«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت»
كىتاب تەۋسىيەسى – ئەلدەر
2024-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
كىتاب ھەققىدە
«ئىسلامغا زامانىۋىچى تەھدىت [The Modernist Menace To Islam]» ناملىق كىتاب، ئامېرىكىلىق داڭلىق دەۋەتچى دانىيال ھەقىقەتجۇ [Daniel Haqiqatjou] نىڭ ئەسىرى بولۇپ، 2021-يىلى نەشىردىن چىققان. بۇ كىتاب ھەققىدە، داڭلىق دىن سېلىشتۇرمىسى ۋ ە پەلسەپە يۇتۇب قانىلى «ئىلاھىيەت بلوگلاش [Blogging Theology]»نىڭ مۇئەللىپنى قىلغان زىيارەتىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز (ئېنگىلىسچە). كىتاب ئىسمىنى توردا ئىزدەش ئارقىلىق ئېنگلىسچە بىكارلىق پ د ف نى تاپقىلى بولسىمۇ، ھېچبولمىسا مۇئەللىپنىڭ ئىسلامغا بولغان خىزمىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ كىتابتىن بىر پارچە سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن (ئامازون). تېخى يۇتۇبتىن بۇ كىتابنىڭ ئوقۇلۇشىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ (ئېنگىلىسچە).
گەرچ مەزكۇر كىتابنى تېخى تولۇق ئوقۇپ بولمىغان بولساممۇ، دانىيال ھەقىقەتجۇ باشچىلىقىدىكى «مۇسۇلمان شۈبھىچى [Muslim Skeptic]» تورى ۋە يۇتۇب قانىلىغا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئەگىشىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئېسىل، مەنپەئەتلىك ۋە ئۇپۇق كېڭەيتكۈچى بولىشىغا شۈبھەم يوق. دانىيال ھەقىقەتجۇنىڭ دىنسىز لىبېراللاردىن تارتىپ، ھىندى، يەھۇدىي، خرىستىئان ھەتتاكى مۇرتەدلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرىدە، دەلىل ئىسپاتلىق مۇلاھىزىسى ۋە ئۆتكۈر ئەقلى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكىنى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە خۇش قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم، ئۇنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ، قانداقتۇر خرىستىئان دىنى ياكى باشقا مەپكۇرىلەر ئەمەس، بەلكى زامانىۋىچىلىق [Modernism] ۋە لىبېرالىزىمدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق ۋە تەسبىتلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ چۈشەندۈرگەنلىكىدۇر.
شۇڭا ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىككىلەنمەي تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، ھازىرقى دۇنيا تۈزۈمى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش تەرزى، ئوي-پىكرى … قاتارلىقلار غەرپنىڭ تەسىرىدە زامانىۋىچىلىق ۋە لىبېرالىزىمدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھەتتا بىۋاستە ھاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە مۇسۇلمانلارمۇ بىلىپ-بىلمەي بەزى ئىسلامغا زىت لىبېرال قاراشلارنى ئىسلامىي قاراش دەپ قوبۇل قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ھەقتە دانىيال ھەقىقەتجۇنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى مۇرەسسەسىز ۋە ئۆزرىخاھسىز بايانلىرىنىڭ – ئاڭسىز ھالدا غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي، ئەنئەنىۋى ئىسلامنىڭ يوليورۇقلىرىنى قايتا تونىۋېلىشى ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پايدىسى بار. ئەلۋەتتە، ئىنسانچىلىقتا ئۇنىڭ ھەربىر كۆز قارىشىنى قوللاپ كەتكىلى بولماس؟ شەخسەن ئۇنىڭ ئىككى قارىشىنى قوللىمايمەن. لېكىن، بۇ ئۇنى تەرگەشنىڭ ئورنىمۇ ۋاقتىمۇ ئەمەس.
تۆۋەندە مەزكۇر كىتابنىڭ «مۇئەللىپ ھەققىدە» قىسمى بىلەن «12-بۆلۈم: ھەمجىنىسلىق ۋە س ھ ق ئۆ» ناملىق بىر بۆلۈمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ. بەزى ئاتالغۇلارنى ئۆزۈم يېڭىدىن ياسىدىم. ھەممىسى سۆزلۈك قىسمىدا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر.
ھەمجىنىسلىق ھەققىدە ئىككى شىڭگىل سۆز
مەزكۇر كىتابتا ھەمجىنىسلىق ھەققىدىكى بايانلار غەربتىكى، خۇسۇسەن ئامېرىكىدىكى، پەلسەپىۋى لىبېرالىزىمنىڭ تەسىرىگە خېلىلا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، شۈبھە ۋە ئويلىنىشلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، خېلىلا ئەنئەنىچى مىللەت بولغان بىز ئۇيغۇرلارغا «يەڭگىل» تۇيۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. گەرچە دانىيال ھەقىقەتجۇ تورىدىكى يازمىلىرىدا ۋە مۇنازىرىلىرىدە بۇ ھەقتە دەلىل مەنبەلىرىنى ئېنىق قەيت قىلسىمۇ، كىتابنىڭ بۇ بۆلۈمىدە پەقەت پىكرىي دەلىللەر ئارقىلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن بولۇپ، سىتاتىستىكا، تىببىي ياكى دىنىي دەلىللەر… قاتارلىقلارنى نەقىل قىلمىغان.
شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمجىنىسلىق ۋە ئالاقىدار ئىدىئولوگىيەلىرىنى رەت قىلىشى ھەققىدە، گېزى كەلگەندە نەقىل ئېلىنىشى ئۈچۈن، تولۇق دەلىل مەنبەلىك بىر يازما يېزىپ قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى، بۇنداق بولمۇغۇرلۇقنى رەت قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، قىسقىچە ئېيتقاندا:
- دىن: ئىسلام دىنىدا لىۋاتەت ھارام قىلىنغان ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلاردىن، شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان لۇت قەۋمىنى ئاللاھ ھالاك قىلغان.
- ۋىجدان ۋە ئەخلاق: ئۇيغۇر مىللىتى، بۇ خىل ۋىجدانسىز قىلمىشنى يا قەتئىي تىلغا ئالمىغان ياكى پەسكەش ئەخلاقسىزلىق قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان ۋە كەسكىن رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخىي يازمىلاردىن ئېنىق.
