى بايراق بولسۇن چەكلەنمەيدۇ.»[4] ۋاھالەنكى، ئا.ئەمىر «كۆك بايراق»نى «كۆك تەڭرى»گە باغلاشتىكى مەقسىتى «كۆك بايراق»نىڭ شېرىك ئېتىقادنى تەمسىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، كۆپىنچە قېرىنداشلارنى قايمۇقتۇرىدىغان مەسىلە دەل مۇشۇدۇر.

         ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق 1933-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى قىلىپ قوللىنىلدى. يەنە ئا.ئەمىر ئۆزىمۇ بۇ ھەقتىكى تۇنجى يازمىسىدا ئېيتىقىنىدەك «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاللاھتىن ناھايىتى قورقىدىغان مىللەت بولۇپ، ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىنىڭ شەرىئەتكە قارشى بولۇپ قېلىشىدىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ ۋە ئالىملار سۆزىگە قۇلاق سالىدۇ.»[1] شۇڭا ئۇنىڭ بۇ مەسلىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە تاقىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن «كۆك بايراق»نى ناھايىتى مۇھىم «مەسىلە» ھالىتىگە كەلتۈردى.

         گەرچە ئا.ئەمىر ئىككى يازمىسىدا، «كۆك بايراق» بىلەن «كۆك تەڭرى»نى ناھايىتى يۈزەكىلا تەڭلەشتۈرۈپ، بۇنىڭغا ھۆكۈم پىچقان بولسىمۇ، شەرىئەتتە بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۇنچە يۈزەكى ۋە ئاسان پىچىلمايدىغانلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىغا مەلۇم. مەسىلەن، ئۇستاز ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ «نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» ناملىق پەتىۋاسىدا، ئەمەلنى چەكلەشتە ئىسلامغا خىلاپلىق ياكى جاھىلىيەت ئادىتىگە ئەمەل قىلغانلىقنى سەۋەب قىلغان: «بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، نىكاھتا تۇزغا نان تۆگۈرۈپ يېگۈزۈش ئۇيغۇرلارغا قەدىمكى تۇزنى ئۇلۇغلاش ھادىسىسى ئەۋج ئالغان دەۋرلەردىن مىراس قالغان بىر تۈرلۈك ئادەت بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. ئەگەر تۇزنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە نىكاھ سورۇنىدا بۇ ئىشنى قىلسا، ئىسلامغا خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ. سەۋەبىنى بىلمەيدىغان ئادەت دەپلا قىلغان بولسا، جاھىلىيەت ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلغان سانىلىدۇ. شۇڭا، نىكاھتا بۇ ئىشنى قىلماسلىق لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.»[5] يەنە بىر «ھەرخىل شەپكىلەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى» ناملىق پەتىۋاسىدا، چەكلەشنى شۇ ئىشنىڭ مەخسۇسلىقىغا يەنى بىرەر كاپىر تائىپىگە خاسلىقىغا باغلىغان: «تۈرى ياكى پاسۇنى جەھەتتىن كىيىم-كېچەكتىكى ئەسلى قائىدە ھالاللىق بولۇپ، شەپكىدە باشقا بىر دىن مەنسۇپلىرىغا خاسلىقنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت ياكى ئادەت كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، ھەرخىل شەكىلدىكى شەپكە، دوپپا، شىلەپە، قالپاق، تۇماقلارنى كىيىش مۇباھ.»[6] دېمەك، بىزگە ئوخشاشتەك تۇيۇلىدىغان ئىككى نەرسە يا ئۇقۇم، بەزىدە شەرىئەتتە ۋە ئەمەلىيەتتە ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە يا ئۇقۇم بولىشى، ۋە ئوخشىمايدىغان شەرئىي ھۆكۈمگە توغرا كېلىشى تامامەن مۇمكىن.

         سۆزىمىزگە كەلسەك، ئا.ئەمىرنىڭ يۇقاردا ئېيتىلغان ئىككى يازمىسىنى تەپسىلى ئوقۇغىنىمىزدا ئىككى ئىنچىكە ئەمما ئەجەللىك خاتالىقنى بايقايمىز:

  1. كۆك رەڭ = كۆك تەڭرى. مەسىلەن :

         «ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى كۆك رەڭ، كۆكبۆرە، ۋە بۇت-ھەيكەل-رەسىم قاتارلىقلارغا چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلىپ كەلگەن.»[1]

         «يەنى بۆرە ئىلاھى ۋە كۆك رەڭ ئىلاھى بىلەن يەككە-يېگانە ئاللاھقا بولغان ئېتىقاد بىرگە بولماسلىقى كېرەك.»[1]

«كۆك بايراقتا باتىل ئىلاھلار سىموۋلى بارلىقى توغرۇلۇق بىر ماقالە يېزىپ، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نىجاتلىققا ئېرىشىمەن دەپ كېتىۋېتىپ، شېرىك ئەقىدىگە چۈشۈپ قالمىسۇن، دەپ بايان قىلغان ئىدىم.»[2]

  1. بايراق = بۇت. مەسىلەن:

         «بۇلاردىن ئەڭ خەتەرلىكى- ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى خۇدا، ئىلاھ دەپ ئىبادەت قىلىپ كەلگەن  كۆك رەڭ، كۆكبۆرە، ۋە بۇت-ھەيكەل-رەسىم قاتارلىقلارغا قايتىدىن يول ئېچىپ: بۇلارغا ئىبادەت قىلمىغاندىنكىن رەت قىلشتىن زۈرۈرىيىتى يوق دەپ بىلىنىپ، بۇلارقى ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلەپ ئىبادەت قىلىش دەرىجىسىگە قەدەر يېتىپ باردى.»[1]

         «كىمىكى بۆرىنى، كۆك رەڭنى ئۇلۇغلىسا، گەرچە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ ئىبادەت قىلمىسىمۇ، بۇنىڭ تارىخى كېلىپ-چىقىشى كاپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھ دەپ چوقۇنىشىدىن كەلگەن بولغاچقا، خۇددى سەجدە قىلمىسىمۇ بۇددا ھەيكىلىنى كۆتۈرىۋالغان بىلەن ئوخشاشلا شېرىككە چۈشۈپ قالغان بولىدۇ.» [1]

         «خۇلاسە شۇكى، ئاي، يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئۇلۇغلاش – بۇت-ھەيكەلنى ئۇلۇغلىغان بىلەن ئوخشاش شېرىك ئەمەلدۇر.» [1]

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئىككىلى خاتالىق مۇئەللىپىنىڭ مەنتىقىسىدىكى «ئىككى شەيئى ئارىسىدىكى بىر ئوخشاشلىق تۈپەيلى ئىككىسىنى پەرقسىز ئوپمۇ ئوخشاش قىلىۋېلىش»تىن ئىبارەت بىر تومتاق پىكىر ئەندىزىسىدىن شەكىللەنگەن.  ئىككىلى يازمىسىدا، پارچە بىلەن پۈتۈن، سىمۋول بىلەن سىمۋول قىلىنغۇچى ۋە ئۇقۇمدىكى خاسلىق بىلەن ئومۇمىيلىق خېلى ئوبدان ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن.

         يۇقارقى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆك بايراق ۋە ئۇ سىمۋول قىلىدۇ دەپ ھېسابلانغان كۆك تەڭرى ھەققىدە يەنە ئىزدىنىش ئېھتىياجى بارلىقى سەۋەبىدىن بۇ ماقالە يېزىلدى. مەزكۇر يازما پەقەت تىلشۇناسلىق، تارىخ ۋە مەنتىقە جەھەتتىكى ئىزدىنىشىم بولۇپ، پەتىۋا ئەمەس. ھەمدە، بۇ پەقەت شۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ ۋە تۈزىتىشلىرىنى قارشى ئالىمەن. ھەمدە ماقالەمنىڭ، قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا تۈرتكە بولالىشىنى ۋە بۇ ھەقتە پەتىۋا بەرمەكچى بولغان ئۇستازلارغا مەسلىنى باشقىچە نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇسۇل ۋە ئەشيا

  1. ئا.ئەمىرنىڭ يازمىسىنىڭ ئاساسى «كۆك تەڭرى» بىلەن «كۆك رەڭ»نى ئارىلاشتۇرىۋېتىش بولغانلىقتىن، «كۆك»، «تەڭرى» ۋە «كۆك تەڭرى» ئىبارىلىرىنىڭ مەنىسى ۋە تارىختىكى ئەسلى مەنىسى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشنى توغرا كۆردۈم. خۇددى، ماغى-لىز بېففا «موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخىدىكى تەڭرى، <كۆك>، ئۇقۇمى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىقىنىدەك «[…] <مەڭگۈلۈك كۆك تەڭرى>، kökö mȯngkä tänggäri، ئىبارىسى تەزكىرىنىڭ ھېچ يېرىدە ئۇچرىمايدۇ […]»[7]. يەنى ھەيران قالارلىقى تارىخچىلار تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىلغان ۋە تەرجىمانلار تەرىپىدىن ئوخشاش تەرجىمە قىلىنغان قىسمەن سۆزلەر بەزىدە ئەسلىي مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ ياكى كېيىن كەڭ تارقالغان ئىستىمالدا قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا يۇقارقى ئىبارىلەر توغرىسىدا تۈركىي تىللارغا ئائىت ئەڭ قەدىمكى يېزىق ھېسابلىنىدىغان «ئورخون يېزىقى»دا خاتىرىلەنگەن «ئورخون ئابىدىلىرى»نىڭ توردىكى نۇسخسى تىلشۇناسلىق ئىزدىنىشتىكى ئەسلى مەنبە قىلىندى. قوشۇمچە باشقا تىلشۇناس ۋە تۈركشۇناسلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرى پايدىلىنىلدى. «ئورخون ئابىدىلىرى»نىڭ ئەسلىي نۇسخسى ۋە تەرجىمىلىرىنىڭ مەنبەلىرى پايدىلانمىلار بۆلىكىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى. «ئورخون ئابىدىلىرى» ماقالىدە يەنە «مەڭگۈتاش» ياكى «ئابىدە»مۇ ئاتالغان بولۇپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى تىل كومىتېتى تەمىنلىگەن (http://bitig.org/?lang=e) توردىكى 54 ئابىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماقالىدە ئابىدىلەر ئىچىدە ئەڭ تولۇق ساقلانغان «بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى»، «كۈلتېگىن مەڭگۈتېشى» ۋە «تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشى» قاتارلىق ئۈچ ئابىدە تەپسىلى ۋە قالغان 51 ئابىدە قوشۇمچە تەھلىل قىلىنىدۇ. يۇقارقى ئۈچ مەڭگۈتاش، ماقىلىدە «ئۈچ ئابىدە» دېيىلگەن. نەقىل ئېلىنغان ئەسلىي پارچە «ئورخون ئېلىپبەسى» بويىچە مەنىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بويىچە قوش تىرناق ئىچىگە بېرىلدى، مەتىننىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلىشى يانتۇ سىزىق // ئىچىگە بېرىلدى.
  1. «ئورخون ئابىدىلىرى» دەۋرىدىكى تەڭرىچىلىك دىنى (tengrism) توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلارنىڭ يۈزەكىلىكتىن ھالقىيالماسلىق سەۋەبى مەشھۇر تۈركشۇناس ژاڭ-پول غۇ (Roux Jean-Paul) ئەپەندىنىڭ بۇ نەقلىدىن مەلۇم بولىدۇ: «م.پ. ماسسوڭ-ئۇخسەل (M. P. Masson-Oursel) ئۈمىدسىزلىك بىلەن <بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى تۈرك ۋە موڭغۇللارنىڭ دىنىنى بىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكى>نى تەكىتلەيدۇ.»[8] ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى يازما مەنبەلەرنىڭ ئازلىقىدىن: «ھەممە سوئالنىڭ، پەقەت يېرىمىغا جاۋاب بېرەلەيمىز. ئېنىقكى، ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ناھايىتى سالماق ۋە ئېھتىياتچان تۇتۇشىمىز لازىم. شۇڭا بىزنىڭ ھۆججەتلەر بەك ئاز ھاللاردا، يەنى كۆپىنچە نۇقتىلاردا، يەكۈن چىقارمىغانلىقىمىز كەچۈرۈلگۈسىدۇر.»[8] دەپ خۇلاسىلەيدۇ. مەنمۇ ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى تەڭرىچىلىك دىنى توغۇرلۇق يازمىلاردا ئاساسەن، شۇ دىنغا ئالاقىدار توردىن تېپىلغان چەتئەل تىللىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلدىم. قىزىققۇچىلار، سىبىرىيەدە ۋە باشقا جايلاردا ھازىرمۇ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قەۋملەر ئارىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
  1. ماددىي ئىمكانىيەتلەر قىسلىقى تۈپەيلى، مەنبەلەرنىڭ دائىم مەتبەئەدە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەر ياكى تارىخىي ئەسەرلەردىن بىۋاستە نەقىل قىلىنغان بولماستىن، بەزىدە توردىن بىۋاستە ئېلىنىشىدىن ساقلىنالمىدىم. لېكىن، ھەممە مەنبەلەر ۋە تور ئۇلىنىشلىرى ئېنىق بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەن خالىسا ئۆزى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، تەستىقلىسا ياكى رەت قىلسا ئىختىيارى.
  1. بۇ ماقالە بەش ئاساسلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپقان ۋە ئىلمىيلىك ئۈچۈن، نەقىل ئېلىشتىن، تۈجۈپىلەشتىن يالتېيىلمىغان بولغاچقا، ئالدىراقسان ئوقۇرمەنگە ئېغىر كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەر بۆلەكنىڭ ئاخىرىدا قىسقىچە يەكۈن چىقىرىلدى. 1 ۋە 2. بۆلەكلەردە تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى تەھلىل ئاساس قىلىندى. 3.بۆلەكتە دىنشۇناسلىق باشقا قوشۇمچە مەنبەلەرمۇ ئاساس قىلىندى.
  1. «تەڭرى» سۆزى ھەققىدە

