كونترول قىلىش بىر خىل ئىلىوزىيەمۇ؟

ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىمىز كونترول قىلىۋاتىمىز، دەپ ئويلاپ ئۆتكۈزىمىز. پىلان تۈزۈپ، ئېھتىماللىقلارنى ھېسابلاپ، كەلگۈسىمىزنى ئۆزىمىز شەكىللەندۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. ھەممە ئىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز قولىمىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بىزگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.

لېكىن بەزىدە ناھايىتى كىچىك بىر ئۆزگىرىشمۇ ھەممە پىلاننى بۇزۇۋېتەلەيدۇ: بىر ئاپتوبۇسنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، بىر ئېغىز گەپنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ياكى كۈتۈلمىگەن بىر تاسادىپىيلىق… پۈتۈن پىلانىمىز بىردىنلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا بىز «كونترول» دەپ قاراپ كەلگەن نەرسىنىڭ، بەلكىم مېڭىمىز بىزگە بەرگەن بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

ئىنسان مېڭىسى ئېنىقسىزلىقنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇ ھەمىشە كېيىنكى قەدەمنى مۆلچەرلەشكە، كەلگۈسىنى ئالدىن بىلىشكە تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېنىقسىزلىق مېڭىمىزگە نىسبەتەن بىر خىل تەھدىتتەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا كونترول قىلىش ئارزۇسىنىڭ تېگىدە، ئەمەلىيەتتە بىخەتەرلىككە بولغان ئېھتىياج ياتىدۇ.

ئەمما بۇ يەردە بىر پارادوكس بار: بىز ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىشقا قانچە تىرىشساق، كاللىمىز شۇنچە كۆپ ئېھتىماللىقنى ئويلاشقا باشلايدۇ:

«ئۇنداق بولۇپ قالسىچۇ؟»

«ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىسىچۇ؟»

نەتىجىدە، كونترول قىلىش ئارزۇسى ئەندىشىنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قويىدۇ.

پىسخولوگىيەدە بۇ ھادىسە  Illusion of Control — «كونترول قىلىش ئىلىوزىيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسان ھەتتا پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىققا باغلىق ئىشلارنىمۇ ئۆزى كونترول قىلالايدىغاندەك ھېس قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. «بۇنى ئۆزۈم قىلسام ياخشىراق بولىدۇ» دېگەن قاراشلار بۇنىڭ ئاددىي مىساللىرىدۇر. بۇلار ھەقىقىي كونترولدىن كۆرە، كۆپىنچە مېڭىمىزنىڭ ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر.

بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ خىل ئىلىوزىيە تېخىمۇ كۈچەيدى. پىلانلاش ئەپلىرى، نىشان تىزىملىكلىرى، ھەر ۋاقىت ئۈنۈملۈك بولۇش بېسىمى بىزگە ھاياتنى تولۇق باشقۇرغىلى بولىدىغاندەك تۇيغغا غەرق قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتى خۇددى ناھايىتى مۇكەممەل كونترول ئاستىدا كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدا يەنىلا ئوخشاش ئېنىقسىزلىقلار بار.

قەدىمكى پەيلاسوپ ئېپىكتىتوس ھاياتتىكى ئىشلارنى ئىككىگە ئايرىيدۇ: بىز كونترول قىلالايدىغان ئىشلار ۋە كونترول قىلالمايدىغان ئىشلار. ئۇنىڭ قارىشىچە، خاتىرجەملىك بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى تونۇپ يېتىشتىن كېلىدۇ. چۈنكى ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئاخىرىدا ئادەمنى ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئەركىنلىك ھەممە نەرسىنى كونترول قىلالاشمۇ، ياكى كونترول قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىشمۇ؟

بەلكىم ھايات دەل پىلانىمىز بويىچە ماڭمىغان جايدىن باشلىنىدىغاندۇر. ھەقىقىي خاتىرجەملىكمۇ ھەممە نەرسىنى چىڭ تۇتۇۋېلىشتا ئەمەس، بەزى نەرسىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئۆگىنىشتە بولۇشى مۇمكىن.