ئەسكەرتىش: گەرچە نورمال ئەھۋالدا جاھىلنىڭ ئىككى مەنىسى بىر- بىرىنىڭ سەۋەبى بولالىسىمۇ، بۇ يەردىكى جاھىل كەلىمىسى ئۆز گېپىدە، ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان جاھىللىقتىن زىيادە ئىلىم – مەرىپەتتىن مەھرۇم، بىلىمسىز قالغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.
” دانالار دائىم شەيئىيلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ئەخمەقلەر تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىدۇ.- Russell
كرۇگېر ئېففېكتىگە (Dunning–Kruger effect) ئاساسلانغاندا، ئادەم كىچىككىنە بىر نەرسە بىلىۋالغان ۋاقتىدا ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىپ كېتىدۇ؛ بىلىمنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلىمنىڭ جۇغلانمىسىغا ئوڭ تاناسىپ شەكلىدە ئېشىپ بارىدۇ. رەسىم 1- دە كرۇگېر ئېففېكتى گىرافىكى.
ئىنسان بىر نەرسىنى چالا بىلگەن ياكى يېڭى بىلىشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. مەلۇم ساھەدىكى بىلىم جۇغلانمىسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خىيالىدىكى ئىقتىدارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئىقتىدارى ئارىسىدىكى پەرق ئازىيىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيەتتىكى ئىقتىدارى خىيالىدىكى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يېتەرسىز قالىدۇ. (مەنچە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەسىلىسى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن زىيادە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن.)
كۈنىمىزدە ئىنسانلار ئىنتايىن قولايلىق شەكىلدە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا كەسپىيلىشىش مەلۇم دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە دېيەلەيمىز. ھەممە ئادەم تېلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپلا خالىغان ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ ۋە ھەتتا بىر سىكوت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق كەسپىيلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەجرىبىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلالايدۇ. بۇ خىل ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى كرۇگېر ئېففېكتى ئارقىلىق ئىنتايىن جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ – ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن جاھىللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. جاھىل پىتى قېلىش، جاھىللارچە ئۆزىگە ئىشىنىش بەلكىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ قولاي يولى بولۇشى مۇمكىن.