         تەڭرى سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدا پەقەت «ئىلاھ، خۇدا» مەنسىدىلا. ئورخون ئابىدىلىرى يېزىلغان دەۋردىكى كۆكتۈرك تىلىدا ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى دەۋردە بولسا «ئىلاھ» ۋە «ئاسمان» قاتارلىق ئىككى مەنىسى بولغان. مەڭگۈتاشلاردا ئايرىم ھالدا پېئىللار بىلەن ۋە «كۆك تەڭرى، تۈرك تەڭرىسى، ئۆد تەڭرى» قاتارلىق ئىبارىلەربىلەن كەلگەن بوللۇپ، ئۈچ ئابىدىدە جەمئىي 50 قېتىم تەكرارلىنىدۇ: بىلگە قاغان مەڭگۈتېشىدا 27 قېتىم، كۈلتېگىن مەڭگۈتېشىدا 16 قېتىم، تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشىدا يەتتە قېتىم.

         سۆز يىلتىزى جەھەتتىن تەڭرى سۆزىنى خىتايچە ئاسمان مەنىسىدىكى «/تىيەن/天» سۆزىگە باغلىيالايمىز. ھەمدە خىتايچە «天» سۆزىنىڭ ھازىرقى ئىستىمالىدىمۇ تەڭرى سۆزىنىڭ قەدىمقى ئىككى مەنسى ساقلانغان. بۇ سۆزلەرنىڭ قايسى تىلدىن قايسىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا ئاتاقلىق تۈركشۇناس ژاڭ-پول غۇ (Roux Jean-Paul) ئەپەندى «دىنلار تارىخى كۆرىكى» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىدا شۇنداق ئېيتىدۇ: «ھازىر، بۇ سۆزنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە تىل خۇسۇسىيىتى تۈپەيلى، خىتايچىنىڭ ئالتاي تىللىرىدىن قوبۇل قىلغانلىقىغا ئۇنىڭ ئەكسىدىن بەكرەك ئىشىنىشكە مايىلمىز[…]».[8]

ئەينى ماقالىدە ژاڭ-پول غۇ يەنە تۈركىي تىللاردىكى «تەڭرى» سۆزى بىلەن قەدىمقى موڭغۇلچىدىكى «تەڭگەرى» سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئۈچ بوغۇملۇق بىر سۆز دەپ قىياس قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ھەققىدە، باشقا پەرەزلەر بىلەن بىرگە، سۇمېرلارنىڭ تىلىدىكى ئىلاھ مەنسىدىكى «دىنگىر (Dingir)» سۆزىگە باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.[8]

         تەڭرى سۆزىنىڭ ئىككى مەنسىنى ئايرىم تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ سۆزنىڭ ھەم «ئىلاھ» ھەم «ئاسمان» مەنسىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىمقى دەۋردە، ھېچبولمىغاندا بىر مەزگىل، ئوتتۇرا ئاسىيادا كىشىلەرنىڭ ئاسماننى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقىنى يەكۈنلىيەلەيمىز. ژاڭ-پول غۇنىڭ «ئاۋۋال شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئاسماننى ئاسمان ئىلاھىدىن ئايرىش قىيىن[…]»[8] ۋە كۆك تەڭرى توغرىسىدىكى، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسلىق ئىلاھى ئاسماندۇر.»[9] قاتارلىق سۆزلىرى بۇ ئوينى تەكىتلەيدۇ.

         شۇغۇنىسى، تەڭرىچىلىك دىنى (tengrism) توغرىسىدىكى بايانلارغا باققىنىمىزدا تەڭرىنىڭ، بولۇپمۇ كۆك تەڭرىنىڭ، ئاسماندىن پەرقلىق ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ (كۆك تەڭرى قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىمىز). يەنە ژاڭ-پول غۇنىڭ ئۆزىمۇ قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەڭرىچىلىك دىنى ھەققىدە ئۇلارنىڭ يەككە ئىلاھلىق ياكى كۆپ ئىلاھلىق بولسۇن، ئاسمان بىلەن ئىلاھنى پەرقلەندۈرگەن بولسۇن، كەسكىن يەكۈن چىقىرىشنىڭ قىيىنلىقىنى ۋە بۇنىڭ دەۋرلەر بويىچە ھەرخىل بولۇش ئېتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[8]

         شۇڭا قۇربىمىز يەتكىنىچە، قولىمىزدىكى ئەڭ قەدىمقى مەنبە بولغان ئورخون ئابىدىلىرىدىكى «تەڭرى» سۆزىنى ئىككى مەنە بويىچە تەھلىل قىلىمىز.

1.1. تەڭرى – ئىلاھ مەنىسىدە

بۇ مەنە ھازىرمۇ تۈركىي تىللاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالماي، پەقەت ئورخون ئابىدىلىرىدىنمۇ مۇشۇ مەنىدە كەلگەن بىر نەقىل بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.

         بىلگە قاغان ئابىدىسى، شەرقىي يۈزى 11-قۇردا شۇنداق دېيىلگەن :

         «»

         /تەڭرى كۈچ بىرتۈك ئۈچىن قاڭىم قاغان سۈسى بۆرى تەگ ئەرمىش، ياغىسى قوين تەگ ئەرمىش/

         «تەڭرى كۈچ بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاغان ئاتام قوشۇنى بۆرىدەك ئىمىش، دۈشمىنى قويدەك ئىكەن»

         كۈلتېگىن ئابىدىسى شەرقىي يۈزى، 10-قۇر :

         «»

         /ئۈزە تۈرۈك تەڭرىسى، تۈرۈك ئىدۇق يىرى سۇبى ئانچا تەمىش/

         «ئۈستتە تۈرك تەڭرىسى، تۈرك مۇقەددەس يەر سۇ (روھلىرى) شۇنداق دەپتۇ»

          بۇ نەقىللەردىكى «تەڭرى» سۆزىگە «ئاسمان» مەنىسىنىڭ ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. تۇنيۇقۇق ئابىدىسىدىكى «تەڭرى» سۆزىنىمۇ ئۆز كونتىكستلىرىدە دائىم «ئىلاھ» مەنسىدە چۈشىنىش ئەڭ مەنتىقلىق دەپ قارايمەن.

1.2. تەڭرى – ئاسمان مەنىسىدە

بۇ مەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلمايدۇ. لېكىن ئاز دېگەندە قاراخانىيلار دەۋرىگىچە قوللىنىلغانلىقى ئېنىق. كېيىنچە ئىسلام دىنى تەسىرىدە بۇ مەنە قوللىنىشتىن قالغان. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە «تەڭرى» سۆزىنىڭ مەنسىنى «ئەزىز ۋە ئۇلۇغ تەڭرى» دەپ بولۇپ، ئىزاھىدا «خۇدا ئۇرغۇر كاپىرلار ئاسماننى <تنكرى tәŋri > دەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەرقانداق نەرسىنى-ئېگىز تاغ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ <تنكرى tәŋri > دەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار يەنە بىلىملىك ئادەمنى <تنكركان tәŋrikәn > دەيدۇ. مۇنداق ئازغۇنلۇقتىن خۇدا ساقلىسۇن.»[10] دەيدۇ. مېنىڭچە، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىكى «پەرۋاز قىلماق» مەنىسىدىكى «تەڭمەك»[11] پېئىلىنىمۇ «تەڭرى» سۆزى بىلەن يىلتىزداش دىيەلەيمىز.

دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا، مەھمۇد كاشغەرىي «تەڭرى» سۆزىنى پەقەت ئاسمانغىلا خاس قىلمىغان. بەلكى دەۋرىدىكى كاپىرلارنىڭ ئۇنى «بۈيۈك، ئېگىز، چوڭ» نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا «كەڭرى» سۆزى بىلەن «تەڭرى» سۆزىنىڭ يىلتىزى بىر دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن (ئەلۋەتتە، «كەڭرى» سۆزىنىڭ يىلتىزى «كەڭ»، بۇ سۆز ھەم «دىۋانۇ لۇغەتتىت تۈرك»تە مەۋجۇد). بۇنىڭغا ئاساسەن، قەدىمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىپتىدائىي ھالدا نەرسىلەرنىڭ بۈيۈك، چوڭلىرىغا چوقۇنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، شەرقىي يۈزى 2-قۇر ۋە كۈلتىگىن مەڭگۈ تېشى شەرقىي يۈزى 1-قۇر:

«»

/ئۈزە كۆك تەڭرى ئاسرا ياغىز يىر قىلىندۇقدا، ئىكىن ئارا كىشى ئوغلى قىلىنمىش/

بۇ جۈملە ت. تەكىننىڭ كىتابى 13-بەتتە «يۇقارىدا كۆك تەڭرى، ئاستىدا ياغىز (قارا) يەر يارىتىلغاندا»[12] دەپ، 45-بەتتە «ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا» [13] دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مېنىڭچە بۇنى «ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا» دېيىش مەنىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردە «تەڭرى» سۆزىنىڭ «ئىلاھ» مەنىسىدە ئەمەس، «ئاسمان» مەنىسىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۈچ دەلىل كۆرسىتىش مۇمكىن:

بىرىنجىدىن، بۇ جۈملىدىكى پاراللېلىللىق. ت.تەكىن بۇ جۈملىنى مىسال ئېلىپ شۇنداق دەيدۇ: «پاراللېلىللىق، يەنى پاراللېلىزم ئورخون ئابىدىلىرى تىلىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. تەڭداش تەركىپلىك بىرلىكلەردىن تەشكىل تاپقان سۆز بىرىكمىلىرى ۋە تەڭداش تارماق جۈملىلەر بايانلىمىغا (ئىپادىگە) جانلىق ۋە نەپس تۈس بېغىشلايدۇ.»[12] دېمەك، يەرگە تەڭداش بولغىنى ئاسمان بولىشى تېخىمۇ مەنتىقلىق، ئىلاھ ئەمەس.

ئىككىنجىدىن، جۈملىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا كۆك تەڭرىگە تەڭداش، پاراللېل بىرىكمە ئىلاھىيلىق ياكى مۇقەددەسلىكنى بىلدۈرىلىدىغان «تۈرك ئىدۇق يىر(تۈركلەرنىڭ رەببانىي، مۇقەددەس يېرى)» ياكى«يىر-سۇب» دېيىلمىگەن. شۇڭا بۇ جۈملىدىكى «كۆك تەڭرى»نىڭ ھېچقانداق ئىلاھىيلىق ياكى مۇقەددەسلىك مەنىسى يوق دېيىش مۇۋاپىق.

ئۈچىنجىدىن، بۇ جۈملىدە «كۆك تەڭرى»نى «/قىلىندۇقتا/» يەنى «يارىتىلغاندا» دېيىلگەن بولۇپ، «كۆك تەڭرى»نىڭ ئىلاھنى ئەمەس بەلكى مەخلۇقنى كۆرسىتىشى تېخىمۇ مەنتىقلىق.

         يۇقارىدا ئېيتىلغىنىدەك، تۇنيۇقۇق ئابدىسىدىكى «تەڭرى» سۆزىنى  دائىم «ئىلاھ» مەنسىدە چۈشىنىش ماقۇلراق.

         يەكۈن: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەڭرى سۆزىنىڭ مەنىسى «ئىلاھ»، بۇرۇن بۇ سۆز «ئىلاھ» ۋە «ئاسمان» مەنىلىرىگە ئىگە بولغان. تىلشۇناسلىق جەھەتتىن، بۇ سۆزنىڭ ئورخون ئابىدىلىرىدىكى ئىستىمالىدا ئۇ ئىككى مەنىنى ئايرىش تامامەن مۇمكىن. لېكىن دىنشۇناسلىق جەھەتتىن، بۇ سۆزنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىستىمالىنى بېكىتىشكە يېتەرلىك مەنبە يوق. شۇڭا مەنىدىكى ئايرىش ياكى ئايرىماسلىق، چاغداش چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ تەسىرى تۈپەيلى چىقىرىلغان، بەلكىم ئەينى دەۋرگە ماس بولمىغان، بىر يەكۈن بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇد.

  1. «كۆك» سۆزى ھەققىدە

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە شەكىلداش «كۆك» سۆزىدىن تۆتى بار بولۇپ، (تۇنجىسىنىڭ سەككىز مەنسى بار) جەمئىي 11 مەنىنى ئىپادىلەيدۇ :

كۆك 1:

  1. سۈپ. تىنىق ئاسمان رەڭگىدىكى، قېنىق ھاۋا رەڭ، ماۋى: كۆك ئامفىبول. كۆك قاشتېشى. كۆك كۆز. كۆك ياقۇت.
    2. ئى. يەر ئۈستىدە گۈمبەز شەكلىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھاۋا قاتلىمى، ئاسمان: كۆكتە ئۇچماق. كۆكتە پەرۋاز قىلماق. كۆككە كۆتۈرۈلمەك.
    3. ئى. يېڭى چىققان، ئۆسۈۋاتقان ئوت -چۆپ: ماللار كۆككە تويدى.
    4. ئى. كۆكتات (ئاساسەن بېدىنىڭ يۇمران ۋاقتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ): كۆك چۆچۈرىسى. كۆك سامسىسى.
    5. سۈپ. يېشىل: كۆك تاماكا. كۆك ئامۇت. كۆك ئەمەن. كۆك بانان.
    6. سۈپ. پىشمىغان، خام (مېۋە-چېۋە، يەل-يېمىش ھەققىدە): كۆك غورا.
    7. ئى. سەي-كۆكتاتلارنىڭ يوپۇرمىقى: سەۋزە كۆكى.
    8. ئى. تاياق زەربىسى ياكى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ قاتتىق تېگىشىدىن بەدەندە قالغان كۆك رەڭلىك ئىز: بەدەنگە كۆك چۈشمەك.

         كۆك 2: ئى. يوغان ئاتلاپ تىكىلگەن تىكىچ: كۆك سالماق.

         كۆك 3: ئى. ئەسل، تەكت، تېگى -تەكت، ئەجداد: كۆكۈڭ كىم؟

         كۆك 4: سۈپ. دىئال. كۆكەرمە، ئۇششۇق، مۇتتەھەم.

         شۇنداقتىمۇ لۇغەتتە «كۆك» سۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەنىسى كەم قالغان:

«بەك، ئىنتايىن، قاتتىق» مەنىسىدىكى سۈپەت. مەسىلەن: كۆكيۆتەل-قاتتىق يۆتەل (بوردېتېللا پېرتۇسسىس «Bordetella pertussis» باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆكيۆتەل كېسىلىدە بىمار قايتا-قايتا قاتتىق يۆتۈلۈپ نەپسى قىسىلىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن). كۆك نامرات-ئىنتايىن كەمبەغەل؛ بۇ بىرىكمىنى تېگى تەكتىدىن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كەمبەغەل كىشى دېگەن مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.

«ئەتىۋار، نادىر، ئاز ئۇچرايدىغان» مەنسىدىكى سۈپەت. مەسىلەن: كۆك ئۆچكە-ئاساسلىق «كۆزۈمگە كۆك ئۆچكىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى» دېگەن ئىبارىدە «بىر نەرسىنىڭ بەك ئەتىۋارلىق تۇيۇلغانلىقى، شۇ نەرسىسىراپ كەتكەنلىكى» ئىپادىلىنىدۇ.

يەنە «كۆككە ئىلتىجا قىلماق» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىدىلا قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئىبارىدە «كۆك» سۆزى ئىستىئارە بولۇپ، يەنى سۈرە مۈلك 16-ئايەت «ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟»نىڭ مەنسىگە ئۇيغۇن ھالدا، «كۆكتىكى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماق»نىڭ قىسقارتىلمىسىمۇ، ياكى سۈرە بەقەرە 144-ئايەت « بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا – قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز […]»نىڭ مەنىسى بويىچە «كۆككە قاراپ ئىلتىجا قىلماق»نىڭ قىسقارتىلمىسىمۇ… بۇنى ئايرىش قىيىن. لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭ «كۆك رەڭ» ياكى «ئىلاھ» ئەمەس بەلكى «ئاسمان» ئىكەنلىكى ئېنىق. بەلكى بۇ تۇراقلىق ئىبارە سەۋەبىدىن «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» دېگەن كىتابتا خاتا ھالدا «كۆك سۆزىنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ: بىرى تەڭرى، يەنى خۇدا مەنسى؛ يەنە بىرى رەڭ پەرقىدىكى كۆك مەنىسى»[14] دېيىلگەن بولسا كېرەك. لېكىن، يۇقارىدا كۆرگىنىمىزدەك، «كۆك» سۆزىنىڭ مەنىسى ئىككىدىن ئارتۇق، ھەم «تەڭرى» مەنىسىنىڭ بارلىقى ئېنىق بېكىتىلمىگەن.

ئۈچ ئابىدىدە بولسا «كۆك» سۆزى ھەرخىل مەنىدە ۋە پەرقلىق ئىملادا جەمئىي توققۇز مەرتە ئۇچرايدۇ: بىلگە قاغان ئابىدىسىدە بەش قېتىم: «كۆك تەڭرى، كۆكتۈرك، كۆك ئۆڭۈگ، كۆك تىيىن» قاتارلىق سۆزلەردە، ئىككى ئىملا بىلەن؛ كۈلتېگىن ئابدىسىدە ئىككى قېتىم: «كۆك تەڭرى، كۆكتۈرك» سۆزلىرىدە، ئىككى ئىملادا؛ تۇنيۇقۇق ئابىدىسىدە ئىككى قېتىم: «كۆك ئۆڭۈگ» سۆزىدە بىر ئىملادا. بۇ ئۈچ ئابدىدىكى ئىملا تۈرى ئىككى خىل بولۇپ تۆۋەندىكىچە: «».

2.1. ئاسمان مەنىسىدە

         «كۆك» سۆزى بۇ مەنىدە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ، چاغاتاي تىلىدىمۇ قوللىنىلغان، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىمۇ ئۇچرايدۇ. ھەيران قالارلىقى «كۆك» سۆزى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئورخون ئابىدىلىرىدە ھېچقاچان «ئاسمان» مەنىسىدە كەلمىگەن. «كۆك» سۆزىنىڭ «ئاسمان» مەنىسىنىڭ مەندىكى مەنبەلەردىكى ئەڭ قەدىمقى قوللىنىلىشى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىكى «كوك /كۆك/» سۆزى ۋە ئۇنىڭغا مىسال بېرىلگەن ماقال :

«كوكّا سُذسا یوزکا تشور»[15]

         /كۆككە سۈزسە يۈزگە تۈشۈر/

         «ئاسمانغا تۈكۈرسە يۈزىگە چۈشەر»

         «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىنمۇ قەدىمىيرەك مەنبەدىن «كۆك» سۆزىنىڭ «ئاسمان» مەنىسىدە قوللىنىلغانلىقى ئۇچراتقۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە تولۇقلىما بېرىشىنى ئومۇنىمەن.

         ژاڭ-پول غۇ ئەپەندى ماقالىسدە[9]، «ئوغۇزنامە»دىكى «كۆك» سۆزى ئىشلىتىلگەن كونتىكستنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى «ئاسمان، ساماۋىي» ئاندىن كۆچمە مەنىدە «ئىلاھىي» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن «ئوغۇزنامە» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە يېزىلغان[16] ئەسەر بولغانلىقىتىن ۋە ئۇندىن نەچچە ئەسىر قەدىمقى «ئورخون ئابىدىلىرى»دە «كۆك» سۆزىنىڭ «ئاسمان» مەنىسى ئۇچرىمىغانلىقتىن، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭ «ئاسمان» ئەمەس بەلكى رەڭ ئۇقۇمى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەش مېنىڭچە، تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى دەلىللەرنى نەزەرگە ئالغاندا، ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق.