- تىبابەت: لىۋاتەتنىڭ جىنسىي كېسەللىكلەر تارقىلىشىنى كېڭەيتىدىغانلىقى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ھەمجىنىسلاردا نورمال كىشىلەردىن نىسپىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى… قاتارلىقلار تىببىي ساھەدە كەڭ تونۇلغان ئىشلار. بۇ ھەمجىنىسلىقنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلغۇر قىلمىش ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى.
- ئىرسىيەت: گەرچە بەزى ئەخلەت «تەتقىقاتلار» ھەمجىنىسلىقنىڭ ئىرسىي ئامىللىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كېيىنكى تېخىمۇ كەڭرى ۋە مېتودلۇق تەتقىقاتلار ھەمجىنىسلىقنىڭ ئىرسىيەت قالمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىنسىي جۈپلىشىش ئارقىلىق كۆپىيىدىغان جانلىقلاردىكى ئۇرۇق ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە خروموزوملارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئاندىن تۆرەلمە ھۈجەيرىسىدە جۈپ ھالەتكە كېلىشىلا، بۇ تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنسنىڭ جۈپلىشىشى ئارقىلىق كۆپىيىش ئۈچۈن تۆرەلگەنلىكىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز دەلىلى. دېمەك، بىر ئىككى گېنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كۆپ ھۈجەيرىلىكلەر ئىرسىيەتشۇناسلىقى ۋە بىئولوگىيەسى ياتجىنىسلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان.
- مىللىي مەنپەئەت: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى غەربلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ زىددىيىتى ئەمەس، بەلكى ئۇللارنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىشالىشىدا ئىشقا ئاشىدۇ. شۇغۇنىسى غەربنىڭ ھەمجىنىسلىق مەسىلىسىنى مۇسۇلمانلارغا تەشۋىق قىلىشى ۋە تېڭىشى، ئۇلارنىڭ غەربكە قارىتا، خۇددى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىراز ۋە قارشىلىقىدەكلا، قارشىلىق ئىنكاسىنى قوزغاپ ۋە خىتايدىن بەكرەك غەربنى خەتەرلىك دۈشمەن تۇيۇلدۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي مۇسۇلمانلاردىن بەكرەك ھەمجىنىسلىقنى قوللاپ ۋە قوبۇل قىلىپ كەلگەن. شۇڭا غەرب ۋە خىتاي ئارىسىدا ھەمجىنىسلىق مەسىلىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ. ھەمدە مۇسۇلمانلارغا ھەمجىنىسلىقنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلمىغان خىتاي، ھازىرچە ئومۇمەن مۇسۇلمانلار نەزىرىدە غەربتىن ئازراق دۈشمەن كۆرۈنىدۇ. شۇڭا ھەمجىنىسلىق مەپكۇرىلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە غەربكە بۇنىڭ ئارقىلىق ئۆز ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتىنى تۆۋەنلىتىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈش مىللىي مەنپەئەتىمىزنىڭمۇ تەقەززاسى. ئوخشاش تەرزدە بىزگە زىيان سېلىۋاتقان يەنە بىر مەپكۇرە سەھيۇنىيلىق بولۇپ، بۇ بىر ئايرىم ماۋزۇ.
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بايان قىلىپ تۇرايلى. قېنى ئەمسە كىتابتىن پارچىلارغا مەرھەمەت!
مۇئەللىپ ھەققىدە
دانىيال ھەقىقەتجۇ ئەلەسنە ئىنستىتۇتىنىڭ [Alasna Institute] قۇرغۇچىسى، بۇ مۇسۇلمانلارنى ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلارغا قارشى ئوقۇتۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىشكە بېغىشلانغان توردا ئوقۇش ئىنستىتۇتى.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدە تۇغۇلغان. تېگى تەكتى لىبېرال، دىندىن خالىي (سېكۇلار) مۇسۇلمان ئائىلە بولسىمۇ، ئەمما ياشلىقىدا ئىسلامغا بولغان بۇرچىنى قايتا بايقىغان. ئۇ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرستا فىزىكىنى ئۆگىنىپ، ئاسپىرانتلىقنى پەلسەپە بىلەن تاماملىغان، ئۇ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى فىزىكانت ۋە پەيلاسوپلاردا ئوقۇغان. ئۇ يەنە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۆلىمالاردىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىسلامنى ئۆگەنگەن.
ئۇ ئەلەسنە ئىنستىتۇتى ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ۋە زامانىۋىلىقنى چۆرىدىگەن چاغداش مەسىلىلەر ھەققىدە يازما ۋە دەرس ھازىرلىغان. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت، مەسچىت ۋە مەدرىسلەردە نۇتۇق سۆزلىگەن.
12-بۆلۈم: ھەمجىنىسلىق ۋە س ھ ق ئۆ
ھەزلەك باراۋەرلىكى
ئىسلام ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ھەرىكىتىنى چەكلەش، ئەمما قارشى جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ھەرىكىتىگە يول قويۇش ئارقىلىق باراۋەرلىكنى رەت قىلامدۇ؟ نۇرغۇن غەرب مۇسۇلمانلىرى، ياش بولسۇن يا قېرى بولسۇن، بۇنىڭغا ئىشىنىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئىسلام قانۇنىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى – شۇنداق قىلغاندىلا بۇ خىل ئېنىق كەمسىتىشنى تۈگەتكىلى بولۇرمىش. ئەمما بۇ يەردە ھەقىقەتەن كەمسىتىش بارمۇ؟ ئىسلام كىشىلەرگە زۇلۇم قىلامدۇ؟ قىسقا جاۋاب – ياق: ئىسلامنىڭ بەزى جىنسىي قىلمىشلارنى چەكلىشى، كىشىلەرگە سىستېمىلىق زۇلۇم قىلىش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، س ھ ق ئۆ نورماللىشىشى، جىنسىي قانائەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۆزىنى ھالاك قىلغۇر، ئوخشاش جىنىسلىق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئىشەندۈرۈش ۋە ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق زۇلۇم قىلماقتا.
