ئىچىمىزدىكى بالا – دوئان جۈجەلئوغلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بۈگۈن كىتاپ خاتىرىلىرى ئارىسىغا «ئىچىمىزدىكى بالا» ناملىق تۈركچە كىتابنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئىشخانىغا نورمال كۈنلەردىكىدىن ئەتىگەن كېلىپ باشقىلار كەلگىچە كىتابنىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.  دوئان جۈجەلئوغلىنى بىر ئاي بۇرۇن يۇتۇبتا بىر كىچىك سۆھبىتى  ۋەسىلىسى بىلەن تۇنۇغانتىم. ئىنسانپەرۋەر، سەمىمى، يۇمشاق گەپ قىلىدىغان بۇ پىسخولوگ ماڭا بىر خىل يېقىنلىق ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، …

 ئىچىمىزدىكى بالا – دوئان جۈجەلئوغلى داۋامى...

ساغلام بىر ئائىلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان 9 قائىدىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت ساغلام بىر ئائىلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان قائىدىلىرى: 1. ھېس-تۇيغۇ ۋە ئويلار مۇبالىغە قىلىنمىغان شەكىلدە ئوتتۇرغا قويۇلىشى كېرەك. ( بۇ مەۋقەگە ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش مەيدانى دەيمىز. بۇنداق مەيدانى بولغان كىشىلەر ھەم ئۆزىگە ھەمدە باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ.) 2. پىكىرلەر ھازىرقى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئىش ئۈستىدە بولىشى، بۇرۇن يىغىلىپ قالغان …

ساغلام بىر ئائىلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان 9 قائىدىسى داۋامى...

گۇگۇم- غۇلام ئوسمان زۇلپىقار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت غۇلام ئوسمان زۇلپىقار ئەپەندى روماندا نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئوتتۇرلىرىدا بولغان سۆھبەتلىرىگىچە ھەقىقى، جانلىق ئەكىس ئەتتۇرگەن. شۇنداقتىمۇ باش پىرسۇناژنىڭ غايىۋى شەخىس ئىكەنلىكىنى، تارىخى شەخىس بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن روماننى تارىخى رومان دەپ قارىمايدىغانلىقىنى دەپتىكەن.

گۇگۇم- غۇلام ئوسمان زۇلپىقار داۋامى...

ئەنجانباي- نور روزى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت «مۆمىننىڭ مۇمىغا چىقىشى» ناملىق ھىكايىسى بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئەپسۇس شۇ ۋاقىتلاردا مۆمىننىڭ مۇمىغا چىقارغان بايراقنى ھازىرقى زالىملارنىڭ بايرىقىغا ئۆزگەرتىپ تەپەككۇر قىلىپ بېقىش نىسىپ بولماپتىكەن. ئوخشاش تراگىدىيە، ئوخشاش جۇغراپىيەدە يۈز بەرمەكتە ئىدى. بۇ قېتىم نور روزىنىڭ “ئەنجانباي” ناملىق كىتابىنى ئوقۇدۇم.

ئەنجانباي- نور روزى داۋامى...