         شۇڭا يېقىنقى دەۋرىدىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان «كۆك» سۆزىنىڭ «ئىلاھىي» مەنىسى بەلكى «كۆك» سۆزىگە خاقانىيە ۋە سوڭراقى دەۋرلەردە تۇراقلاشقان «ئاسمان» مەنىسىدىن كېلىپ چىققان كۆچمە مەنە بولىشى، ياكى ئىلاھ مەنىسىدىكى «تەڭرى» بىلەن «كۆك تەڭرى» ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىلاھنىڭ سۈپىتى تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىنغانلىقتىن كېلىپ چىققان مەنە بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى «ئوغۇزنامە»دە بولسۇن باشقا تېكىستلەردە بولسۇن «كۆك» سۆزىنىڭ «ئىلاھىي، مۇقەددەس» مەنىسىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. سۆزنىڭ ئۇرانىنىڭ شۇنداق مەنە بېرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇنى ئىسپاتلاش شەرھ ۋە تەئۋىل تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، قىسمەن يازغۇچىلارنىڭ «كۆك» سۆزىگە «ئىلاھىي» مەنىسىنى بېرىشى «كۆك تەڭرى» ئىبارىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىدىن بولسا كېرەك. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ: «بۇنىڭدىن باشقا <كۆك تۈرك> دېگەن سۆز، <ئىلاھىي تۈرك> دېگەن بولىدۇ، چۈنكى تۈركلەر كۆك ئاسماننى ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى تۇرىدىغان ماكان تەرىقىسىدە چۈشىنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكنى رەڭ ئۇقۇمىدا ئەمەس <تەڭرى-خۇدا> دەپ بىلەتتى […]»[17] دېگەن سۆزىنى شۇ تەرىقىدە چۈشەندۈرۈش مەنتىقلىق. شۇنداقتىمۇ، تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ «[…] كۆكنى رەڭ ئۇقۇمىدا ئەمەس <تەڭرى-خۇدا> دەپ بىلەتتى[…]» دېگەن سۆزى دېققەتنى تارتىدىغان نۇقتا بولۇپ 5.1 بۆلىكىدە تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىدۇ.

         ئىنچىكە ئوقۇرمەننىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولمىغىنىدەك، «ئورخون ئابىدىلىرى»دە، «كۆك تۈرۈك» سۆزىدىكى «كۆك» بىلەن «كۆك تەڭرى، كۆك ئۆڭ، كۆك تىيىن»دىكى رەڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان «كۆك» سۆزىنىڭ ئىملاسى پەرقلىق. بۇنى بىر قانچە خىل چۈشىنىش مۇمكىن:

         بىرىنجى، «كۆك تۈرۈك»تىكى «كۆك» بىلەن «كۆك» ئوخشاش مەنە، ئوخشاش ئىستىمالدا، پەقەت ئالدىنقىسىدىكى «/ئۈك/» ھەرپى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

         ئىككىنجى، «كۆك تۈرۈك» تىكى «كۆك»تىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشنىڭ نېمە مەنە ئىپادىلىگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنى «تۈرك» سۆزىنىڭ «/تۈرك/» ۋە «/تۈرۈك/» ئىككى خىل ئىملاسى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. يەنى ئىككىلى ئىملادا «تۈرك» سۆزى ئوخشاش مەنە، ئوخشاش ئىستىمالدا، دېمەك «كۆك» سۆزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىشى كېرەك.

         ئۈچىنجىدىن، «/تۈرۈك/» ۋە «/كۆك/» تىكى «/ئۈك/» ھەرپى بىر قەدىمقى قوشۇمچە، كۆپلۈك قوشۇمچىسى ياكى تەكىتلەش، كۈچەيتىش قوشۇمچىسى بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە «اق/ئوق/» سۆزى پېئىللاردا تەكىت قوشۇمچىسى (ھازىرقى بارغۇلۇق، كەلگۈلۈك بۇنىڭدىن كەلگەن)، يەنە رەۋىشكە قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۇلانما دېيىلگەن[18].

         تۆتىنجى، «» ۋە «» ئارىسىدا مەنە پەرقى ياكى ئىستىمال پەرقى بار. لېكىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان مەنبە تېخى تېپىلمىدى. ت. تەكىن «/كۆك تۈرۈك/» سۆزىنى «شەرقىي تۈركلەر، كۆكتۈركلەر»[19] دەپ تەرجىمە قىلغان. بەلكى «» سۆزى «شەرق» مەنىسىنى بىلدۈرسە كېرەك. ياكى «كۆكتۈرك» رەڭنى ئەمەس بەلكى «ئەسلىي تۈركلەر» مەنىسىنى بىلدۈرسە كېرەك.

         بەشىنجى، «/كۆك تۈرۈك/»تىكى «» بىلەن «/كۆك/» ئىككىسى پەرقلىق سۆزلەر بولغاچقا پەرقلىق ئىملادا يېزىلغان، «»نىڭ يىلتىزى «» بولىشى كېرەك. لېكىن بۇ پەرەز ئىككىنجى پەرەزگە زىت.

         خۇلاسەن، مەڭگۈ تاشلاردىكى «كۆك» سۆزىنىڭ ئىككى خىل ئىملاسى تېخى ئېنىق چۈشىنىلمىگەن مەسىلە، شەخسەن بىرىنجى ۋە تۆرتىنجى پەرەزلەرنى ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

2.2. ماۋىي رەڭ مەنىسىدە

         يۇقارىدا يەكۈنلىگىنىمىزدەك «كۆك» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى رەڭ ئۇقۇمى بولۇپ، «ئاسمان» مەنسىنىڭ شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇ ھالدا «كۆك» سۆزىنىڭ «يېشىل» مەنىسىنى بەرگەنلىكىنى چۈشىنىشمۇ ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا «كۆك» سۆزى ئەسلى كۆك ۋە يېشىل رەڭلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆز سۈپىتىدە قوللىنىلىپ، كېيىنچە «تەڭرى» سۆزىگە قوشۇلۇپ مەخسۇس ئاسماننى بىلدۈرىدىغان «كۆك تەڭرى» بىرىكمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، كېيىن «تەڭرى» سۆزىنىڭ «ئاسمان» مەنىسى قوللىنىشتىن قالغاندا ئاندىن ئايرىم «ئاسمان» مەنىسىنى بىلدۈرگەن دېگەن قاراشتىمەن. بۇ ھەم باشقا تىللاردىكى كۆك ۋە يېشىل رەڭ ئۇقۇملىرىنى بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەنگە ئوخشايدۇ[20].

رەڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرگەن «كۆك» سۆزى قەدىمدىن كەڭ قوللىنىلغان. مەسىلەن، «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» شىمالىي يۈزى 11 ۋە 12-قۇر:

         «[…] […]»

         /سارىغ ئالتۇنىن، ئۈرۈڭ كۈمۈشىن، قىرغاغلىغ قۇتايىن، كىنلىگ ئىشگىتسىن، ئۆزلۈك ئاتىن ئايغىرىن، قارا كىشىن، كۆك تەيەڭىن تۈركۈمە، بودۇنۇما قازغانۇ بىرتىم ئىتى/

         «[…] سېرىق ئالتۇنىنى، ئاق كۈمۈشىنى، جىيەكلىك يىپەك رەختلىرىنى، خۇش پۇراقلىق يىپەكلىرىنى، خاس ئاتلىرىنى، ئايغىرلىرىنى، بۇلغۇن (تېرىلىرى)لىرىنى، كۆك تىيىن(تېرىلىرى)نى قازاندۇرۇپ بەرگەن ئىدىم[…]»

         يۇقارقى پارچىدىن«كۆك تىيىن»دىكى «كۆك»نىڭ بىرەر ئىلاھىي ياكى مۇقەددەس مەنىدە ئەمەس بەلكى «سارىغ ئالتۇن، ئۈرۈڭ (ئاق) كۈمۈش، قارا كىشى» قاتارلىق ئىبارىلەرگە ئوخشاش رەڭ مەنسىدە كەلگەنلىكى خۇلاسىلەش ئەقىلگە مۇۋاپىق.     «كۆك» سۆزى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىمۇ، چاغاتاي تىلىدىمۇ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىمۇ رەڭنى بىلدۈرگەن مەنىسى بار، شۇڭا بۇ ھەقتە يەنە توختالمايمىز.

         يەكۈن: تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى دەلىللەر شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، «كۆك» سۆزى ئەڭ قەدىمدە (ئورخون ئابىدىلىرى) رەڭ ئۇقۇمىنى ئىپادىلىگەن. كېيىنچە (دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك)، بەلكى «كۆك تەڭرى(ماۋىي ئاسمان)» ئىبارىسىنىڭ تەسىرىدە، «ئاسمان» مەنىسىنىمۇ ئىپادىلەشكە باشلىغان. تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى ئىزدىنىشلار «كۆك» سۆزىنىڭ «ئىلاھىي، مۇقەددەس، ساماۋىي» قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەلكىم كېيىنكىلەرنىڭ «كۆك تەڭرى» سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىدىن چىقىرىلغان يەكۈنى بولسا كېرەك.

  1. «كۆك تەڭرى»

دەۋرىمىزدە كەڭ تونۇلغان بۇ ئاتالغۇ، ھەيران قالارلىق ھالدا، ئۈچ ئابىدىلەردە ئىككىلا يەردە بار بولۇپ، ئىككىلىسى ئوخشاش جۈملىدە ئۇچرايدۇ:

«»

/ئۈزە كۆك تەڭرى ئاسرا ياغىز يەر قىلىندۇقدا، ئىكىن ئارا كىشى ئوغلى قىلىنمىش/

بىرسى بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى، شەرقىي يۈزى 2-قۇر. يەنە بىرسى كۈلتىگىن مەڭگۈتېشى شەرقىي يۈزى 1-قۇر.

3.1. «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە

بۇ ھالەتتە «كۆك تەڭرى» ئىبارىسدىكى «كۆك» سۆزى رەڭنى ۋە «تەڭرى» سۆزى ھازىر تۈركىي تىللاردا قوللىنىشتىن قالغان «ئاسمان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «ئورخون ئابىدىلىرى»دىكى يۇقارقى جۈملىدىكى «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە ئىكەنلىكى 1.2 بۆلىكىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

54 «ئورخون ئابىدىلىرى»دە «كۆك تەڭرى» ئىبارىسى پەقەت «ئەلئەتمىش بىلگە قاغان (تارىئات / تەرخ)» ئابىدىسى 3-قۇردا :

«»

/ئۈزە كۆكتەڭرى يارىلقادۇق ئۈچۈن، ئاسرا ياغىز يەر ئىگىتى ئۈچۈن/

«ئۈستتە كۆكتەڭرى بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، ئاستىدا قارا يەر باققانلىقى ئۈچۈن»

دېگەن جۈملىدىلا، «ئىلاھ» مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش بەكرەك مەنتىقلىق، چۈنكى «كۆكتەڭرى»گە «بۇيرۇماق» پېئىلى نىسپەت بېرىلگەن. دېمەك، ئورخون ئابىدىلىرىدە «كۆكتەڭرى» ئىبارىسى پەقەت «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە كەلگەن دېيەلمىسەكمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا شۇ ئىستېمالدا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئومۇمەن، «ئورخون ئابىدىلىرى»دە «كۆك تەڭرى» ئىبارىسىنىڭ بىرەر ئىلاھنى ئەمەس پەقەت ئاسماننى بىلدۈرگەنلىكى تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئەڭ توغرا يەكۈن. لېكىن تەڭرىچىلىك (tengrism) دىنىدا «كۆك تەڭرى» بۇ مەنىدە بولىشى ناتايىن.

