تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىش توغرىسىدا

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت
ئەسكەرتىش: تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلار ئاپتوماتىك پۇقرالىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بەزى باشقا دۆلەتلەردىكى «تۇغۇلغان يەر پىرىنسىپى» تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۈركىيە نوپۇسى بولالىشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىدىن بىر تەرەپ تۈركىيە نوپۇسى بولىشى شەرت.
بۇ يازمىدا ئاتا- ئانىسى تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تۈركىيەدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش جەريانى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

بىرىنچى قەدەم: تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى ئېلىش[1]

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندە تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى ئېلىنىدۇ. نورمالدا ئىككى ياكى ئۈچ نوسخا چىقىرىپ بېرىدۇ. مۇمكىن بولسا كۆپرەك نۇسخا چىقىرىۋېلىش لازىم. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىدا يېزىلغان ئۇچۇرلارغا بولۇپمۇ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم.

 

ئىككىنچى قەدەم: «فورمۇل ئا»(Formul A) بەلگىسىنى ئېلىش

تۇرۇشلۇق يەردىكى ھاكىملىقنىڭ[2]نوپۇس ئىدارىسىگە كىرىپ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى، ئاتا-ئانىنىڭ ئىقامىتى، توي خېتى تەرجىمىسى بىلەن «فورمۇل ئا» بەلگىسىنى ئالىمىز. ئىشخانىغا كىرىپ فورمال ئا بەلگىسى ئالىمەن دېسە مەمۇرلار ئاساسەن بىلىدۇ.

ئاتا- ئانىدىن بىرىسى بارسىلا بولىدۇ. بوۋاقنى ئېلىپ بېرىشنى ھاجىتى يوق. بەزى يەرلەردە ئاتا- ئانا ئىككىلىسى نەق مەيداندا بولىشى كېرەك دەپ شەرت قىلىۋالىدۇ. مەسىلەن: تاكسىمدىكى ھاكىملىق. شۇڭا ئامال بار ئۇ يەرگە بارماي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشنى ئاسانراق قىلىپ بېرىدىغان زەيتىنبۇرنۇ، ساپاكۆي قاتارلىق رايونلارغا بېرىش ياخشى.

فورمۇل ئا بالىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى يېزىلىدىغان ئىسپات بولۇپ دېققەت قىلىپ تولدۇرۇش لازىم. ئىقامەت ئالغاندا، پاسپورت ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا شۇ ئاساس قىلىنىدۇ.

دېققەت: ئىككى ئۈچ نۇسخا چىقىرىۋېلىش لازىم. چۈنكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىر نۇسخا ئېلىپ قالىدۇ. پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ قالسا ئۇ يەردە بىرنى ئېلىپ قالىدۇ.

ئۈچۈنچى قەدەم: رەسىمگە تارتىش

ئارقىسىنى ئاق رەڭلىك تەگلىك قىلىپ قۇلاق كۆرۈنىدىغان شەكىلدە رەسىمگە تارتسا بولىدۇ. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بەك يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ۋىزا، پاسپورت ئىشلىرىدا يۇقىرى تەلەپ بولغاچقا بىر قېتىمدىلا سۈپەتلىك رەسىمگە تارتىش ئەۋزەل. ئۈچ پارچە رەسىم تاپشۇرۇلىدۇ.

تۆتىنچى قەدەم: كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن ئۇچرىشىش (راندېۋۇ) ئېلىش

ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئ‍ۈچۈن ئۇچرىشىشنى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ قويسىمۇ بولارمىش. بەك ئالدىراش ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىسا بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى رەسىمگە تارتىش، كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا سەل چوڭ بولغاندا ئاپارسىلا بولىدۇ.

بوۋاقنىڭ رەسىمىنى، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى، «فورمۇل ئا» نى تەييارلىغاندىن كېيىن توردىن ئۇچرىشىش ئالسا بولىدۇ.

دېققەت: بالىنىڭ پاسپورتى يوق ئەھۋالدا چوقۇم تولدۇرۇش كېرەك بولغان بوشلۇقلارغا ئاتا- ئانىسىنىڭ پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزسە بولىدۇ. دادىسىنىڭ پاسپورت ئۇچۇرلىرى سىستېمىدا ئىناۋەتسىز بولسا ئانىسىنىڭ پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بىر نەرسىلەرنى تولدۇرۇپ ئۇچرىشىش ئېلىش لازىم. ئۇچرىشىشنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن. پۇلغا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىدىغانلارمۇ بار. بەك بولمىسا مەن ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.

