بۈگۈن بلوگدىكى “جاھالەت سائادەتتۇر” يازمامنى ئوقۇۋېتىپ، بىر ئىككى خاتىرە يادىمغا كېلىپ قالدى.
يېڭى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ۋاقتىمدا مەن تۇرىدىغان ياتاقتا شۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بار ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ناشتىلىقتا شاكىلات، مېغىز مۇرابباسى دېگەنلەرنى بولكىغا سۈرتۈپ يەيتتۇق. بىر كۈنى قۇتىدىكى شاكىلات ئاز قاپتىكەن قۇتىنىڭ ئىچىگە بولكىنى سۈرتۈپ يەۋالغاندىن كېيىن يەنىلا پاكىز بولمىغانلىقىنى بايقىدىم. كىچىكىمدە ئاپام دائىم “يەيدىغان نەرسىلەرنى ئاشۇرۇپ قويسا، رىزقى كەم بولۇپ قالىدۇ” دەپ تەربىيە قىلىدىغان بولغاچقا قانداق قىلغاندا قۇتىنى پاكىز قىلىۋەتكىلى بولىدىغاندۇ، دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇ ياتاقدىشىغا بۇ خىيالىمنى ئېيتتىم.
ياتاقدىشىم شۇنداق نورمال بىر ئىنتوناتسىيەسىدە “بىز ئادەتتە شاكىلات قۇتىسىنىڭ ئىچىگە ئىسسىق سۇ قويۇپ، چايقاپ ئاندىن ئىچىۋېتىمىز”، دېگەن ئىدى. گەرچە تۇنجى ئاڭلاشقا غەلىتە ھەتتا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرىدىغاندەك ئاڭلانسىمۇ، ئاپامنىڭ گەپلىرى بىلەن ياتاقدىشىمنىڭ گېپىنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداق قىلىپ سىناپ باقاي دېدىم. دېگەندەك ئىسسىق سۇنى قويۇپ چايقىغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇ سۇس شاكىلات رەڭگىگە كىردى. ئىچىپ باقاي، دەپ بىر يۇتۇم ئىچتىم. ھېچ ئىچكىلى بولىدىغان نەرسىگە ئوخشىمايتتى.
دەل شۇ ۋاقىتتا ياتاقدىشىم قاقالاپ كۈلۈپ، ئېغىناپ تېلىقىپلا قالغان ئىدى. مەن شۇندىلا ئۇنىڭ مېنى ئەخمەق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ كۈلكىسىنى توختىتىپ ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى:
“دۇنيادا ئىككىلا كىشى مۇشۇنداق ساراڭ ئىشنى قىلغان. بىرسى تۈركىيەدىكى بىرسى، يەنە بىرى سەن.”
ئەينى ۋاقىتتا مەندە سەل كۆڭلۈم يېرىم بولۇش، كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇشتىن باشقا ئىنكاس بولمىغان ئىدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بالا مۇشۇ ئىش پىلتە بولۇپ ياتاقتىن ھەيدىۋېتىلگەن ئىدى. مەنچە بولسا بۇ ئۇنچىلىك چوڭ ئىشمۇ ئەمەستى.
كېيىن مەن بۇ ئىشنى بىر نەچچىسىگە قانداق ئىنكاستا بولىدىغاندۇ، دەپ ئېيتىپ بەردىم. ئاڭلىغانلا كىشى ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كېتەتتى. ئاچچىقلانغانسېرى مېنىڭمۇ ئىشتىن كېيىن بولسىمۇ ئاچچىقلىنىۋېلىشىمغا سەۋەب يارىتىپ بېرەتتى. مەلۇم نەرسىنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىش ھاقارەت تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. ئۇنداقتا بۇ تۇيغۇنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ سەۋەبى ياكى مەقسىتى نېمە؟ بولۇپمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن تەكىتلەش، بۇندىن كېيىن بوزەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنداقتا بوزەك بولۇپ قالماسلىق زادى نېمە ئۈچۈن؟ گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە خېلى- خېلى مەن، مەن دەيدىغان زاتلارنىڭ ئۆزىگە ئاجايىپ پۇختا، بىرگە- بىرنى قايتۇرۇپ ئۇرۇۋالمىسا يانمايدىغان گۈزەل ” ئەخلاقلىرى” نى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن. خۇددى بۇنى ئەسلەش بىر سائادەتتەك…
تېخىمۇ كونكرىت بىر مىسال كەلتۈرسەك: تۇلۇق ئوتتۇرىدا تۇنجى قېتىم “سېسىق گەپ” دېگەن “ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە” بىلەن ئۇچراشتىم. بىرەر يىلغىچە باشقىلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي يۈردۈم. راستنى دېسەم بىلمەسلىكنىڭ بەك زىيىنىنى تارتتىم دەپمۇ ئويلاپ باقمىدىم. گەرچە ھازىر ھەممە سېسىق گەپلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ، چۈشەنگەن قىسمىنىڭ ماڭا پايدىسى بولغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمىدىم. يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ ” بەزىدە جاھالەت ھەقىقەتەن سائادەتكەن.”