3.2. «ئاسمان ئىلاھى» مەنىسىدە

         بۇ ھالەتتە «كۆك تەڭرى» ئىبارىسدىكى «كۆك» سۆزى «ئاسمان» مەنىسىنى ۋە «تەڭرى» سۆزى «ئىلاھ» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە مەڭگۈ تاشلاردا بۇ مەنە قوللىنىلمىغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەنبەرلەردە «كۆك تەڭرى» سۆزى تەڭرىچىلىك دىنىنىڭ ئاساسلىق ئىلاھىنى بىلدۈرگەن. دەۋرىمىزدە بۇ ئەڭ كەڭ يېيىلغان چۈشەنچىدۇر.

«كۆك تەڭرى» سۆزىنىڭ «ئىلاھ» مەنىسى ئۇچرايدىغان ئەڭ قەدىمقى مەنبە 15-ئەسىر ئەتراپىدا يەتتە سۇ رايونىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن «ئوغۇزنامە» بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋەزىر ئۇلۇغ تۈركنىڭ بۇ سۆزىدە «كۆك تەڭرى» ئىبارىسىنى «ئىلاھ» مەنىسىدە چۈشىنىش كېرەك:

/بەڭە كۆك تەڭرى بەردى چۈشۈمدە كەلتۈرسۈن

تالۇي تۇرۇر يەرنى ئۇرۇغۇڭغا بەردۈرسۈن/

 «كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت،

ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ.» [21]

         يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان، ژاڭ-پول غۇنىڭ «ئاۋۋال شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئاسماننى ئاسمان ئىلاھىدىن ئايرىش قىيىن[…]»[8]؛ «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسلىق ئىلاھى ئاسماندۇر.»[9]؛ ھەمدە تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ «[…]چۈنكى تۈركلەر كۆك ئاسماننى ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى تۇرىدىغان ماكان تەرىقىسىدە چۈشىنەتتى[…]»[17] قاتارلىق سۆزلىرى تەڭرىچىلىك (tengrism) دىنىدا «كۆك تەڭرى»نى «ئاسمان-ئىلاھ» ياكى «ئاسمان ئىلاھى» ياكى «ئاسماندىكى ئىلاھ» دەپ چۈشىنىشكە ئۈندەيدۇ.

3.3. «كۆك رەڭلىك تەڭرى» ياكى «كۆك رەڭ تەڭرىسى» مەنىسىدە

         ئورخون ئابىدىلىرى قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەر ۋە تەڭرىچىلىك دىنى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلاردىن شۇنى يەكۈنلىيەلەيمىزكى، «كۆك تەڭرى» سۆزى ھەرگىز «كۆك رەڭلىك ئىلاھ» ياكى «كۆك رەڭ ئىلاھى» مەنىسىدە قوللىنىلمىغان. چۈنكى بۇ مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. ھەتتا ئا.ئەمىر نەقىل ئالغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەرمۇ[1][2] تەپسىلىي ئوقۇلغىنىدا بۇ مەنىنى بەرمەيدۇ.

3.4. «كۆك تەڭرى»نىڭ تەسۋىرى

         يۇقارىدا بايان قىلىنغىنىدەك قەدىمقى دەۋردىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ دىنى توغرىلىق ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇماتلار يوق. دەۋرىمىزدە تەڭرىچىلىك (tengrism) دىنىنىڭ بىر قىسىم قالدۇقلىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكىسىگە ئوخشاش بولىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالىلەر بولسۇن، توردىكى مەلۇماتلار بولسۇن كۆپىنچە پەرەزنى ئاساس قىلغان ۋە بىر-بىرىگە زىت.

دەۋرىمىزدىكى تەڭرىچىلىك (tengrism) دىنى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن «كۆك تەڭرى»نىڭ تەسۋىرى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراشقا يولۇقتۇم.

1-ھېچقانداق مەلۇمات يوق:

«تەڭرىنىڭ جىسمانىي سۈرىتى نامەلۇم ئىكەن. ئۇ ئىنساندەك تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئاز دېگەندە ئىككى ئوغلى بارلىقى رىۋايەت قىلىنغان.»[22]

«كۆك تەڭرى، ئادەتتە كۆرۈنىدىغان ئاسماننىڭ ئەكسىچە، بىر ناماددىي ئاسمان. تەڭرىنىڭ سۈرىتى نامەلۇم.»[23]

2-پاك ئاق غاز:

         بۇ قاراش توردا بىرقانچە مەنبەلەردە[24] ئۇچرىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەسلى مەنبەسى بىرلا بولۇپ گۆكنىل جانغا نىسبەت بېرىلىدۇ:

«تۈرك ئەپسانىلىرىدە، تەڭرى بىر پاك، ئاق غاز بولۇپ، ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان چەكسىز سۇنىڭ ئۈستىدە توختىماي ئۇچىدۇ.»[25]

         يەكۈن: «كۆك تەڭرى» ئىبارىسى قەدىمدە «ماۋىي ئاسمان»نى بىلدۈرسە كېيىنچە تەڭرىچىلىك دىنىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھنى بىلدۈرۈپ، دەۋرلەر بويى پەرقلىق مەنىلەردە قوللىنىلغان. دىنشۇناسلىق جەھەتتىكى مەلۇماتلار يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ يەكۈن چىقىرىش قىيىن.

  1. «كۆك بايراق»نىڭ مەنىسى

دەۋرىمىزدە، بايراق بىر دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ سىمۋولى. شۇ سەۋەبتىن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستانغا ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ بايراق ئىجاد قىلىنغان 1933-يىلدىن بۇيانقى سىمۋولى شۇدۇر ۋە شۇ مەقسەتتە ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭ باشقا مەقسەتتە، خۇسۇسەن شېرىك ئەقىدىلەرگە باغلاش نىيىتىدە، ئىشلەنمگەنلىكىنى ئا.ئەمىرمۇ تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ: «بۇ بايراقنى ئىشلەتكەن سابىت داموللام ئۇيغۇرلار ئىچىدە سەلەفىيلىكى ئېنىق بولغان ئەڭ كاتتا دىنى ئالىم بولسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ جاھىلىيەت تارىخىنى بىلمەي خاتالىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.»[2]

بايراقتىكى بەلگىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىمۇ ئەلۋەتتە تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا بىر شەيئى مۇئەييەن بىرلا نەرسىنى سىمۋول قىلمايدۇ ۋە يەككە مەنبەلىك بولمايدۇ. ھەمدە سىمۋول قىلغان نەرسىسى كىشىلەر توپى، دەۋر، دىن، مەدەنىيەت ۋە تىل قاتارلىق ھەرخىل ئامىللارغا كۆرە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. سىمۋول بىلەن سىمۋول قىلىنغۇچى ئارىسىدىكى باغلىنىشمۇ دائىم دېگۈدەك مۇتلەق ئەمەس. نۆۋەتتە بىر قانچە نۇقتىدىن كۆك بايراقنى تەشكىل قىلغان بەلگىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئىزدىنىمىز.

4.1. «كۆك»نىڭ سىموۋلى

قۇرئاندا كۆك رەڭ پەقەت بىرلا يەردە «زُرقًا /زۇرقان/» شەكلىدە، سۈرە تاھا 102-ئايەتتە ئۇچرايدۇ: «يَوْمَ يُنفَخُ فِي الصُّورِ  وَنَحْشُرُ الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا». بۇنىڭ تەرجىمىسى: «بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز». بۇنى ئا. ئوقجۇ ئەپەندى: «بۇ كەلىمە بىلەن، ئادەتتە سوغۇقلۇق، قورقۇنچ، دەھشەت كەبى ئىنساننى ئۈركۈتىدىغان ھالەتلەر ئىپادىلەنگەندۇر.» دەپ شەرھىيلەيدۇ. ئۇ كۆك رەڭ توغۇرلۇق يەنە «قۇرئاندىكى ساما/كۆك، بەھر/دېڭىز كەبى كەلىمىلەرمۇ كۆك رەڭنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا كۆك، دىنىي سەزگۈنىڭ، چوڭقۇر چۈشەنچىنىڭ رەڭگى بولغاندۇر.» دەيدۇ.[26]

         ھ.ئاقيۈز ئەپەندى ھەدىسلەردىكى كۆك رەڭنىڭ قوللىنىلىشى توغرىسىدا، ئەرەبلەرنىڭ رۇملۇقلارغا بولغان خۇسۇمىتى، شۇنداقلا رۇملۇقلارنىڭ كۆزىنىڭ كۆكلىكى سەۋەبىدىن ئەرەبلەرنىڭ كۆك رەڭنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، «يۇقارىدا كۆك رەڭگە ئائىت نەقىل ئالغان رىۋايەتلەرنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئەرەبلەرنىڭ كۆك رەڭگە ئائىت مەنپى مەۋقەلىرىنىڭ ھەدىسلەردىمۇ ئەكس ئەتكىنىنى ئېيتالايمىز.» دېگەن. ۋە خۇلاسىدە، «بۇ تەتقىقاتتا ھەزرەتى پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا رەڭلەرنىڭ مەنىلىرى، ئەرەب ھەزارىتىنىڭ رەڭلەرگە بەرگەن مەنىلىرى بىلەن تەڭداش كەلگەنلىكى بېكىتىلگەندۇر.» دەپ يەكۈنلىگەن.[27]

         ئا.يىلدىرىم تەرىقەتلەردىكى رەڭ سىمۋوللۇغى ھەققىدە ماقالىسىدە شۇنداق دەيدۇ: «كۇبرانىڭ مۇرىتى نەجمۇددىن دايە، ئاقنىڭ ئىسلامغا، سېرىقنىڭ ئىمانغا، قېنىق كۆكنىڭ ئېھسانغا، يېشىلنىڭ ئىتمىنان (سۇكۇن)غا، كۆكنىڭ ئىيقان(توغرا ۋە كەسكىن بىلىم)غا، قىزىلنىڭ ئىرفانغا ۋە قارىنىڭ ھەيەمان(جۇشقۇن ئىشق ۋە جۇشقۇنلۇق ئىچرە شاشقۇن)غا باغلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەر.» يەنە «ھالۋەتىيلەردە نەفسنىڭ ئەممارە، لەۋۋامە، مۇلھىممە، مۇتمەئىننە، رازىيە، مەرزىيە ۋە كامىلە ھاللىرىغا نۆۋەت بويىچە شۇ رەڭلەر مۇقابىل كېلىدۇ: ئەزراق(كۆك)، ئەسفەر(سېرىق)، ئەھمەر(قىزىل)، ئەسۋەد(قارا)، ئەخدەر(يېشىل)، ئەبياز(ئاق)، بىلالەۋن(رەڭسىز).» يەنە « نەقشبەندىيلەرگە كۆرە زىكىرگە مەشغۇل بولغان سالىكنىڭ قەلبىدە نۆۋەت بويىچە ھال، سېرىق، ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭدە نۇرلار زۇھۇر قىلار.»[28]

كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى «ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي موتىفلىرىمىزنىڭ ئېتمولوگىيىلىك مەنىلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە: «مەدەنىيىتىمىزدە قىزىل شەرقىمىزنى، قارا غەربىمىزنى، كۆك شىمالىمىزنى، ئاق جەنۇبىمىزنى بىلدۈرىدۇ.»[29] دەيدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە كۆك رەڭنىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن شەرقنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە دەلىللەر كۆپ[30] بولغانلىقى ۋە ك.ئاتاخاننىڭ دەلىل مەنبەسى نامەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلىمىز.

