جاھالەت سائادەتتۇر

جاھالەت سائادەتتۇر
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

بۇ جۈملە تۇنجى ئوقۇشتا جورج ئورۋېلنىڭ مەشھۇر « 1984» رومانىدىكى «ئۇرۇش تىنچلىقتۇر؛ ھۆرلۈك قۇللۇقتۇر؛ نادانلىق قۇدرەتتۇر.» قۇرلىرىنى ئەسلىتىدۇ. نادانلىق قۇدرەتكە ئايلىنالماسلىقى مۇمكىن بولغىنىدەك، جاھالەت سائادەت ئېلىپ كېلەلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى ئىزاھلاشتىن بۇرۇن، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھاتلىق لۇغىتىدە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن:

جاھالەت: ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان ھالەت، نادانلىق، قالاقلىق.

نادانلىق: نادان كىشلەرگە خاس قىلىق – ھەرىكەت ، ئەخمەقلىق.

قالاقلىق: قالاق ھالەت، قالاقلىقتىن قۇتۇلماق.

سائادەت: زور بەخت ، پارلاق ئىستىقبال.

يۇقىرقى ئىزاھلارغا ئاساسلانغاندا «جاھالەت سائادەتتۇر» جۈملىسىنى ئىسلام دىنىدا دېيىلگەن جاھىلىيەت دەۋرى بىلەن، سائادەتنى جەننەت بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ يەردە دېيىلگەن جاھالەت نادانلىقنى، سائادەت بولسا خوشاللىق، بەختنى كۆزدە تۇتىدۇ.

«جاھالەت سائادەتتۇر»  جۈملىسى بەزى مەنبەلەردە دېيىلىشىچە كۇڭزى تەرىپىدىن دېيىلگەنلىكى بولۇپ[2]: «جاھالەت سائادەتتۇر. ئەمما بۇ ھايۋانلار ئۈچۈن شۇنداق. ئەگەر بىر كالىدەك خوشال بولۇشنى خالىسىڭىز ئازغىنە ئوت- چۆپ بىلەن سۇ سىز ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ. ئەمما ئىنسان ئۈچۈن جاھالەت بالايى- ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. بالايى- ئاپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى بولسا ئۆگىنىشتۇر.» شەكلىدە نەقىل قىلىغان.[3]

بۇ جۈملە ئىنگىلىز تىلىدا IGNORANCE IS BLİSS دېيىلىدۇ. بۇنى بىۋاستە تەرجىمە قىلساق، نادانلىق بەخت دېگەن بولىدۇ. بۇ جۈملىنى ئىنگىلىز شائىرى توماس گرېي تۇنجى قېتىم 1768- يىلى ئىشلەتكەن بولۇپ: Where ignorance is bliss, ’tis folly to be wise. شەكلىدە ئېلىنغان. كامبرىج لۇغىتىدە:

EMPHASİZE THAT SOMETİMES İT İS BETTER FOR YOU İF YOU DO NOT KNOW ALL THE FACTS ABOUT A SİTUATİON

دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. يەنى ھەقىقەتنى بىلمەسلىك بەزىدە بىلگەندىن ياخشىراق دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

«جاھالەت سائادەتتۇر» سۆزى ئەسلى جاھىللىقنىڭ سۆز ئىگىسى تەرىپىدىن بايقالمىغان ۋاقىتتا خوشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. لېكىن تېخنولوگىيە ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە «بىلىنمىگەننى بىلمەسلىك» كۈندىن- كۈنگە تەسلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ جاھىللىقىنى بىلمىگەن، ھەقىقىي ئېتىراپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ قوي پادا پىسخولوگىيىسى تەسىرىدىن ئۆزىنىڭ جاھاللىقىنى بىلگەن قىياپەتتە ھەرىكەت قىلىش، بۇ ئارقىلىق بىلىم ئىستىمالىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا جاھالەت سائادەتتۇر ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ.

بىرىنچى، ھاياتىمىزدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟

ئىنسان ئۆگىنىشكە مەھكۇم ھالدا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. ئىپتىدائىي ئىنسانلارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلىرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ. تۇنجى ئىنسانلار ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كۈندە ئىككى ياكى ئۈچ سائەت مەشغۇل بولغان بولسا، ھازىرقى ئىنسانلار ئۈچۈن كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەش نورمال ھالغا كەلدى.

