تۈركىيەدىكى ئۆي كىنىشكىلىرى توغرسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

تەييارلىغۇچى: قاسىمجان

تۈركىيەدىكى ئۆيلەرنىڭ كىنىشكىلىرى ئاساسلىق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

« كېرېدىتكە ئۇيغۇن كىنىشكە»  ۋە «تۇپراق تاپولۇق كىنىشكە»؛

كېرېدىتكە  ئۇيغۇن كېنىشكىنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ ئادەتتە تۆت خىل بولىدۇ.

  1. قات مۈلۈكىيەت كىنىشكىسى

بۇ كىنىشكە ئۆي كىنىشكىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ساغلام بولغان كىنىشكە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۆينىڭ يەردىكى ھەسسىسى پۈتۈن بىنادىكى ئۆيلەرگە ئوخشاش.

ھېچقانداق يەرلىرى ئۆزگىرىش بولمىغان، بانكا قەرىز بېرىدىغان بىرىنجى دەرىجىلىك تاپو كىنىشكە ھېساپلىنىدۇ.

  1. قات ئىتتىپاقى كىنىشكىسى

بۇ كىنىشكىنىڭ قات مۈلۈكىيەت بىلەن پەرقى شۇ بىنانىڭ ھەربىر ئۆيلەرگە بىرىلگەن ھەسسىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۆينىڭ ھەسسىسىنى تەكشۈرۈپ ئىلىش كېرەك. بۇ ئۆيگە بانكا قەرىز بىرىدۇ. نورمالدا كۆپ ساندىكى كېرېدىتكە ئۇيغۇن ئۆيلەر بۇخىل كىنىشكە ھالىتىدە بولىدۇ.

  1. دەۋىر مۈلۈك كىنىشكە

بۇ ئاساسەن يەر زىمىن قاتارلىق يەرلەردە كۆرىلىدۇ. ئۆيلەرنىڭ كىنىشكىلىرى ئاساسەن بۇخىل چىقمايدۇ.

  1. چاتا تاپولۇق كېرېدىتكە ئۇيغۇن كىنىشكە

بۇ كىنىشكە ئاساسلىق قات ئىتتىپاق ھالىتىدە بولۇپ نورمالدا شۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئۆي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

مەسلەن تۆتىنجى قەۋەتتىكى ئۆي، ئەسلى قوش قەۋەت روخسىتى بار ئۆي بولسا، ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككى قەۋەت ئۆينىڭ بەشىنجى قەۋىتىگە ئايرىم كىنىشكە قىلىپ، تۆتىنجى قەۋىتىدىكى ئۆي ھەسسىسىدىن ئايرىم ئۆي قاتارىدا كىنىشكە بېجىرگەن ئۆي. شۇڭا بۇ ئۆينى ئايرىم قىلغاندا بانكا قەرزى چىقمايدۇ.

ئەگەر پەستىكى قەۋەت بىلەن قوشۇپ سېتىۋالغاندا بانكا قەرزى چىقىدۇ يەنى كېرېدىت چىقىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئۆيلەرنى ئالغاندا ئايرىلغان ھەسسىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىرقى يىڭى سېتىلغان بىنالاردا بۇخىل ھالەت يوق. پەقەت 15 يىلدىن 25 يىلغىچە بولغان بىنالاردا كۆرىلىدۇ.

يۇقىرقى 3 خىل ھالەت قىزىل كىنىشكىدە بار بولۇپ، شۇ كىنىشكە ئۈسىتىدىكى 3 خىل ئورۇنغا قايسى خىلى بولسا شۇ خىلىغا خاتا بەلگىسى قۇيىلىدۇ.

تۇپراق تاپولۇق بۇ كېنىشكىنىڭ رەڭگى كۆك بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى شۇ بىنانىڭ تۇپراقتىكى يەرگە بىرىلگەن كىنىشكە. بۇ كىنىشكىگە بانكا قەرزى بەرمەيدۇ. بۇ كىنىشكىلىك ئۆي چېقىلىش توغرا كەلسە ئاساسلىقى يەردىكى ئورنىغا قارتا تۆلەم بىرىدۇ. بۇ خىل كىنىشكىدە 80-90 پىرسەنت تۆلەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نورمالدا ئوغۇرلۇقچە سېلىنغان بىنالار بۇخىل كىنىشكە ھالىتىدە بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىنىشكىلىك ئۆي ئالغاندا بىنا قاچاق بولمىسىلا ھېچقانداق چاتىقى بولمايدۇ. تەكشۈرگەندە ئىنچىكە تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ باھاسى كېرېدىتكە  ئۇيغۇن ئۆيلەرنىڭ باھاسىدىن 30 مىڭ بىلەن 50ئارىسىدابولىدۇ. بۇ خىل ئۆيلەر ئەرزان بولىدۇ.

شۇڭلاشقا مەيلى قانداق ئۆي ئىلىشتىن قەتئى نەزەر ئۆينىڭ ھەسسىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

تۈركىيەدە ئۆينىڭ كۇۋادىرات سانى ئۆي كىنىشكىسىگە يېزىلمايدۇ. يېزىلىدىغىنى پۈتۈن بىنانىڭ يەردىكى ئورنى يېزىلىدۇ. ئۆينىڭ كۇۋادىرات سانى رايى بەلگىسى دېيىلىدىغان يەرگە يىزىلدىغان بولۇپ، بۇنى ئۆي ئىگىسى خالىغانچە يازدۇرۇۋالدۇ. ئەمما ھەسسىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

شۇڭا ئۆي ئالغۇچىلارنىڭ ئۆينى كۆز مۆلچەرى بويىچە ھېسابلاپ ھەسسىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيەدە كۆپ خىل مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا يەرنى توغرا تاللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

يۇقىرقى مەزمۇنلارنى پەقەت ئۆزۈمنىڭ بىلدىغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ يازدىم. تىخىمۇ ئىنچىكە بولۇشى مۇمكىن، خاتا يەرلىرى بولسا كەچۈرۈشلەرنى ئۈمۈد قىلىمەن. خەلقىمىزنىڭ ئۆي ئىلىش جەريانىدا ساختىپەزلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارنى يېزىپ قويدۇم.

سۈرەتتىكى  قىزىل رەڭلىكى كېرېدىتكە ئۇيغۇن  ئۆي خېتى بولۇپ توپراق تاپو ئوخشاش شەكىلدە پەقەت رەڭگى كۆك رەڭدە بولىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن