«ئادەملەر ۋە چاشقانلار» جون ستېينبېك تەرىپىدىن 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان رومان بولۇپ بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) مەزگىلىدە جان بېقىش ئۈچۈن كالىفورنىيەدىن جاي-جايلارغا كۆچۈپ يۈرگەن ئىككى پەسىللىك ئىشچى جورج مىلتون ۋە لېننىينىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن.
ستېينبېك بۇ روماننى ئۆزىنىڭ 1910-يىللاردا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە ئىشلەش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان. روماننىڭ ئىسىمى شوتلاندىيە شائىرى روبېرت بۇرنس 1785-يىلى يازغان «چاشقانغا» ناملىق شېئىرنىڭ «چاشقان ۋە ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان لايىھىلىرى / ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ» [1] دېگەن مىسراسىدىن كەلگەن.
«ئادەملەر ۋە چاشقانلار» ئامېرىكا ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تەسىرى چوڭ ئەدەبىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. رومان نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن داڭق چىقىرىپ، ھەر خىل كىنو، تىياتىر، رادىئو دىراممىلىرىغا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، «ئادەملەر ۋە چاشقانلار» مەكتەپلەردە ئوقۇشقا تېگىشلىك ئون ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ زور ئىجتىمائىي تەسىر نەتىجىسىدە ستېينبېك 1962 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن 10 كىشىنىڭ قاتارىدىن يەر ئالغان.[2]
گەرچە «ئادەملەر ۋە چاشقانلار» مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان ئوقۇشلۇق ھالىتىگە كەلگەن بولسىمۇ، روماندا كىشىنى ھاقارەتلەيدىغان ۋە ئىرقچىلىق خارەكتېرىدىكى مەزمۇنلار يېزىلغان دېگەندەك تەنقىدلەردىن خالى بولالمىغان. نەتىجىدە، ئامېرىكا كۇتۇپخانا جەمئىيىتىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ خىرىسقا تولغان كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
روماندىكى ئاساسىي پېرسۇناژلار ئىككى پەسىللىك ئىشچى بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۈيۈك دېپرېسسىيە تۈپەيلىدىن تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا مەدىكارلىق قىلىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. جورج بويى پاكار، ئورۇق، زېرەك، تەدبىرلىك، لېننىي بولسا مىجەزى ئاق كۆڭۈل، بەزىدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدىغان، خوجايىنلىرىغا بالا – قازا تېپىپ بېرىدىغان، جورج يول بويى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان گىگانت ئىشچى.
لېننىي بۇرۇنقى دېھقانچىلىق مەيدانىدا چاتاق تېرىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككەيلەن قېچىپ چىقىدۇ. يېڭى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا، لېننىي يەنە چاتاق چىقىرىپ، خوجايىننىڭ كېلىنىنى بىخەستەلىك قىلىپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. جورج بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەمدى لېننىي بىلەن بىللە قاچالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، لېننىينىڭ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق جازاغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، ياخشى دوستى لېننىينى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
دوستلۇق
جورج بىلەن لېننىي ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلغان بولۇپ، بىر – بىرىگە تايىنىدۇ ۋە بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن بۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە جورج يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، لېننىي بولسا ئۇنىڭغا تايىنىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ پەرقلىق شەكىلدىكى تەنھالىق ھېسسى ۋاسىتىلىك ھالدا تراگېدىيىلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ستېينبېك ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە تەنھالىقنىڭ ئىنسانلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
يالغۇزلۇق
روماندىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئىشچىلار ئازغىنە ئىش ھەققى ئۈچۈن بىر – بىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنى قوغداشقىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
پېشقەدەم ئىشچى كەندى مېيىپ بولۇپ، پەقەت بىر قېرى ئىتىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى. باشقا ئىشچىلار بولسا كەندىنى قېرى، مەينەت ئىتنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ، ئۇنى بىردىن- بىر ھەمراھىدىن ئايرىپ، تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
قارا تەنلىك كرۇكس ئەزەلدىن ئاق تەنلىكلەرگە گەپ قىلمايدىغان،جورج بىلەن لېننىينىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى مەسخىرە قىلىغان يالغۇزلۇق ھېسسىغا تولغان ئىشچى.
ھەتتا كىتابتىكى سەلبىي پېرسوناژلاردىن بولغان دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنىڭ ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ ئىككىلىسى يالغۇزلۇق پاتقىقىغا پاتقان بولۇپ، يېڭى توي قىلغىنىغا قارىماي بىر-بىرىدىن پەرۋاسىزلارچە ئىش قىلىدۇ. كېلىنى ھەتتا لېننىينى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشىپ، نەتىجىدە تراگېدىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرقى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ستېينبېك قەلىمىدىكى يالغۇز، بېكىنمە ئىنسانلارنىڭ تىپىك كارتىنىسىدۇر.
ئارزۇ
جورج بىلەن لېننىي ئوخشاش بىر ئارزۇ سەۋەبلىك دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرىدۇ. جورج ئىزچىل ھالدا لېننىيغا ئۆزىنىڭ كېلەچەكتە سېتىۋالىدىغان بىر پارچە يېرىنى تەسۋىرلەپ بېرىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنى قۇرىدىغان خىيالى ئارقىلىق كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ.
ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئېرىشىشكە بولغان ئارزۇ بۇ روماننىڭ ئاساسىي لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارزۇ كىتابتىكى باشقا ئىشچىلارنى، مەسىلەن، كەندى بىلەن كرۇكىسنى، شۇنداقلا كىتابخانلارنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.
گەرچە بۈيۈك دېپرېسسىيە ۋە كاپىتالىستلارنىڭ رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، روماندىكى ئاددىي شەخسلەرنىڭ ئارزۇسى ناھايىتى تېزلا بەربات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان كىچىككىنە ئارزۇسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يەر ئالىدۇ.
رومان ئاخىرىدىكى جورج بىلەن لېننىينىڭ ئارزۇسىنىڭ سۇغا چېلىشىشى، شائىرنىڭ «چاشقان ۋە ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان لايىھىلىرى / ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ» جۈملىسىنى قايتا ئەسلىتىدۇ.
ئوقۇپ باقمىغانلارنى ئوقۇپ بېقىشقا، كىنولىرىنىمۇ كۆرۈپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.
[1] But Mouse, you are not alone,
In proving foresight may be vain:
The best laid schemes of mice and men
Go often askew,
And leave us nothing but grief and pain,
For promised joy!
[2] تۇرسۇنجان نۇرمەمەمەت بىلگە، «نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاكىتلار«، http://bilgejan.com/?p=403