ئىسلامنىڭ جىنسداشلار مۇناسىۋىتىنى چەكلىشى كەمسىتكۈرمۇ؟
ئىسلام «ھەمجىنىسلار» ئۈچۈن باراۋەرلىكنى رەت قىلامدۇ؟ شۇنداقلا «ياتجىنىسلىقلار» غا نائادىل پايدا بېرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ سىزنىڭ باراۋەرلىك دەپ ئاتالغان بۇ قاچقۇر ۋە مۈجمەل ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىشىڭىزگە باغلىق.
مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ. جىنسىي ھالاۋەتنى ئىسلام ئەلۋەتتە چەكلىمەيدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ (يات جىنىس بىلەن) جىنسىي چىقىش يولى بار. چۈنكى نىھايەتتە، جىنسىي ھۇزۇر ئازدۇر-كۆپتۇر «مېخانىكىلىق» نەرسە. ئەمدى، گېپىمنى ئاڭلاڭ. ئەگەر توغرا ئەزالار، توغرا ئۇسۇلدا قوللىنىلسا، بىرىنىڭ ھەمراھىنىڭ جىنسىغا باقماي، كۆپ ئەھۋالدا كۈتۈلگەن نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ھەممەيلەن باراۋەر، يات جىنىس بىلەن توي قىلىپ بۇنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ. بۇ باراۋەرلىكنىڭ نەمۇنىسى. ھېچ كەمسىتىش يوق.
ئەمدى، زامانىۋى س ھ ق ئۆنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېتىرازى: ياق، ھەزلەكلەر ۋە سەھھاقەلەر يات جىنىسلىقلار بىلەن جىنسىي قانائەتنى قەتئىي ھاسىل قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەنلا بۇنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ.
بەللى، نېمىشقا؟ ئەمەلىيەتتە، پرىنسىپ جەھەتتىن ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.
ئەگەر بىر ئەر پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار بىلەنلا جىنسىي قانائەتكە يېتەلەيمەن دېسە قانداق بولىدۇ؟ ياكى بىر ئايال پەقەت مىليونېرلار بىلەنلا جىنسىي قانائەتكە يېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتسىچۇ؟
ئەگەر ئۇ ئەر ياكى ئۇ ئايال ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللىرىنى ياكى مىليونېرلىرىنى تاپالماي پۈتۈن ھاياتىنى ئۆتكۈزسە، بىز ئۇلارنى قانداقتۇر جىنسىي جەھەتتىن تۈپتىن مەھرۇم قالدى دەپ قارامدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، نېمىشقا؟ بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي قانائەتكە بولغان تەلەپلىرى ھەققىدىكى ئىددىئالىرىغا ئەستايىدىل قارىمىغانلىقىمىز تۈپەيلىمۇ؟ ئوبدان، ئەگەر بۇنداق قارىمىساق، نېمىشقا ئۆزىنى ھەزلەك ۋە سەھھاقە ئاتىۋالغانلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل قارىشىمىز كېرەك؟
ئەمدى سىز مېنىڭ مىساللىرىمنى بىمەنە دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما نېمىشقا؟ بۇ تەخمىنەن 3% ئاھالىنىڭ ئۆزىنى ھەزلەك/سەھھاقە دەپ قارىشى، لېكىن پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار ۋە مىليونېرلار بىلەنلا جىنسىي قانائەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدىغانلارنىڭ، نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ بولماسلىقى تۈپەيلىمۇ؟
بۇ [سان پەرقى] مۇھىم پەرق ئەمەس. شارائىت ۋە ئىجتىمائىي تەسىر، كىشىلەرنىڭ جىنسىي قانائەت ئۈچۈن نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمسە، «جىنسىي قانائەت» دېگەن نېمە؟ قارىماققا سۈنئىي ئۇقۇمغا ئوخشايدۇ. كىم «جىنسىي قانائەتلىنىشى» ئۈچۈن نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي بىلەلەيدۇ؟ ئۇنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولامدۇ؟ ئەگەر بىراۋ «جىنسىي قانائەتلىنىشى» ئۈچۈن ئۆزىدىن دەل بەش ياش چوڭ، ھامبۇرگ بولكىسى ۋە ساھىلدا مېڭىشقا ئامراق، بىر مۇئەييەن ئاۋۇسترالىيەلىك كادىرغا ئېھتىياجلىق بولسىىچۇ؟ ئەگەر مۇشۇ ۋە پەقەت مۇشۇلا سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز بولۇپ، ئۆمۈر بويى بىلەلمىگەن بولسىڭىزچۇ؟ كەچۈرۈڭ! قارىغاندا جىنىسي قانائەتكە قەتئىي ئېرىشەلمەيدىغان ئوخشايسىز! سىز جىنسىي قانائەتكە ئېرىشتىم دەپ خاتا ئويلىۋالغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ھەي ساددا بىچارە. ئەممازە، ئۇنى قولدىن بېرىپ قولدىڭىز!
جىنسىي قانائەت پىكرى قارىماققا 20-ئەسىر پىسخولوگىيەسىدىن كەلگەن پۈتۈنلەي زامانىۋى ئۇقۇم. خۇددى بىرىنىڭ ئۆزلۈك ۋە بەخت تۇيغۇسى پۈتۈنلەي، تەلەي يۇلتۇزلىرىنىڭ توغرىلىنىپ، بۇ ئېزىتقۇچىل قانائەت نۇقتىسىغا يېتىشىگە باغلىقتەك. ئامما پىسخولوگىيىسىدە بۇنىڭغا مۇھەببەت چۈشەنچىلىرىمۇ ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى ئۆرپنىڭ مەقبۇل جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بىر دۆۋە ھازىرقى زامان مېتافىزىكا پاتقىقى بولۇپ، تېخى يېقىندىلا قۇرامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدىكى ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
بۇنداق ئۆرپ قۇرۇلمىلىرىنىڭ كۆندۈرىشى خېلى كۈچلۈك. ئۇ كىشىلەرگە خۇشال بولۇشى ئۈچۈن نېمىگە ئېھتىياجى بارلىقى ھەققىدىكى كۈتۈشلىرىنى بېكىتتى. يېتەرلىك مېدىيا كونتروللۇقى ئارقىلىق، سىز خېلى ئاممىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى جىنسىي رازىلىقى ۋە قانائىتى ئۈچۈن چوقۇمكى دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاتقۇزالايسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ، شەھۋانىيلىق سەۋەبىدىن مەلۇم دەرىجىدە يۈز بېرىپ بولدى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياش يىگىتلەر «ئادەتتىكى» جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئانچە رازى ئەمەس، چۈنكى شەھۋانىيلىق ئۇلارنىڭ جىنسىي قانائەتكە ئائىت ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىغان. توردىكى غىدىقلاشنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ مېڭىسى قايتىدىن چىگىلگەن.