ئۇنداقتا بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇش، مۇۋاپىقىيەت قازىنىش دېگەندەكلەر ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟  مەقسىتىمىز زادى نېمە؟ دۇنيادا بىردىن- بىر مەقسىتى يوق شەيئى- خوشاللىقتۇر، دېيىلىدۇ. باشقا ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بولىدۇ. ئەمما خوشال بولۇش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمىز جاۋابسىز بىر سوئالدۇر.

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنساننىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى خوشاللىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، جەننەتكە كىرىش مۇتلەق، چەكسىز بىر خۇشاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار شۇ چەكسىز خوشاللىق ئۈچۈن بۇ دۇنيادا «رىيازەت» چېكىشكە رازى بولىدۇ. جاھىل قالماسلىقنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئويلانغىنىمىزدا  جاھالەتنىڭ نېمە ئۈچۈن سائادەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، بىلگەنلىرىمىز بىزنى خوشال قىلالىدىمۇ؟

بىزنىڭ بىلىمگە ئېرىشىشىمىز بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك قولايلىق ھالغا كەلدى. ئەقلىفۇن ئارقىلىق بۇ يازمىدىكى نەقىللەرنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىر نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ھەتتا تىل بىلمىسەكمۇ، كۇڭزىنىڭ ئۈستىدىكى سۆزى قىلغان قىلمىغانلىقىنى تەھقىقلەپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرىنىڭ ئاسانلاشقانلىقىدىندۇر.

توردا يۈزلەرچە ئەگەشكەن قاناللىرىمىز بولىشى مۇمكىن، ھەر قېتىم يېڭىلانغاندا قاچۇرماي كۆرىدىغان پروگرامملىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك. ھاياتىمىزدا بىرە قېتىممۇ ئىشلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىلىملەرنى خۇددى بىلىم ئېلىۋاتقان قىياپەتتە توختىماي ئىستىمال قىلىشىمىز مۇمكىن. نۇرغۇن كۆرگەن پروگراممىلار، دەرسلەر، سۆھبەتلەر، كىتابلار ئۈچ ئايدىن كېيىن خۇددى ھېچ بىر يەردە ئاڭلاپ باقمىغاندەك پاپ-پاكىز ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز؟ ياكى نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ بىلىمنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلىنىمىز؟ بىرىنچى نۇقتىدا دېيىلگەن بويىچە تىرىشچانلىقلىرىمىز خوشاللىق ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ ئۇنداقتا بىز بۇنچىلىك كۆپ بىلىم ئىستىمالىدىن كېيىن خوشال بولالىدىقمۇ؟

«ھەپتىدە 4 سائەت خىزمەت قىلىش» دېگەن كىتابتا مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ. بىر شەھەرلىك يېزىغا بارىدۇ ۋە بېلىق تۇتۇپ ئولتۇرسا يېزىلىقنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى سورايدۇ. يېزىلىق بولسا ھەر كۈنى ئىستېمالىغا يەتكۈدەك بېلىق تۇتۇپ، ئۆيىگە قايتىپ بالىلار بىلەن ئوينايدىغانلىقىنى، كەچتە مەھەللىدىكى ئاغىنىلىرى بىلەن سورۇن تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شەھەرلىك ئۇنىڭغا كۈندە بىر قانچە سائەت كۆپ بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاشقان بېلىقلارنى سېتىپ كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى، ئاندىن چوڭ كېمە ئالالايدىغانلىقىنى، بارغانسىرى چوڭىيىپ كېمىلەر ئەترىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، ئاندىن شىركەت قۇرۇپ باي بولۇپ شەھەرگە كۆچەلەيدىغانلىقىنى، شىركىتىنى بازارغا سېلىپ چوڭ بايغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى يېزىسىدىن ئۆي ئېلىپ، كۈندۈزلىرى بېلىق تۇتۇپ، ئۆيگە قايتىپ بالىلىرى بىلەن ئويناپ، كەچلىكلىرى مەھەللىدىكى ئاغىنىلىرى بىلەن سورۇن تۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ھاياتىمىزدا بۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز زادى نېمە؟ بىز ھازىرغىچە ئېرىشەلەيمىزغۇ دەپ ئويلىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىدىقمۇ؟ ۋە ياكى قولىمىزدا بار بولغان مەنبەنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يەنە ئوخشاش مەنبەگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەلۋىلەرچە كۈرەش قىلىۋاتامدۇق؟