بەشىنچى قەدەم: كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىش

تەييارلايدىغان ماتېرىياللار:

  1. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى
  2. ئۈچ پارچە رەسىم
  3. فورمۇل ئا (ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ قالىدۇ)
  4. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى
  5. ئاتا- ئانىسىنىڭ پاسپورت، ئىقامەت كۆپەيتىلمىسى

ئۇچرىشىش كۈنى دېيىلگەن ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ، بىر قېتىمدا پۈتتۈرۈۋېلىش ئەۋزەل. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

  1. بوۋاقنى چوقۇم ئېلىپ بېرىش لازىم. بوۋاقنىڭ رەسىمىگە سىنچىلاپ قاراپ، رەسىمدىكى بوۋاق شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ تەكشۈرىدۇ.
  2. بىنا ئىشىكىدىن كىرىدىغان يەردە نۇرغۇن ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئۆچرەت ساقلاپ تۇرماي، بوۋاق بىلەن كەلگەنلىكىڭىزنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن Rئىشخانىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزنى دېسىڭىز ئۆچرەت ساقلىماي كىرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىنا ئىچىگە كىرىشمۇ تەس بولىدۇ.
  3. پۈتۈن ئامانلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن Rئىشخانىسىغا كەلدىم دېگەندە ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.
  4. بىرىنچى قەۋەتكە چىققاندىن كېيىن بىۋاستە Rئىشخانىسىغا كىرمەي، يان تەرەپتىكى Mئىشخانىغا كىرىپ ماتېرىياللارنىڭ تۇلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈش لازىم. بۇ يەردە ماتېرىياللارنى رەتلەپ ھۆججەت خالتىسىغا سېلىپ تەييار قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى ئېلىپ ئاندىن R ئىشخانىسى ئالدىدا ئۆچرەت ساقلايمىز.
  5. Mئىشخانىسىدىن ئالغان ماتېرىياللارنىڭ ئۈستىگە ئۆچرەت نۇمۇرىنى يېزىلغان بولىدۇ. R ئىشخانىنىڭ ئالدىدىكى ساقلاش سالوندا شۇ نومۇرنىڭ چاقىرىلىشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش لازىم.
  6. نۆۋەت كەلگەندە ئىشخانىغا كىرىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئىش بېجىرىمىز. تۈگىگەندە باج ئىدارىسىغا بېرىپ 89 لىرا پۇل تۆلەيمىز.

ئالتىنجى قەدەم: باج تاپشۇرۇش

 Rئىشخانىسىدىن ئالغان ماتېرىيالنى ئېلىپ كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن چىقىپ يان تەرەپتىكى باج ئىدارىسىگە كىرىپ باج تاپشۇرىمىز. نۇمۇر ئېلىپ پۇل تاپشۇرسىلا بولىدۇ. بەك قولايلىق ھەم تېز.

يەتتىنچى قەدەم: R ئىشخانىغا قايتىپ تالون تاپشۇرۇش

ئىككىنچى قېتىم كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە كىرگەن ۋاقىتتا ئۈستىدىكى ئۇسۇل بىلەن كىرىش لازىم، بولمىسا يەنە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. باج تۆلىگەنلىك تالونىنى تاپشۇرۇپ، ئىمزا قويۇپ,چىقىرىپ بەرگەن قەغەزنى ئېلىپ چىقىمىز.

سەككىزىنچى قەدەم: مۆھۈرلىتىش

 Rئىشخانىسىدىن ئالغان قەغەزنى كىرىش قەۋىتىدىكى مەمۇرىيخادىمغا كۆرسىتىپ مۆھۈر قويدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماسى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئىقامەت كارتى قولغا تەگكۈچە مۆھۈر باستۇرۇلغان ۋاقىتلىق كىملىك قەغىزىنى ئىشلىتىپ تۇرسا بولىدۇ.

[1]Doğum Raporu

[2]Kaymakamlık

ئىنكاس يازىمەن