يەنە ئاياللارمۇ قارماقتىن چۈشۈپ قالمىغان. ئاياللارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەرگە بولغان ئارزۇلىرىمۇ – دىسنىي كىنولىرىدىكى جەلىپكار شاھزادە، ژۇرناللار، رومانتىك رومانلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بەختلىك ئەر-خوتۇنلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى تاللاپ كۆرسىتىش يۈزلىنىشى… قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇرمىلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىرى بار. تەتقىقاتلار بۇنىڭ ئاياللارنىڭ نىكاھتىكى نارازىلىقىنى قانداق قىلىپ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئادەتتىكى ئەرگە – بەزى ئاياللار تەسەۋۋۇرىدا قۇرغان رومانتىك خىيالنىڭ ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان، كۆپتۈرمە ئۆلچىمى بويىچە ياشاش تەس كېلىدۇ. نەتىجىدە ئاياللار قانائەتسىز قالىدۇ.
دېمەك ئەمەلىيەتتە، جىنسىي قانائەتكە ئېرىشىشتىن مەھرۇم ئاممىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە (بۇ پەقەت ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭلا ئۆزىنى جىنسىي قانائەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتىدىن خېلىلا كۆپ).
ئەمما بىز كىشىلەرنى ھەقىقەتەن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلامدۇق؟ بىز بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئۆزلىرىنى تاشلاپ باشقىلارغا جىنسىي قانائەت ئېرىشتۈرىدىغان، زۇلۇم ياكى سىستېمىلىق باراۋەرسىزلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنەمدۇق؟ ھەقىقەتەن كەمسىتىش بارمۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. پەقەت، كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىرى تەڭشىلىشى كېرەك.
ئىسلامنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋېتىنى چەكلىشى، شۇنىڭ ئۈچۈن، كەمسىتىش ئەمەس. ئىسلام مەسلىكىدە، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئارزۇلار (شەھۋەت) نى ھېس قىلالايدىغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بۇ ئارزۇلارنى قوغلىشىشقا يا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ ياكى بولماسلىقى كېرەك. بۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ ئارزۇسى، تۇغقان-ئارا جىنسىي ئارزۇ، ھايۋانپەرەستلىك… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشىمىغان بۇنداق ساناقسىز ئارزۇلار بار يەردە، مەلۇم بىر ئارزۇ ياكى بىر يۈرۈش ئىستەكلەرگىلا كىرىشىپ قېلىش ۋە كىشىنىڭ پەقەت شۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىقلا «جىنسىي قانائەت»كە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىش غەلىتە ئىش بولىدۇ. كىم شۇنداق دەپتۇ؟
بۇ ئارزۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار ياكى مىليونېرلار ھەققىدە بولسۇن، كۈتۈلگىنى، بۇ ئارزۇ چوقۇم تىزگىنلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا ھەمدە يوللۇق [يەنى ھالال] ئارزۇ بولسا، ئۇنداقتا ياخشى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، كىشى ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىنى تىزگىنلىشى كېرەك. ئۆزىنى تىزگىنلەش تەلىپى پەقەت كىشىلەر ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ «جىنسىي قانائەت» ئۈچۈن «تۈپكى ئېھتىياج» ئىكەنلىكىنى ئالدىن قارار قىلغان بولسىلا، ئاندىن «زۇلۇم» ۋە «كەمسىتىش» بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنى كىم قارار قىلىدۇ؟ كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ بەك دەپكەندە بىر ئاجىز ئىددىئا.
ئەمسە ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارزۇسىدىكىلەر ئۈمىد ۋە تەپەككۇرىنى تەڭشىيەلەمدۇ؟
دېمەكچى بولغىنىم، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارزۇسىدىكىلەر پەقەت ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىقلا «جىنسىي قانائەت»كە يېتەلەيدۇ دېگەن ئۈمىدتىن قۇتۇلالامدۇ؟ بۇ بەلكىم قىيىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئىمكانسىز ئەمەس. ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جەلپ قىلىشى دائىم تاشلىغىلى بولىدىغان نەرسە بولماسلىقى مۇمكىن – لېكىن مەن دېمەكچى بولغان نۇقتا بۇ ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بىر كىشىنىڭ ئىمانى ئۈچۈن تېخىمۇ ساغلامراقى، ئاللاھنى بۇ خىل ئالاھىدە، ھاياتنى بېيىتىدىغان، ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان، خۇشاللىنارلىق «جىنسىي قانائەت» ھالىتىگە ئېرىشىشنى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان بىر دۇنيانى ياراتتى دەپ ئويلىماسلىقتۇر. ئەگەر بۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا خۇدانى ناھەق ياكى ئىسلامنى كەمسىتكۈر دەپ قارىماسلىق تولىمۇ تەس بولۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي قانائەتنىڭ قانداق ئىزاھلانغانلىقى ۋە بېكىتىلگەنلىكىگە قايتىدۇ.
ئاخىرىدا، بىر ئۆمۈرلۈك كۆندۈرۈلۈش تاقابىل تۇرۇش تەس ئىش. ئەمما ياردەم مەنبەلىرى بار. خۇلاسە كالام، ئىسلام دىنى بەزى جىنسىي قىلمىشلارنى چەكلەش ئارقىلىق كىشىلەرگە سىستېمىلىق زۇلۇم قىلمايدۇ. س ھ ق ئۆ نورماللىشىشى كىشىلەرگە قانائەتلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلغۇر، ئوخشاش جىنىسلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلماقتا.