ئۈچىنچى، بىلىش چېگرا يارىتىدۇ

ئەگەر بىر كىشى مۇزىكا ئۆگەنمەكچى بولۇپ نوتىدىن باشلاپ ئۆگەنسە، باشقىلارنىڭ مۇزىكا ئۆگىنىش تەجرىبىلىرى ئۇنى باشقىلار ياراتقان مەۋجۇت رامكىنىڭ ئىچىگە ئېلىۋالىدۇ. ئەگەر بىرى ئۇنىڭغا ساز ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەر كۈنى مەشىق قىلىپ ئۈچ يىلدا ھازىرقىدەك سەۋىيىگە كەلدىم، دېگەن بولسا،  يۇشۇرۇن ئېڭىدا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ ،مەن چوقۇم بىر يىلدا شۇنچىلىك سەۋىيەگە يېتىمەن، دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە چەكلىمە قويۇۋالىدۇ. رېئالىستىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئاقىلانىلىق، ئۆزىنى دەڭ سېلىپ بېقىش ھېسابلانسىمۇ، ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزىنى رامكىنىڭ ئىچىگە ئېلىۋالىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.

ئەگەر قىزىققانلىقى ئۈچۈن سازنى قولىغا ئالسا، ئىچىدىن كەلگەن ئىلھام بىلەن بەلكىم بىر ئايدا شۇنچىلىك سەۋىيىگە يېتەلىشى مۇمكىن. بۇنى ئىنساننىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى( ئەسلى ئىسمى يۇشۇرۇن قابىلىيەت ئەمەس، ئەسلىي قابىلىيەت بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن) بايقاش ۋە ئۆزىگە قايتىش دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ خۇددى ئىنسانلارنىڭ مېڭىنىڭ 5% گىمۇ يەتمىگەن قىسمىنىلا ئىشلىتەلەيدىغان ھەقىقەتنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى چېگرا ئىچىگە ئېلىپ، مېڭىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 5% نى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىغا تىرىشىش خائىشى ئازلاپ كەتكەندەك بىر ئىش. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھېكايىسى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دوسكىدىكى سوئالنىڭ تارىختىن بېرى يېشىلمىگەن سوئال ئىكەنلىكىنى دېمەستىن ئوقۇغۇچىلارغا يېشىپ بېقىش ئۈچۈن بېرىش بىلەن ئۇلارغا بۇ سوئالنىڭ يېشىلمىگەن سوئال ئىكەنلىكىنى ئالدىنئالا دېيىشنىڭ ئۈنۈمى ئاسمان- زىمىن پەرق قىلىدۇ. بەزىدە قىلماقچى بولغان ئىش توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلىپ كېتىش، ھەددىدىن زىيادە دەڭ سېلىۋېلىش يۇشۇرۇن چىگرالارنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.

تۆتىنچى، ئارىسالدى بولۇش

«ئاخىرقى زاماندا يېقىنلاشقاندا، سەھرادىكى قېرى ئايالنىڭ ئىمانىدەك ئىمان بىلەن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە باغلىنىڭلار!» مەنىسىدىكى ئەسكەرتىشنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئىنسان بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇشتىن ئۆگىنىشكە مەھكۇم، چۈنكى تەبىئىيىتىدە ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق مەۋجۇت؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ئۇچۇر كىرلىكىكە تولغان، چېكى يوق بىلىم ئىستېمالى تەشەببۇسى بولغان زاماندا پەقەت ۋە پەقەت جاھىل قالماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تىرىشىش ئىنساننى ئەسلى يارىتىلىش غايىسىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خوشاللىق، ئىزدەش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ھالەت ئەمەس. لېكىن بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قىلىغان تىرىشچانلىقلار بىزنى مەقسەتكە يېقىنلاشتۇرمىغان ھەتتا يىراقلاشتۇرغان ۋاقىتتا ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئوينىلىپ بېقىش ئاقىلانىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان سۈپىتىدە يارىتىلىش بىزنىڭ توختىماي تىرىشىشىمىزنى، ئۆز چەكلىمىلىرىمىزنى ھالقىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بەل قويۇۋېتىش، راھەتلىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبئىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمما غايىسىگە خىلاپ. شۇڭا ئىنساندا بىلىش بىلەن بىلمەسلىك ئوتتۇرسىدا بىر ئارىسالدىلىق مەۋجۇت. بىلىشكە مەجبۇرمىز، ئەمما بىلىش بىلىش ئۈچۈن بولغاندا ۋە بىلىش ۋاستە ئەمەس غايە قىلىنغاندا ئىنسان دېگەن بۇ سىستېمىدىن چاتاق چىقىشقا باشلايدۇ.

