بىر قانچە كۈن بۇرۇن داڭلىق بلوگېرنىڭ بىر دەرسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دەرس ئارىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ ھەر 10 كىشىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىگە ھەسەت، نەپرەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەقىب قىلغانلىقىنى (مەن نېمىشقا ئۇنىڭدەك قىلالمايمەن تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر) تەخمىن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئىنكاسلاردىن ھېس قىلغان ھەسەت، نەپرەت 20% تىن ئاز بولسا نورمال دەپ قارايدىكەن.
مەن بۇ توغۇرلۇق ئاددىي بىر ئىزدەش ئېلىپ بېرىپ باقتىم، لېكىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك نىسبەتتە ھەسەت، نەپرەت تۈپەيلىدىن ئەگەشكەنلىكى توغرىسىدا ئىستاتىستىكا، راي سىناش دېگەندەكلەرنى ئۇچرىتالمىدىم. بلوگېرنىڭ ئىجادى بولسا كېرەك.
بۇ ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا، بىر مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان بىرىنىڭ 200000 ھەسەت، نەپرەت قىلغۇچىسى بولالايدۇ دېگەن گەپ. ئەلۋەتتە ھەقىقىي سان بۇنىڭدىن ئاز بولىشىمۇ، كۆپ بولىشىمۇ تامامەن مۇمكىن. بۇ پەقەت بلوگېرنىڭ ئۆزىگە قويغان ئۆلچىمى خالاس. يەنى 200000 ئادەم ئۇنىڭغا نەپرەت ياغدۇرۇۋەتسە، بەددۇئا قىلسا يەنىلا ھاياتىنى نورمال داۋام قىلىپ كېتىۋېرىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى ئۇنىڭغا ئىنتېرنېت لۈكچەكلىكى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلسا، مەسىلىنى ئۆزىدىن كۆرىدىكەن، ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقىدىكەن.
بۇ كىشنىڭ ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلىشى، يولىنى تاللىشىدىكى بىر ئۆلچەم. مەنمۇ ئۆزۈمدىن سوراپ باقتىم. مىڭغا يەتمىگەن ئەگەشكۈچىلەر ئارىسىدا 200 كىشى مەن ئوڭ دېسەم سول دېسە، تاققا- تۇققا ئىنكاس يېزىپ لۈكچەكلىك قىلسا، مەن قانداق ھېسسىياتتا بولار بولغىيتتىم دەپ. گەرچە ھازىرغىچە ئاساسەن ئۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باقمىغان بولساممۇ، بۇ خىل ئۆزىگە ئۆلچەم قويۇۋېلىشنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى تەرەپتىن پايدىسى بار ئىكەن دەپ ئويلۇدۇم.
بىرىنچىدىن: ئوبېكتىپ پىكىر قىلىش مايىللىقى كۈچلىنىشى مۇمكىن. ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ 20% نىڭ قىلىنغان پىكىرلەرگە ئەقىل بىلەن ئەمەس، ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپراق پىكىر بايان قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بولمىسا « ئالدىنقى قېتىم قارشى ئىنكاسلار كەلگەنتى، بۇ قېتىم سەل دېققەت قىلاي» دېگەن ئاڭ بىلەن، ئەسلىدىكى ئۆزى بولالماي قېلىشى مۇمكىن. ئىستېمالچىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا قارىغۇلارچە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش، ئەخلاق- پەلسەپە نۇقتىسىدا دېققەت قىلماسلىق دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك.
ئىككىنچىدىن: كەيپىياتنى كونترول قىلىشقا پايدىسى بولىشى مۇمكىن. بلوگىمدا بەزىلەرنىڭ 10000 دىن ئاشىدىغان ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. بەزىبىر كىشىلەر دائىم ئۆزىگە قارشى بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغان كىشىلەرنى قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەك ئېغىر زوراۋانلىق، قالايمىغان مەزمۇندىكى ئىنكاسلار بولمىسا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ئۈستىدە دېيىلگەندەك مەلۇم بىر چەكلىمە قويۇلغاندا، سەلبىي ئىنكاسلارغا قارشى ئىممونىتېت كۈچى كۈچلىنىش، «بۇنچىلىك ئىشلار نورمالغۇ!» دەپ ئۆتۈپ كېتىشكە پايدىسى بولىشى مۇمكىن. بولمىسا نەچچە ئون مىڭ ئەگەشكۈچىنى توپلىۋېلىپ، توختىماي قارشى پىكىردىكىلەرنى تازىلاش ئارقىلىق، ئۆز- ئۆزىگە مۇكەممەل بىر شەخسىيەت يۈكلەش ئادەمنى ھارغۇزۇپ قويىدۇ.
ئۇنداقتا سىزنىڭ قانچىلىك ئەگەشكۈچىڭىز بار؟ قانچىلىك ئەگەشكۈچىنى سىزگە ھەسەت قىلمىغان، نەپرەت قىلمىغان ئاساستا سىزنى تەقىب قىلىدۇ دېيەلەيسىز؟ شۇنداق ھېس قىلغان ئەگەشكۈچىلىرىڭىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟ تاللىشىڭىز قارا- تىزىملىككىمۇ ياكى پەرۋاسىز قېلىشمۇ؟ مەنچە ئۈستىدە دېيىلگەن ئۆلچەم بۇ نۇقتىدا ناھايىتى ياخشى بىر يول كۆرسىتەلەيدۇ.
One Comment on “20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.”