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىلىدىكى ئوخشاش جىنىسلىقلار تويى توغرىسىدىكى قارارىدا يۇقارىقىدەك تەپەككۇرنى قوللانمىغانلىقى ھەقىقەتەن نومۇسسىزلىق! ھەتتا ئوبېرگېفېل دېلوسىنىڭ[1] مۇخالىپەتچىلىرىمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى كەمسىتىش بولىدۇ، شۇڭلاشقا، ئاساسىي قانۇننىڭ 14-ماددىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دېگەن قارشى تەرەپنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىل سوراقلىمىغان. زىغىرلىغاندا بۇ بىر كەمسىتىش، خۇددى 16 ياشلىق بالىلارنى ماشىنا ھەيدىگىلى قويۇپ، 15 ياشلىقلارنى چەكلىگەندەكلا. مەسىلە شۇكى، بۇ شەخس ۋە جەمئىيەتكە ئومۇمىي جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەت يەتكۈزمەي تۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە كىشىلەرگە ئاجىزلاشتۇرغۇچى زەربە بېرىدىغان كەمسىتىشمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىقكى بىزنىڭ زىيان ۋە پايدىنى قانداق ئىدراك قىلىشىمىزغا باغلىق. بىراق، جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئائىت دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن، بۇ[پايدا-زىياننى]نى يۇقارقى سوئالنىڭ جاۋابى ئوپئوچۇق «ياق» بولغان تەرزدە چۈشىنىش بىر قەدەر ئاسان.
ئەگەر بىز س ھ ق ئۆ ھوقۇقىنى قوللىمىساق، مۇسۇلمانلار ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىمىزمۇ؟
بىر خاتا ئوخشىتىش: س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، شۇڭا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى، ئۆتكۈجىنىس مۇنچا قانۇنى، كىشىلىك ئالماش تەرجىھى… قاتارلىقلارنى قوغدىشى كېرەك. نېمىشقا بۇ بىر خاتا ئوخشىتىش؟ چۈنكى س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرى قوغدايدىغان مۇئەييەن مۇسۇلمانلار ھوقۇقى، س ھ ق ئۆ ئىدىيىسىگە زىت ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت قۇرالىشى س ھ ق ئۆ ئىدىئولوگىيىسىگە زىت ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا ساياھەتكە چىقىشىنىڭ چەكلەنمەسلىكى س ھ ق ئۆ مەپكۇرىسىگە زىت ئەمەس.
ئەمما ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى، جىنس ئۆلچەملىرىنىڭ پۇچىلىنىشى، «س ھ ق ئۆ تۇرمۇش ئۇسۇلى»نى تەشۋىق قىلىش ئىسلامغا زىت. شۇڭا بۇ ئادىل مۇئامىلە بولۇشقا يېقىنمۇ ئەمەس.
ئەگەر بىز بۇنى ئادىل ۋەزىيەتكە ئايلاندۇرماقچى بولساق، س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرىنىڭ، س ھ ق ئۆ ئىدىئولوگىيىسىگە زىت، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋالىرى ۋە ئىسلام پرىنسىپلىرىنى قوللاشنى خالامدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، س ھ ق ئۆ «ئىتتىپاقداشلار» ئىسلامىي جىنسىي ئۆلچەملەرنى كۈچەيتىدىغان، مۇسۇلمانلار پائالىيەتلىرىنى ۋە دەۋالىرىنى قوللاشنى خالامدۇ؟ مەسىلەن، ئۇلار مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئانا، ئەرلەرنىڭ نان تاپقۇچى بولۇشتەك ئەنئەنىۋى ئىسلامىي رولىنى تەشۋىق قىلىدىغان پائالىيەتلەر، مائارىپ، ماتېرىياللارنى ئورتاق قوللاشنى خالامدۇ؟ ئۇلار مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى لىبېرال كۆز قاراشلارغا زىت «جىنسىي باراۋەرلىك» توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى قوللاشنى خالامدۇ؟ مەسىلەن، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئەرلەر بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنلار، جىنىسلار ئارا مىراس تەقسىملەشىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرىدىغان قانۇنلار… قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە، ئىشنى پۈتۈنلەي ئوخشىتىش ئۈچۈن، س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىسلامىي جىنسىي ئۆلچەملىرىنى قوغدىشىنى قوللىشى كېرەك. ئاندىن بۇ ھەقىقىي «سەن ماڭا ياخشىلىق قىلساڭ، مەنمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دېگەن ھالەتكە ئايلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار س ھ ق ئۆ نىڭ نورماللىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئۆز جىنسىي ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىدۇ، س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش جىنىس قىلمىشلىرىغا قارشىلىقنى نورماللاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىدۇ. مانا مۇكەممەل باراۋەرلىك.
ئەگەر س ھ ق ئۆ گۇرۇپپىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئىسلامىي پرىنسىپلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن قوشۇلغان، شۇنى قوللىغان ۋە ياردەم قىلغان بولسا، مۇسۇلمانلاردىن ئوخشاش جىنىسلىقلار تويىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش بولاتتى.
لېكىن بۇ ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا پاھىشىنىڭ تارقىلىشىغا قوشقان تۆھپىڭىزنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەخمىقانە زاكونلارنى شاتۇتىلاشتىن توختاڭ.
تاشقىجىنس ھوقۇقى قېنى!