         ئۆ. مازلۇم ئەپەندى ھەرخىل مەدەنىيەتلەردە كۆك رەڭنىڭ پەرقلىق مەنىلەردە كەلگەنلىكى بايان قىلىپ: «كۆك تەڭرى دىنىغا ئىشەنگەن تۈركلەر ئۈچۈن ئاسمان كۆكتۇر. شامانلار ئۇلۇغلۇق(بۈيۈكلۈك)نى تەمسىل قىلغان ماۋىي رەڭنى كۆك ئاتىغاندۇر.» دەيدۇ. يەنە خۇلاسىدە «كۆك رەڭ چەكسىزلىكنى، تۈرلىنىشنى، ئەمنىيەت ۋە ھۇزۇرنى ئەسلىتىدۇ ۋە نېرۋىلار ئۈچۈن قىزىلنىڭ ئەكسىچە ھۇزۇر بېرىدۇ. ئەينى زاماندا كۆك رەڭ دوستلۇق، ساداقەت، ۋاپا، يورۇقلۇق، پاكىزلىق ۋە روھانىيلىق سىمۋولىدۇر. […] كۆك رەڭ سۇنى، ئاسماننى ۋە ئەركەكلىكنى ئىشارەتلىگەن رەڭدۇر» دەيدۇ.[31]

سابىت داموللامنىڭ كۆك رەڭنى «ئىلاھ» خۇسۇسەن «كۆك تەڭرى» مەنىسىدە چۈشەنمىگەنلىكى ھەتتا يۇقارىدىكى ئا.ئەمىرنىڭ بايانىدىنمۇ چىقىپ تۇرغان بولغاچقا، ئەقلى ھوشى بار ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق ئويلاش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ئارتۇق چۈشەندۈرۈلمىدى.

بۇ ھەقتە بىر قاتار ئىزدەنگەندىن كېيىنكى يەكۈنۈم، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىدىكى كۆك رەڭنى «شەرق» مەنىسىدە چۈشىنىش مېنىڭچە ئەڭ مەنتىقلىق. چۈنكى ئەينى دەۋردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بولۇپ بېكىتىلىپ بولغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئەينى شەكىلدە لەيىھەلەنگەن كۆك رەڭلىك بايراقنىڭ شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ دۆلىتى دېگەن مەنىنى بېرىشى ئەڭ مۇناسىپ.

4.2. «ئاي يۇلتۇز»نىڭ سىموۋلى

         ئاي يۇلتۇز بەلگىسى تۈركلەردە ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ قوللىنىلغان بولۇپ، كۆكتۈركلەر دەۋرىگە ئائىت تەڭگە پۇللاردا بۇ بەلگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن خەلقلەر ھەر قايسى دەۋرلەردە بۇ بەلگىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. بۇ قەدىمدە كىشىلەرنىڭ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزغا چوقۇنۇپ كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ھىلال ئاي بىر مەزگىل ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ بەلگىسىمۇ بولغان. كېيىن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىدىن باشلاپ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز ئىسلامنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.

         يەكۈن: شەرقىي تۈركىستان بايرىقىدىكى كۆك رەڭنى بىرلا مەنە بېرىدۇ دېگەندە «شەرق» مەنىسىدە چۈشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بولسا ئىسلامنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىپ قويۇلغان.

  1. مەنتىقىدىكى خاتالىقلار

         مۇقەددىمىدە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئا.ئەمىرنىڭ «كۆك بايراق» بىلەن «كۆك تەڭرى»نى باغلىشى بەكلا يۈزەكى ۋە تومتاق ئويلاش ئەندىزىسىگە قۇرۇلغان. كۈسەنىي ئۇستازمۇ بۇ باغلىنىش توغرىسىدا «ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ بىر ئەقلى ھوشى جايىدا ئىنسان دەيدىغان گەپمۇ بۇ؟»[3] دەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئا.ئەمىرنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئېغىر ئىدراكىي ئېغىشى بۇ مەسىلىنىڭ ئەقىدىدەك مۇھىم مەسىلىگە زورلاپ تاقاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولغاچقا، بۇ مەسىلىدىكى مەنتىقىلىق خاتالىقلارمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىشى زۆرۆر بولدى.

بۇ مەسىلىدە ئا.ئەمىر تەرەپدارى بولۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئالدىنقى شەرت كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنى چۈشىنىشتە ۋە ئۇلارغا دەلىل كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم. شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ بۆلەكتە ئىزدىنىش شۇلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن ھالدا، «كۆك تەڭرى» سۆزى قەدىمدە تۈركلەر چوقۇنغان ئىلاھ مەنىسىدە، «كۆك» قانداق مەنىدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شۇ ئىلاھنىڭ سۈپىتى تەرىقىسىدە ۋە «كۆك تەڭرى» بىلەن «كۆك رەڭلىك ئاسمان» پەرقسىز دېگەن ئالدىنقى شەرتلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر يۇقارقى ئالدىنقى شەرتلەر قوبۇل قىلىنمىغاندا، ئا.ئەمىرنىڭ يازمىسىنىڭ ھېچقانداق قايىل قىلىش قىممىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئالدىنقى بۆلەكلەردە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، «كۆك» ۋە «تەڭرى» سۆزلىرىنىڭ مەنىلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرغان، «كۆك تەڭرى»نىڭ ئەڭ قەدىمقى مەنىسى «كۆك رەڭلىك ئاسمان» يەنە كۆك رەڭ بىلەن ئىلاھ قارالغان «كۆك تەڭرى»نىڭ ئوچۇق مۇناسىۋېتى يوق. شۇڭا نۆۋەتتە بۇ ئالدىنقى شەرتلەر قوبۇل قىلىنغاندىكى ھالەتنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىمىز.

         بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېچكىم كۆك بايراقتىكى كۆك رەڭنى شامان دىنىدىكى ئىلاھ «كۆك تەڭرى»گە باغلاپ چۈشەنمەيدۇ. يەنە ھېچكىم بايراقنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلىمايدۇ دەپ قارايمەن. لېكىن شۇنداق قىلغۇچىلار بولسا بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا زىت ئىكەنلىكى روشەن.

5.1. خاس ئۇقۇم ۋە ئومۇمىي ئۇقۇم

         ئا.ئەمىر ماقالىسىدە نەقىل ئالغان مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىدە «كۆك» رەڭ بىلەن «كۆك تەڭرى»دىكى «كۆك » سۆزلىرى پەرقلىق قارالغان :

         مەسىلەن، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «[…] كۆكنى رەڭ ئۇقۇمىدا ئەمەس <تەڭرى-خۇدا> دەپ بىلەتتى[…]» [17] دېگەن سۆزىدىن تۇرغۇن ئالماس تىلغا ئالغان «كۆك» سۆزىنىڭ كۆك رەڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوقلۇقىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ.

يەنە كۈرەش ئاتاخاننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە كۆك سۆزىنىڭ رەڭدىن باشقا مەنىلىرى ھەققىدىكى سۆزى: «كۆك دېگەن سۆزنىڭ سىمىۋوللۇق مەنىسى بەك كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى كۆپ مەقسەتلەردە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن كۆك بايراق، كۆك بۆرە، كۆك تەڭرى… قاتارلىقلار. بۇ يەردىكى كۆك ھەرگىزمۇ كۆك رەڭنى ئەمەس، ھەر كونتېكىستتا ئايرىم مەنا ئاڭلىتىدۇ. كۆك دېگەن سۆز يېشىل دېگەن مەناغىمۇ، كۆك – تات دېگەن مەناغىمۇ ئىگە. ئۇيغۇر مەدەنىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇن كۆكلەر بار، ئۇ پەقەت رەڭنىلا كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن تەڭرىنىڭ رەڭگى كۆكمۇ ياكى قارىمۇ، قىزىلمۇ ياكى ئاقمۇ بىر نېمە دېمەك تەس. بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭلىك بىر بۆرە يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر مېتولوگىيسىدىكى كۆك بۆرە ھېچبىر ۋاقىتتا بىر ھايۋاننى كۆرسەتمەيدۇ.»[29] تۇرغۇن ئالماسنىڭ يۇقارىقى سۆزىگە ئوخشايدۇ.

دېمەك، ئا.ئەمىردىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە «كۆك تەڭرى» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ۋە ئىستىمالىنى بىلگەن بىلمىگەن بولۇشىغا قارىماستىن، ھېچكىم كۆك رەڭگە باغلاپ چۈشەنمىگەن. ئا.ئەمىر نەقىل ئالغان مەنبەلەر بۇنىڭدا بىردەك.

         شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، ئا.ئەمىر ۋە تەرپدارلىرىنىڭ «مەنتىقە»سى:

«ئا: كۆك تەڭرى = ئاسمان.

ب: ئاسمان ئاساسەن (يەنى كۈندۈزى شەپەق ئەمەس چاغدا) كۆك رەڭدە.

دېمەك كۆك رەڭ باتىل ئىلاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.» تەرىقىسىدە بولۇپ كەلدى.

ئەگەر يۇقارىقى خاتا پىكىر ئەندىزىسىنى توغرا دەپ ئېتىراپ قىلساق، ھەرقانداق خاتا يەكۈنلەرنى چىقارغىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

«ئا: ئا.ئەمىر = ئىنسان.

ب: سۈرە ئەئراف 102-ئايەت < ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ (روزىمىساقتا) بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق، ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق > نىڭ مەنىسى بويىچە ئا.ئەمىر ئاساسەن پاسىق.

دېمەك ئا.ئەمىر ئاللاھنىڭ ئەمر -پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.» مېنىڭچە، بۇ بىرلا مىسال خاس ئۇقۇم بىلەن ئومۇمىي ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدەك خاتا پىكىر ئەندىزىسىگە قارىتا «كۆك رەڭ پەقەت كۆك تەڭرىنىلا كۆرسىتەمدۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراش كېرەك.

خاس ۋە ئومۇمىي ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشنىڭ يەنە بىر مىسالى تۈركىي تىللاردىكى «ئىلاھ» مەنىسىدىكى «تەڭرى» سۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىش. ئەمەلىيەتتە «تەڭرى» سۆزى ئەسمائۇل ھۇسنە ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ئومۇمىي ئىسىم. خۇددى «ئىنسان» سۆزى ئومۇمىي ئىسىم، «مۇھەممەد، تاييىب» قاتارلىقلار خاس ئىسىم بولغىنىدەك.

