elbilhesen.com
يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار - ئەلبىلە - ئەلبىل بلوگى
مەن ئۈچۈن ئاغرىپ قېلىش ۋۇجۇد راھەتسىزلىكىدىن زىيادە ئائىلەم، بولۇپمۇ ئاپام بىلەن جەم بولۇشتەك بۇ تاتلىق ھېسنى تېتىتاتتى.بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كەرگەن تۆت كىشىلىك بىر ئائىلە خىزمەت ، ئوقۇش سەۋەبلىك تۈزۈك جەم بولۇپ بىرە يىل ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.كىچىكىمدە ئانا مېھرىگە قانماي ئاغرىق بولۇشنى خالىغان بولىشمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈن مېنىڭ مېھرىمگە تەشنا بالىلىرىم ئۈچۈن ساق – سالامەت تۇرۇشقا مەجبۇرمەن."ھايات تۇرۇپ، ئەركىن تۇرۇپ، ئايرىلىش ئازابىغا ئۇچراتمىغايسىز راببىم!»- دەپ، دۇئا قىلىمەن!بارلىق .ئانىلارنىڭ ساغلام تۇرۇپ بالىلىرىغا قانغىچە ئانا مىھرى بىرەلىشىگە تىلەكداشمەن!فېئېلى دۇئا سۈپىتىدە، ئۇ يەرلىك رېتسېپلارنىمۇ قىلىمەن ۋە ئىزچىل ئىچىمەن، ئىنشائاللاھ....