تاشقىجىنسلىق دېگەن نېمە؟ بۇ مەن ياسىۋالغان بىر ئاتالغۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان س ھ ق ئۆ قالايمىقانچىلىقى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كىشىلەرنىڭ [نىكاھتا] ۋاپاسىزلىق قىلىشقا مايىل ياكى ئەمەسلىكىنىڭ بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بېكىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، ساداقەتسىزلىك خاھىشىنى – كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس، ئۆزگەرمەس جىنسىي مايىللىقىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ دېيەلەيمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىشىلەرنى شۇ ئاساستا كىملىك توپى ياكى جامائەتلەرگە ئايرىشقا ئېھتىياج تۇغۇلامدۇ؟ مەسىلەن، [نىكاھتا] ساداقەتسىزلىكى كۈچلۈك بولغانلار ئۆزىنى «تاشقىجىنىسلار» دەپ تونۇتۇپ، قالغانلارنىڭ ھەممسى ئۆزىنى «ئىچكىجىنىسلار» دەپ تونۇشتۇرامدۇ؟ «تاشقىجىنس پەخرى مارشى» ۋە «تاشقىجىنس ھوقۇق ھەرىكىتى» ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مۇسۇلمان ۋە كاتولىك مەكتەپلىرىنىڭ «باشقىچە («زىناخور» دەپ چۈشىنىڭ) تۇرمۇش ئۇسۇلى»غا بوشلۇق ھازىرلاپ، جاراڭلىق ۋە پەخرىلىك ساداقەتسىزلەرنىڭ سۆزىنى تىڭشىشى تەلەپ قىلىنامدۇ؟ بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ شۇنى رەت قىلىشى «تاشقىجىنس خۈدۈكى» دەپ ئەيبلىنەمدۇ؟
بىز ھەر قانداق جىنسىي قىلمىش ياكى خاھىش ئۈچۈن بۇ نەيرەڭنى قوللىنىپ، «كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش» نامىدا، دىنىي مۇئەسسەسەلەرگە شۇنىڭغا ماس تەرزدە بۇيرۇق چۈشۈرەلەيمىز ۋە كونترول قىلالايمىز. ئەمەلىيەتتە، يېقىندىن بۇيان، پەزىلەتلىك بەچچەپەرەستلەرگە ئوخشاش گۇرۇپپىلار ئەينى يول بويىچە مۇددىئالىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇمۇ س ھ ق ئۆ كىملىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش ئىلتىماسلىرىنىڭ قانچىلىك نازەرۇرىي ۋە سۇبيېكتىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھازىر، تاشقىجىنسلار ھوقۇق ھەرىكىتى يوق، ئەمما بىر كۈن بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش تەلىپى، ئۆزىنى س ھ ق ئۆ دەپ تونۇتقۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش. بۇ كىملىك گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن كېيىن، ھەربىر دىن ھەتتا نۇرغۇن سېكۇلار ئەخلاق مىزانلىرى زىناخورلۇقنى ئەيىبلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تاشقىجىنس خۈدۈكى بارلىقىنى، شۇنداقلار ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن روھىيىتىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، ھەرقانداق مۇئەسسەسەلەرنىڭ تاشقىجىنسلار ئاۋازىنى بوغماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە تاشقىجىنس نۇقتىئىنەزىرىگە ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىددىئا قىلالايدۇ. «بۇ مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلار مېنىڭ ھاياتىمنى قانداق ياشىشىمنى ماڭا ئېيتىشقا قانداقچە پېتىنىشالايدۇ؟! ئۇلار بۇنىڭ مېنىڭ كىملىكىم ئىكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ بەختكە ئېرىشىش ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار، زىخورلۇق – گۇناھ، دېيىش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق زىياننى بىلمەمدۇ؟! بۇ يارا قاچان ساقايىدۇ؟»
شۇنداق، شۇنداق، خۇددى زىنا قىلىشنى خاھىشى ئارتۇقلار بولغانلىقىغىنىدەك، ئوخشاش جىنىسلىقلارغا جەلپ بولۇشقا گىرىپتار بولغانلارمۇ بار. مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن ياكى شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزى يولۇققان ئارزۇلىرىدا تاللىشىنىڭ يوقلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايمەن. ئەمما لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىملىك ھاسىل قىلماسلىق ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىنى ئىزاھلىماسلىق ھوقۇقى بار. بىز كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىنى قوللىشىمىز كېرەك. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ھەممىمىز ئارزۇنى باشقۇرۇشتا قوللاشقا موھتاج، چۈنكى ئۇ ھەممە ئادەمدە بار نەرسە. بىزنىڭ يارىتىلىشىمىز دەل مۇشۇنداق ۋە بۇ ھاياتتىكى تۈپكى سىناقلارنىڭ بىرى.
ئىسلامدا «ھەزلەكلەر» بارمۇ؟
ئىسلامدا «ھەزلەكلىك» ئۇقۇمى بارمۇ؟
ئىسلام ئەنئەنىسىدە، «ھەمجىنىس» ئۇقۇمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاتالغۇ يوق، يەنى ئوخشاش جىنىسقا مۇقىم ۋە مەخسۇس جىنسىيەن جەلپ بولغان ھالدا، يات جىنىسقا ئۇنداق جەلپ بولمىغان كىشى ئۇقۇمى. يەنە «ياتجىنىس» دېگەن ئاتالغۇمۇ يوق. ئىسلام ئۆلىمالىرى قەۋمى لۇتنىڭ قىلمىشىنى سادىر قىلغان كىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ھەرخىل ئاتالغۇلارنى قوللانغان. لېكىن بۇ غەربلىكلەرنىڭ «ھەمجىنىس» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدە ئەمەس.
غەرب مۇھىتىدا، «ھەزلەك» كىشى – كىملىكى ئوخشاش جىنىسقا جەلپ بولغانلىقى بىلەن بەلگىلەنگەن بىرىدۇر. زامانىۋى غەرب چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، ئادەمنىڭ مۇھىم ۋە ئۆزگەرمەس ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ «جىنسىي مايىللىقى». بىر كىشىنىڭ مەلۇم خىل تېرە رەڭگى بىلەن تۇغۇلۇپ، شۇڭا مەلۇم ئىرققا تەۋە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئاممىباب چۈشەنچىلەرگە ئوخشاشلا، كىشى مەلۇم جىنسىي مايىللىق بىلەن تۇغۇلۇپ، شۇ تۈپەيلى مەلۇم جىنسىي كىملىك توپىغا تەۋە بولىدۇ، مەسىلەن، «ھەمجىنىس»، «تۈز [ياتجىنس دېمەكچى]»، «قوش[جىنس]» … قاتارلىقلار.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىسلام ئەنئەنىسىدە جىنسىي كىملىك ئۇقۇمى يوق. گەرچە بىر ئادەم ئوخشاش جىنىسقا قارىتا بەكرەك يېقىنلىق ۋە جەلپ بولۇش بىلەن تۇغۇلۇشى مۇمكىن (ھەتتا مەقئەتتىن تىقىلىش ئارزۇسى بولىشىمۇ مۇمكىن. خۇددى كلاسسىك ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇلاھىزە قىلىنغان «بەچچە [مأبون]» دەك)، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسلامىي كاتېگورىيەلەرگە كەلسەك، بۇ ئۇ كىشىنىڭ تۈپكى كىملىكى، يەنى «كىم ئىكەنلىكى» جەھەتتىن ئۇنى «ھەمجىنىس» ياكى «ھەزلەك» قىلىپ قويمايدۇ. چۈنكى، نىھايەتتە بىر ئادەمنىڭ كىملىكى، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن، ئۇ كىشىنىڭ نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭدا قانداق ئويلارنىڭ بولۇشىنى ئاساس قىلمايدۇ. كىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسلام جىنسىي كاتېگورىيىلىرىنىڭ ھەممىسى نوقۇل ئارزۇنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلنى چۆرىدەيدۇ، مەسىلەن، زىناخور دېگەندەك. مەلۇم بىر ئەمەل سادىر بولۇپ، شۇ ئادەم مۇۋاپىق ئىسلامىي سوتتا ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ خىل كونكرېت كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇلارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ «ھەمجىنىس» بولۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ پەقەت مىلادىيە 19-ئەسىر (ھىجرىيە 13-ئەسىر) دە ياسالغان زامانىۋى غەرب ئاتالغۇسى.