سۆزىمىزگە كەلسەك، ئاسمان كۆك رەڭدە بولسىمۇ، كۆك رەڭ دائىم ئاسمانغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.  ئاسمانمۇ دائىم باتىل ئىلاھ «كۆك تەڭرى»نى كۆرسەتمەيدۇ. بولمىسا سۈرە ئال ئىمران 5-ئايەتنى قانداق چۈشىنىمىز: «شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس.»

5.2. يەككە ئورتاقلىق تەڭلىكنى بىلدۈرمەيدۇ

يەنە بىر خاتالىق بولسا «كۆك»تىن ئىبارەت لەفزىي ئوخشاشلىق تۈپەيلى بايراقنى ئىلاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلاش. مەن ئا.ئەمىر تەرەپدارى بولغان بىرى بىلەن پىكىرلەشكەندە ئۇ: «ئەگەر لات ۋە ئۇززانىڭ رەسىمى سىزىلغان بايراقنى كۆتۈرۈش توغرا بولسا كۆك رەڭلىك بايراقنى كۆتۈرۈشنىڭ توغرىلىقىغا مەن قايىل» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان ئىدى. بۇ خىل مەپكۇرىدىكى خاتالىق بولسا 5.1 بۆلىكىدىكى خاس ۋە ئورتاق ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بىر ئوخشاشلىققا ئىگە ئىككى خاس ئۇقۇم بەئەينى بىر نەرسىدەك تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ.

يۇقارىقى مىسالنىڭ مەنتىقىسى:

«ئا: لات ۋە ئۇززا باتىل ئىلاھلار.

ب: باتىل ئىلاھلارنىڭ رەسىمى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دېمەك ئۇ رەسىملەرنى بايراق قىلىش خاتا.» بۇ مەنتىقە پۈتۈنلەي توغرا. چۈنكى لات ۋە ئۇززانىڭ ھەيكەللىرى (يەنى بۇتلىرى) ۋە رەسىملىرى مەخسۇس ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن، لات ۋە ئۇززانىڭ ھەيكىلىگە ۋە رەسىمىگە ئىشلىتىلگەن رەڭلەرنى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىش ئۈچۈن دەلىل كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئارقىلىق مەككىنىڭ ئاساسلىق ئىلاھلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «مانات»نىڭ بىر قارا تاشنىڭ سىمۋوللۇق رەسىمى[32] ئىكەنلىكىنى ئۇچراتتىم. يەنە «تەپسىرى ئىبنى كەسىر» 6-توم نەجىم سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە «لات نەقىشلەنگەن ئاق تاش بولۇپ، تائىفتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي سېلىنغان ئىدى»[33] دېيىلگەن. ئەگەر بۇ راست بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى مۇمكىن ئەمەس. ناۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ھالەتتىمۇ قارا ۋە ئاق رەڭلىك بايراق قوللانغان[4] بولسا بۇ بىرەر رەڭنى باتىل ئىلاھقا خاسلاشتۇرىۋېلىشنىڭ خاتالىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

يەنە، بۇنىڭغا ئالاقىدار ھىندىلارنىڭ تۈرلۈك ئىلاھلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ:

«ئا: كالا ئىلاھى (ياكى باشقا بىرى) باتىل ئىلاھ.

ب: كالىنىڭ رەسىمى باتىل ئىلاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دېمەك، كالىنىڭ رەسىمىنى بايراق قىلىش خاتا.» بۇ يەردە ب جۈملە خاتا بولۇپ كالىنىڭ رەسىمىنىڭ ھەممىسى كالا ئىلاھقا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. لېكىن كالىنىڭ رەسىمىنى بايراق قىلماسلىق، مېنىڭچە، جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزماسلىققا ئائىت باشقا مەسىلە.

بىر لەفزىي ئوخشاشلىق پەرقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدىغان بولسا سۈرە ياسىن 58-ئايەت : «سَلامٌ قَوْلا مِّن رَّبٍّ رَّحِيمٍ» يەنى «مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ» بىلەن سۈرە تەۋبە 128-ئايەت «لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِّنْ أَنفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُم بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ» يەنى «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» دېگەن ئىككى ئايەتتىكى «رَّحِيم» سۆزى خاتا ھالدا ئاللاھ بىلەن پەيغەمبىرى ئارىسىدىكى پەرقسىزلىقنى يەكۈنلەتكۈزىشى لازىم بولىدۇ.

ئەمدى «كۆك تەڭرى» مەسىلىسىگە كەلسەك:

«ئا: كۆك تەڭرى باتىل ئىلاھ.

ب: كۆك رەڭ كۆك تەڭرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دېمەك كۆك رەڭلىك بايراق كۆتۈرۈش خاتا.» دېگەن مەپكۇرىدە ب جۈملە خاتا. ئالدىنقى ئۈچ بۆلەكتە كۆك رەڭنىڭ مەخسۇس «كۆك تەڭرى»نىلا بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلدۇق. ھەتتا 3.4 بۆلەكتە «كۆك تەڭرى»نىڭ تەسۋىرىنىڭ كۆك رەڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوقلىمۇ بايان قىلىندى.

5.3. ئەقىدىدە مىللەتچىلىك ۋە رەڭچىلىك

         بۇ يەردە، كۆك بايراق مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئا.ئەمىر پەيدا قىلغان ئەقىدىدىكى ئىككى بىدئەتنى تىلغا ئېلىش كېرەك. تارىختىن بۇيان، ئىسلام ئەقىدىسىدە بىرەر مەسىلە بىر مىللەتكە ياكى ئۇلارنىڭ تارىخىغا خاس بولغان ئەمەس[33]. مەسىلەن، جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر لات، ئۇززا، مانات… قاتارلىق ئىلاھلارغا چوقۇناتتى. لېكىن بۇنى ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرىنىڭ چوقۇنمىغانلىقى تۈپەيلى چوقۇنسا بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆك تەڭرى باتىل ئىلاھ بولغانىكەن بۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاسلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ۋاھالەنكى ئا.ئەمىر: «بۇلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىدۇ: باشقا مىللەت چۈشەنچىسىدە، بۆرە ئادەتتىكى ياۋايى ھايۋان دەپ بىلسىمۇ، باشقا مىللەت چۈشەنچىسىدە، ئاسماننىڭ رەڭگى بولغان كۆك رەڭنى ئادەتتىكى بىرخىل رەڭ دەپ چۈشەنسىمۇ، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىنى ئىلاھ دەپ چوقۇنىشى؛ ۋە ياكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىمىز دەپ قارىلىدىغان كۆكتۈركلەرنىڭ <كۆك> رەڭنى <ئىلاھ-خۇدا> دەپ بىلىپ ئۇيغۇر ئۇيغۇر تارىخى كىتابلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى بولغان: ئوغۇزنامە، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلار قارتارلىق تارىخى كىتابلىرىمىزدا ئىلاھ تەسۋىرلەنگەنىكەن، باشقا مىللەت تارىخى كىتابلىرىدىن ئىزدەپ ئاقلاشنىڭ قىلچە ئورنى يوق.»[1] دېيىش ئارقىلىق ئەقىدە ساھەسىدە مىللەتچىلىك ۋە تارىخنى ئاساس قىلىشتەك بىدئەتنى ئىجاد قىلغان.

بۇنىڭغا قارىتا سۈرە بەقەرە 134-ئايەت «ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى(نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار(نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس» جاۋاب بولغۇسى. ئەگەر دەۋرىمىزدە ئەرەبلەر كۆك تەڭرىگە چوقۇنسا، ئەجدادى چوقۇنمىغان بولسىمۇ مۇشرىك بولىدۇ. ئۇيغۇرلار لات ۋە ئۇززاغا چوقۇنسا ئەجدادى چوقۇنمىغان بولسىمۇ مۇشرىك بولىدۇ.

         يەنە بىرسى ئەقىدىدىكى رەڭچىلىك بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئەقىدە كىتابلىرىدا رەڭ توغۇرلۇق ماددا يوق[33]. كۆكتۈركلەرنىڭ كۆك رەڭنى ئىلاھ ھېسابلىغانلىقىغا دەلىلىمۇ يوق ھالەتتە ئا.ئەمىرنىڭ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە رەڭ ماددىسىنى قوشماقچى بولغانلىقى ئوچۇق بىدئەت. ئۈمۈدكى، دىنىي ئۇستازلار بۇ خاتالىقلىرىغا يېتەرلىك تەنقىد بەرگۈسى.

         يەكۈن: ئاسمان كۆك رەڭدە بولسىمۇ، كۆك رەڭ دائىم ئاسمانغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.  ئاسمانمۇ دائىم باتىل ئىلاھ «كۆك تەڭرى»نى كۆرسەتمەيدۇ. كۆك رەڭ «كۆك تەڭرى»گە خاس ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ تەسۋىرىدىمۇ يوق. ئىسلام ئەقىدىسىدە، تارىخ، مىللەت ۋە رەڭ دەلىل مەنبەسى بولالمايدۇ.

خۇلاسە

      ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى كۆك رەڭنى ئىلاھ دەپ قارىمىغان. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەردىن كېيىنكى قانائىتىم، تىلشۇناسلىق جەھەتتىن «كۆك» سۆزىنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەنىسى رەڭ ئۇقۇمى. «تەڭرى» سۆزى قەدىمدە ھەم ئىلاھنى ھەم ئاسماننى بىلدۈرگەن. مەڭگۈ تاشلاردىكى «كۆك تەڭرى» سۆزى ئومۇمەن «كۆك ئاسمان» مەنىسىدە، كېيىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، «تەڭرى» سۆزى ئاسماننى بىلدۈرمەيدىغان بولغان، ۋە شۇ دەۋردىن باشلاپ «كۆك تەڭرى» خۇسۇسەن تەڭرىچىلىك (شامان دىنىنىڭ تۈركلەردىكى تۈرى) دىكى ئەڭ مۇھىم ئىلاھنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. دىنشۇناسلىق جەھەتتىكى بايانلار ئوچۇق ئېنىق ئەمەس ۋە بىر بىرىگە زىت. لېكىن مەۋجۇت بايانلاردىن «كۆك تەڭرى»نىڭ كۆك رەڭلىك تەسۋىرلەنمىگەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ.

         لېكىن بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە، ئا.ئەمىر تەرەپدارلىرىدىكى مەنتىقلىق خاتالىقلار بولۇپ، بۇ نۇقتىدا ۋە بەزى ئالاقىدار چىگىش مەسىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە يەنە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

1-جاھىلىيەتكە تۇتاشقان ھەممە نەرسە ھاراممۇ؟

2-بىر سۆز، بەلگە ياكى سىمۋولنىڭ مەنىلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرغان بولسا چوقۇم ئۇنى قەدىمقى دەۋرگە، خۇسۇسەن جاھىلىيەتكە، باغلاپ چۈشىنىش كېرەكمۇ؟

3-خاسلىق بولمىغان ھالدا، بىر نەرسە بىلەن جاھىلىيەت ئادەتلىرىدىكى ياكى باتىل ئىلاھلاردىكى بىرلا ئوخشاشلىق ئۇنى ھارام دېيىشكە يېتەرلىكمۇ؟

4-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قارا ياكى ئاق رەڭلىك بايراق قوللانغىنى مەلۇم، ھەمدە نەجم سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە لاتنىڭ ئاق رەڭلىك بۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.  مېنىڭچە، بۇ نۇقتىنىڭ ھۆكمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كۆك بايراق توغرىسىدا ئەڭ ئوچۇق ۋە كەسكىن جاۋاب بىلەن تەمىنلەيدۇ.