جاھالەت سائادەتتۇر

بەزىدە تۈگىمەيدىغان ئىستىماللاردىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ۋاز كېچىپ، ئاز بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش ئىنساننىڭ ئۆز قىممىتىنى تونۇپ يېتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. دۇنيانىڭ مودا ئۈچۈن پۈتۈن مۇقەددەس قىممەتلەرنى يالىڭاچلىغان، چېكى يوق ئىستېمالنىڭ بىردىن-بىر مودىدىن قالمايدىغان شەيئىي ھالىتىگە كەلگەن، ئىساننىڭ ئۆز ھاياتىنى ئۆزى ئىستىمال قىلىپ تۈگىتىۋېتىپ بارغان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئېرىشمەكچى بولغان خۇشاللىقىغا ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر دەۋردە، بەزى نەرسىلەردىن ھەتتا نۇرغۇن نەرسىلەردىن جاھىل قېلىش، قۇلاقنى يۇپۇرۋېلىش، كۈتۈلمىگەن بىر سائادەتكە يول باشلاپ قالامدۇ قانداق؟ زاتەن ھازىرغىچە بۇ ئويۇندا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى يېڭىلىپ كەلدۇق، بىرە قېتىم «جاھىللىق»نى دوغا تىكىپ باقساق قانداق بولا؟

پەنلەر دىسىپلىنلارغا ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىلىملىك ئىنسانلار ھەر ساھە، ھەر كەسپتە بىلىمگە ئىگە ئىدى. بىر تەرەپتىن پەتىۋا چىقارسا بىر تەرەپتىن تەجرىبە قىلاتتى، بىر تەرەپتىن شېئىر يازغا يەنە بىر تەرەپتىن كېسەل داۋالايتتى. قىسقىسى ئۇ زامانلاردا ئۇنۋېرسال بىلىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. پەنلەرنىڭ دىسىپلىنلارغا ئايرىلىشىدىن كېيىن، مەلۇم ساھەدە ئىختىساسلىشىش مودا ھەم مەجبۇرى ھالەتكە كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا زۆرۈر ھالەتكە يەتتى. ھەتتا مەلۇم بىر كىچىك ساھەدە ئىختىساسلىشىش شۇنچىلىك تەسلىشىپ كەتتىكى، بىر ئۆمۈر ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاندىن شۇ ساھەنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنالايدىغان دەرىجىگە كەلدى. ھەتتا نۇرغۇن ئادەم بۇ ھالەتكە يېتەلمەي تۇتۇپلا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالىدۇ.

مۇشۇنداق بىر زاماندا ھەر ئۇچرىغان بىلىمنى ئىستىمال قىلىش ھەم ئىسراپچىلىق ھەم ئۆزىگە قىلىغان زۇلۇمدۇر. ئەڭ مۇھىمى ھاياتنىڭ نىشانىدىن چەتنەپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھاياتنىڭ مەقسىتى ئانلىق ئىستېمالدىن كېلىپ چىققان ۋە زاۋالغا تولغان لەززەت ئەمەس، بەلكى قانائەتتىن شەكىللەنگەن سائادەتتۇر. قانائەتنىڭ بىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان بىر مۇھىتتا، جاھالەتنى بەزىدە سائادەتكە ئېلىپ بارالايدۇ، دېسەك بەك خاتالاشقان بولمايمىز دەپ قارايمەن.

[1] بۇ ئەسلى ئۆز نەفسىمگە قىلىنغان خىتاب ئىدى. ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن خاتىرە سۈپىتىدە ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.

[2]  مەنبە: https://www.vansiyaseti.com/van/cehalet-en-buyuk-bir-saadettir-h25650.html

[3] ئەسكەرتىش: 人之生也直,罔之生也幸而免 جۈملىسىنى جاھالەت سائادەتتۇر شەكلىدە شەرھلىگەن مەنبە: shorturl.at/ozAUX

One Comment on “جاھالەت سائادەتتۇر”

ئىنكاس يازىمەن