تارىختىكى بۇ پەيت
ھەر بىر مەدەنىيەت تارىخىدا ھالقىلىق پەيتلەر بار. ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە كەلسەك، بىز ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىنىش دەۋردىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل بولۇشقا ئۆتكۈش دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. كەلگۈسىدە مەن ھاياتىمغا قايتا قاراپ شۇنداق دىيەلىشىمنى ئىستەيمەنكى، شۇ مۇھىم تارىخىي پەيتتە، مەن قولۇمدىن كەلگەننى قىلدىم. مەن ھەقىقەتكە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇپ ياكى ئېرەنشىمەي بۇ دەقىقىلەرنى كەتكۈزۈپ قويمىدىم. ئەگەر مەن 1960-يىللاردىكى «جىنسىي ئىنقىلاب» جەريانىدا ياشىغان بولسام، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنسانىيەتكە ماددىي، ئىقتىسادىي، مەنىۋى جەھەتتىن ھەر دەرىجىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا ئوخشاشلا ئاۋاز قوشقان بولاتتىم دەپ ئويلايمەن.
بۈگۈنكى كۈندە، مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك زەربىگە ئۇچرىدىكى، ھەتتا بىر قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈشتىنمۇ قورقىدۇ (يەنى س ھ ق ئۆ تەنتەنىسىگە تېخى قوشۇلمىغان مۇسۇلمانلار). ئەلۋەتتە، كىشىلەر بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش «ھەمجىنىس خۈدۈكى» ۋە قوپاللىق دېيىشىدۇ، ئەمما بىزنىڭ بۇ باياننى ياكى بىزگە بولغان ئېنىقلىمىسىنى قوبۇل قىلىش ئىھتىياجىمىز يوق. بىز بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىدە پرىنسىچان بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك.
«ئامېرىكىچە ئىسلام»نىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ قانداق قىلىپ نەمۇنىلىك بولۇشى ۋە كەڭ ئامېرىكا مەدەنىيەت سۆھبىتىنىڭ بىر قىسمى بولىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممەيلەنگە پەيغەمبەرانە چاقىرىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ ياخشى پۇرسەت – زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تارىخىي پەيت. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھەرىكەتسىز ۋە سۈكۈتتە تۇرۇشقا ھەرقانداق بىر ئاقماس باھانە تاپىدۇ. بۇ باھانىلەرنىڭ مۇھىملىرى: قاراڭ، بىز ئاز سانلىق. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ئەمەس. بىز باشقىلارنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قارىشىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى كۈتەلمەيمىز. گەپ قىلساق، مالامەت قىلىدۇ. بۇ مەسىلە مۇھىم ئەمەس… ۋەھاكازالار، ۋەھاكازالار.
مەن قايتا-قايتا ئېيتقىنىمدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئىسپاتلانغان بىردىنبىر ئاممىۋى مەسىلە «ئىسلام خۈدۈكى» ۋە ئىرقچىلىق، چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خاتىرجەملىك دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ، يەنە [ئامېرىكىدىكى] ناھايىتى ئالقىشلانغان مىللىي بايانغىمۇ ماس كېلىدۇ. مەن بۇنى ئەرزىمەس سەۋەب دېمەكچى ئەمەس، ئەمما ۋەيران بولغان كىشىلەرنىڭ سانى، مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر، جەھەتتىن تېخىمۇ سەلبىي باشقا مەسىلىلەر باركى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا قارشى گەپ قىلمايدۇ، ياكى قارشى تۇرمايدۇ، ھەتتا دېققىتىگىمۇ ئالمايدۇ. ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت دەرىجىلىك زىناغا ۋە ئەۋج ئالغان دىنسىزلىققا قارشى نامايىش قىلغانلىقىنى قاچان ئاڭلىدىڭىز؟ ياكى ھۆكۈمەت نازارىتى ۋە دۆلەت ئىچى جاسۇسلۇقىغا[2] قارشىلىق؟ ۋال كوچىسىدىكى چىرىكلىكچۇ؟ ھاراقكەشلىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشچۇ؟ يالغۇز ئاتا-ئانا ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشچۇ؟ جازانىخور بانكا ۋە مالىيە قۇرۇلمىسىچۇ؟ ساقچىنى ھەربىيلەشتۈرۈشچۇ؟ مۇقىم ئائىلە تۈزۈمىنىڭ پۇچۇلىنىشى ۋە كەڭ تارقالغان ساناتورىيەلىشىش ۋە خەۋەر ئېلىش ياردەملىرى[3]چۇ؟ يامراق ئىستىمالچىلىقچۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرەرسى مۇسۇلمانلارنىڭ «بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا قارشى» دېيىشى ئۈچۈن يېتەرلىك «مۇھىم»مۇ؟ ياكى بىزنىڭ كوللىكتىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋاقتىمىز، پەقەت ۋە پەقەت كەچۈرۈم سوراش ۋە بىر قىسىم ئاممىغا ئوق ئېتىش ۋەقەسىدىن ھال سوراش، يەنى پەقەت مالامەتتىن ساقلىنىشنى ئويلىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟
شۇڭا، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇرىۋېلىپ، ئىشلارنى ياندىن كۆرۈشنى قارار قىلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما كېلەر قېتىم مەن بىر مۇسۇلمان «رەھبەر» تەرىپىدىن مالكولم X ياكى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ۋە پرىنسىپچان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا دەرس ئاڭلىسام، بۇ چوڭ پاراڭنىڭ زادى نەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. سەن مالكولم X ۋە مۇھەممەد ئەلىنى ئۆزۈڭگە نىسپەت بېرىپ، ئەمما ئۇلار دۇچ كەلگەن بەتنام، جاپا-مۇشەققەت ۋە مالامەتكە ئۇچرىغۇڭ يوقمۇ؟ ماقۇلە.