         ئىشىنىمەنكى، ھەر ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى پات پۇرسەتتە بۇنىڭغا قېنىقارلىق جاۋاب تاپقۇسى.

 ھىجرىي 1439-يىل شەۋۋالدا يېزىلدى

 ھىجرىي 1441-يىل جەمەدىيەل ئەۋۋەل قايتا تەھرىرلەندى

مەنبە ۋە ئىزاھ:

  1. ئا.ئەمىر: «كۆك بايراق پەتىۋاسى»، «ئاي، يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئۇلۇغلاش شېرىكتۇر»، 2018-يىل(؟). ئۇنىڭ شەخسىي فەيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئۆزىنىڭ كېينكى مەنبەدىكى يازمىسىدا «ئارىدا بەزى يېقىن قېرىنداشلىرىم ماقالىنى يوقىتىۋېتىشىم توغرۇلۇق پىكىرلەرنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ماقالىنى تور يۈزىدىن يوقىتىۋەتتىم.» دېگىنىدەك توردىن ئەسلى مەنبەسىنى تاپقىلى بولمىغاچقا، ماقالىنى كۆچۈرۈپ ساقلىۋالغان بىرەيلەن تەمىنلىگەن نۇسخا ئاساس قىلىندى.
  2. ئا.ئەمىر: «كۆك بايراق پەتىۋاسىغا ئىزاھات»، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى. ئۇنىڭ شەخسى فەيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.

ئۇلانما: https://www.facebook.com/uytrew91/posts/1930251633956350

  1. پىدائىيلار بىز سەھىپىسى: «بايراققا مۇناسىۋەتلىك ئىسلامىي چۈشەنچىلەر ھەققىدە – ھەبىبۇللاھ كۈسەنىدىن بايانلار»، 2018-يىلى، 3-ئاينىڭ، 14-كۈنى. يۇتۇب تورى.

ئۇلانما: https://www.youtube.com/watch?v=Jd305wCOD1U

  1. ئا.جامال.كاشىغەرىي: «قارا رەڭلىك بايراق ئىشلىتىش شەرت ئەمەس»، 2018-يىلى، 5-ئاي. ئەزھەرى تورى.

ئۇلانما: http://www.azheri.com/az/?p=919

5.دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2-توم، 328-بەت. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2018-يىلى، ئىستانبۇل.

ئۇلانما: https://www.facebook.com/abdulaziz.rahmetullah.5/posts/147688842636914

6.دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2-توم، 513-بەت. ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2018-يىلى، ئىستانبۇل.

ئۇلانما: https://www.facebook.com/abdulaziz.rahmetullah.5/posts/165058167566648

7.ماغى-لىز بېففا: «موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخىدىكى تەڭرى، <ئاسمان>، ئۇقۇمى ھەققىدە»، «موڭغۇل ۋە سىبىرىيە تەتقىقاتلىرى» 1993-يىلى، 24. 215 -236-بەتلەر. (فرانسۇسچە)

Marie-Lise Beffa : « Le concept de tänggäri, < ciel>, dans l’Histoire secrète des Mongoles », « Etudes mongoles et sibérienne », 24, 1993, 215-236.

8.ژاڭ-پول غۇ: «تەڭرى. ئالتاي خەلقلىرىدىكى ئاسمان-ئىلاھ ھەققىدە ئىزدىنىش (بىرىنجى ماقالە)»، «دىنلار تارىخى كۆرىكى» ژۇرنىلى، 149-توم، 1-نومۇر. 1956-يىل، 49-82-بەتلەر. (فرانسۇسچە)

Roux Jean-Paul. Tängri. Essai sur le ciel-dieu des peuples altaïques (premier article). In : Revue de l’histoire des religions, tome 149, n°1, 1956. pp. 49-82;

9.ژاڭ-پول غۇ: «تەڭرى. ئالتاي خەلقلىرىدىكى ئاسمان-ئىلاھ ھەققىدە ئىزدىنىش (ئىككىنجى ماقالە)»، «دىنلار تارىخى كۆرىكى» ژۇرنىلى، 149-توم، 2-نومۇر. 1956-يىل، 197-230-بەتلەر. (فرانسۇسچە)

Roux Jean-Paul. Tängri. Essai sur le ciel-dieu des peuples altaïques (deuxième article). In : Revue de l’histoire des religions, tome 149, n°2, 1956. pp. 197-230.

  1. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، غۇننىلىك پېئىللار بۆلۈمى، فعالى شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، «تنكرى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى.
  2. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، غۇننىلىك پېئىللار بۆلۈمى، ئىككى ھەرپلىكلەر بابى، «تنكدى». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى.
  3. تالات تەكىن: «ئورخون ئابىدىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2009-يىلى نەشرى. 12-13-بەت.
  4. تالات تەكىن: «ئورخون ئابىدىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2009-يىلى نەشرى. 45-بەت.
  5. ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار: «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996-يىلى نەشرى. 160-بەت.
  6. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، فَعل فُعل فِعل شەكىللىرىدە ئوتتۇرا ھەرپى ساكىنلىق سۆزلەر بابى، «كوك». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى.
  7. گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ: «قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى، 21-بەت.
  8. تۇرغۇن ئالماس: «ئۇيغۇرلار»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرى، 2010-يىل 4-ئاي، ميونخېن، گېرمانىيە.
  9. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، ھەمزىلىك ئىسىملار بۆلۈمى، ئىككى ھەرپلىكلەر بابى، «كوك». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى.
  10. تالات تەكىن: «ئورخون ئابىدىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2009-يىلى نەشرى. 149-بەت.
  11. ۋىكىپېدىيا: تىللاردىكى كۆك يېشىل پەرقى (ئېنگىلىسچە). ئۇلانما:

https://en.wikipedia.org/wiki/Blue%E2%80%93green_distinction_in_language

  1. گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ: «قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى، 17-بەت.
  2. ئۇلانما (ئېنگىلىسچە):

http://web.newworldencyclopedia.org/entry/Tengriism#cite_note-archive-4

  1. رافائېل بېزېرتىنوۋ: «تەڭرىچىلىك-تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ دىنى»، يار چاللى، 2000-يىل نەشرى. ئۈچىنجى باب : ئىلاھلار، 71-95-بەتلەر. (ئېنگىلىسچە)

Rafael BEZERTINOV : TENGRIANIZM – RELIGION OF TúRKS AND MONGOLS, Naberezhnye Chelny, 2000, Chapter III Deities, Pp. 71-95

ئۇلانما:

http://aton.ttu.edu/OLD_TURK_DEITIES.asp

  1. ئۇلانمىلار (ئېنگىلىسچە):

https://en.wikipedia.org/wiki/Tengri#cite_ref-13

https://ipfs.io/ipfs/QmXoypizjW3WknFiJnKLwHCnL72vedxjQkDDP1mXWo6uco/wiki/Tengri.html#cite_note-13

  1. گۆكنىل جان: «ئورتا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە يارىتىلىش ئەپسانىلىرى»، ياپى كرېدى سەنئەت كۆرگەزمىلىرى. 1997-يىل. (ئېنگىلىسچە)

Göknil, Can. “Creation myths from Central Asia to Anatolia”. Yapı Kredi Art Galleries, 1997

ئۇلانما:

http://cangoknil.com/creation-myths-from-central-asia-to-anatolia/

  1. ئابدۇلھەمىد ئوقجۇ: «قۇرئاندىكى رەڭلەر»، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ژۇرنىلى 28-سان، 127-163-بەتلەر. ئەرزۇرۇم، 2007-يىل. (تۈركچە)

Dr. Abdulmecit Okcu : « KUR’AN’DA RENKLER », Atatürk Üniversitesi İlâhiyat Fakültesi Dergisi, sayı: 28, Erzurum, 2007.

  1. ھۈسەيىن ئاقيۈز: «ھەزرەتى پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىدە رەڭلەرنىڭ تىلى»، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ژۇرنىلى 41-سان، 373-397-بەتلەر. ئەرزۇرۇم، 2014-يىل. (تۈركچە)

Hüseyin AKYÜZ : « HZ. PEYGAMBER’İN HADİSLERİNDE RENKLERİN DİLİ », Atatürk Üniversitesi İlâhiyat Fakültesi Dergisi, sayı 41, Erzurum, 2014.

  1. ئالى.يىلدىرىم: «رەڭ سىمۋللىغى ۋە شەيخ غالىبنىڭ ئۈچ رەڭگى»، مىللىي فولكلور، 2006-يىلى، ئومۇمىي 72-سان. 129-140-بەتلەر. (تۈركچە)

Doç. Dr. Ali YILDIRIM : « RENK SİMGECİLİĞİ VE ŞEYH GÂLİB’İN ÜÇ RENGİ » Millî Folklor, 2006, Yil 18, Sayi 72. sahifa129-140.

  1. كۈرەش ئاتاخان: «ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي موتىفلىرىمىزنىڭ ئېتمولوگىيىلىك مەنىلىرى ھەققىدە». ھويلام تورى، 2017-يىل. ئۇلانما:

http://www.hoylam.net/uyghur_tili_we_milliy_motiflarimizning_etmologiyelik_meniliri_heqqide/

  1. رەڭ ۋە يۆنىلىشلەر ھەققىدە ئۇلانمىلار (ئېنگىلىسچە):

https://sites.google.com/site/colorsofthefourdirections/

https://en.wikipedia.org/wiki/Cardinal_direction#Northern_Eurasia

  1. ئۆزگە مازلۇم: «رەڭنىڭ ھەزارەت مۇناسىۋىتى»، فاتىھ ئۇنۋېرستېتى ژۇرنىلى 31-سان. 2011-يىل.125-138-بەتلەر.

Özge MAZLUM : « RENGİN KÜLTÜREL ÇAĞRIŞIMLARI », Fatih Üniversitesi, Aralık 2011. Sayı 31. Sahifa 125-138.

  1. «مانات»، ۋىكىپېدىيا تورى. ئۇلانما(ئېنگىلىسچە):

«Since the idol of Manat was an aniconic image of black stone, it could have been easily confused with a Shiva lingam at Somnath.»

https://en.wikipedia.org/wiki/Man%C4%81t

  1. «تەپسىرى ئىبنى كەسىر» 6-توم، 66-بەت. ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى، 2011-يىل، ئىككىنجى نەشرى.
  2. «ئەقىدە تاھاۋىيە شەرھى». ئۇلانما (تۈركچە):

https://islamhouse.com/ug/books/994/

پايدىلانمىلار:

مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەتنى ۋە تەرجىمىسى ئۈچۈن:

تالات تەكىن: «ئورخون ئابىدىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ)، 2009-يىلى نەشرى.

http://bitig.org/?lang=e&mod=1&tid=1

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى. يۇلغۇن تور لۇغىتى ئاساس قىلىندى:

http://dict.yulghun.com/

مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار: «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

ئاي يۇلتۇز ھەققىدە:

http://members.storm.ca/~cm-tntr/crescent_stara.html

http://members.storm.ca/~cm-tntr/crescent_starb.html

«قۇرئان كەرىم»، مۇھەممەد سالىھ داموللا تەرجىمىسى.