سۆزلۈك
ھەمجىنىسلىققا ئائىت مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە قەتئىي كەلمىگەن مەسىلە بولغانلىقتىن، بۇ ھەقتىكى ئاتالغۇلار يوق ياكى قېلىپلاشمىغان دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە كىتابتا قوللىنىلغان ۋە ئالاقىدار بىرقانچە ئاتالغۇلار بېرىلدى. بەزىلىرىنى يېڭىدىن ياسىدىم. تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر.بۇ ئاتالغۇلار ۋە تەرجىمىلەرنى بېرىشتىن مەقسەت، ھەممە كىشى بىلىپ كەتمەيدىغان پەرقلىق ھادىسە ۋە ئۇقۇملارنى ئېنىق ئايرىش. مەسىلەن، خۇنسا – تۇغۇلىشىدىن ئىككىلى جىنسىي ئەزا بەلگىلىرى بار كىشى بولسا، ھەمجىنىس، ھەزلەك… قاتارلىقلار كىشىنىڭ جىنسىي مايىللىقى ۋە جىنسىي پائالىيىتىگە قارىتا ئېيتىلغان. بۇلار يەنە زەيپانە، ئەركەكزەدەك… دېگەندەك بىنورمال قارالغان سىرتقى يۈرۈش-تۈرۈشلەر ھەققىدىكى سەلبىي سۈپەتلەشلەردىنمۇ پەرقلىق. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئەنئەنىۋى دىن ۋە ئۆرپتىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ھەمجىنىس ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار سۆزلەرنىڭ سەلبىي ئۇرانى كۈچلۈك.
ئېنگلىسچە | ئۇيغۇرچە | مەنە |
Heterosexual | ياتجىنس | قارشى جىنسقا جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ياكى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى. (يەنى نورمال ئىنسان.) |
Homosexual | ھەمجىنس | 1. ئوخشاش جىنسلىق، جىنسداش.
2. ئوخشاش جىنستىكىلەرگە جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ياكى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى. |
Gay | ھەزلەك/ ھېز | ئەرلەرگە جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ئەر ياكى ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى ئەر. |
Faggot | كۆت | 1. قوڭ.
2. ھاقارەت سۆزى. لىۋاتەت بولۇپ بەرگۈچى مەنىسىدە. |
Lesbian | سەھھاقە | ئاياللارغا جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ئايال ياكى ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى ئايال. (ئەرەبچە: سَحَّاقَة) |
Bisexual | قوشجىنس | 1. ئىككى جىنىسلىق، ئىككىلى جىنسقا ئائىت.
2. ئەر-ئايال ئىككى جىنسقا جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ياكى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى. |
Transsexual | ئۆتكۈجىنس | جىنسىنى ئۆزگەرتكەن كىشى. بىر جىنستىن يەنە بىر جىنسقا پىجىگەر قىلىپ ئۆتكۈچى. |
Extrasexual | تاشقىجىنس | زىنا خاھىشى بار ۋە زىنا قىلغۇچى. (مۇئەللىپ كىتابىدا مىسال كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياسىغان سۆز.) |
Queer | ھېجىقىز | 1. ئەرلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان، ئاياللارغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئۆگىنىپ قالغان ئەر.
2. ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان، ئەرلەرگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئۆگىنىپ قالغان ئايال. |
Sexual | جىنسىي | جىنسقا خاس، جىنسقا مۇناسىۋەتلىك، جىنسقا ئائىت (سۈپەت). |
Sexually | جىنسىيەن | جىنسقا مۇناسىۋەتلىك، جىنسقا ئائىت، جىنسىي جەھەتتىن (رەۋىش). |
Sexual fulfillement | جىنسىي قانائەت | جىنسىي مۇناسىۋەتتە قانائەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىر مۈجىمەل ئۇقۇم. |
LGBT | س ھ ق ئۆ | سەھھاقە، ھەزلەك، قوشجىنس ۋە ئۆتكۈجىنسلارنىڭ قىسقارتىلمىسى. |
Pederaste | بەچچەباز | نارەسىدە ئوغۇل بالىلارغا لىۋاتەت قىلغۇچى. ئومۇمەن، لىۋاتچى مەنىسىدىكى ھاقارەت سۆزى. |
Pedophile | بەچچەپەرەست | نارەسىدە بالىلارغا جىنسىيەن جەلىپ بولغۇچى ياكى ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچى. ھاقارەت سۆزى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. |
Sodomy | لىۋاتەت | مەقئەت يولىدىن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. |
Coit | جىما | جىنسىي مۇناسىۋەت. يەنى زەكەرنىڭ ئەزاغا كىرىشى. |
Hermaphrodite | خۇنسا | تۆرەلمە ۋاقتىدىن تارتىپ غەيرىي تەبىئىي يېتىلگەن، ھەم ئەرلىك، ھەم ئاياللىق جىنسىي بەلگىلىرى بولغان ئادەم. (ئەرەبچە: خنثى) |
[1] . ئوبېرگېفېل دېلوسى [Obergefell case]: ئوخشاش جىنىسلىقلار تويىنىڭ شىتاتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ ئامېرىكا فېدىرال قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى قارار قىلىنغان دېلو. تەپسىلاتى ئۈچۈن قاراڭ (ئېنگىلىسچە).
[2] . ھۆكۈمەت نازارىتى ۋە دۆلەت ئىچى جاسۇسلۇقى [surveillance state and domestic spying]: سنوۋدىن قاتارلىقلار پاش قىلغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نازارەت قىلىشى، كۆزۈتىشى ۋە ئۇلارغا قارشى جاسۇسلۇق قىلىشى.
[3] . بۇ يەردە غەربتىكى، قارىغۇدەك ھېچكىمى يوق، يالغۇز قالغان قېرىلار ۋە مەجرۇھلارغا قىلىنغان ھۆكۈمەت ياردىمىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنىڭ سەۋەبى، يەنى ئىجىتىمائىي باغ ۋە ئائىلە رىشتىسىنىڭ چۈرۈكلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.