يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار

يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار – ئەلبىلە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت مەن ئۈچۈن ئاغرىپ قېلىش ۋۇجۇد راھەتسىزلىكىدىن زىيادە ئائىلەم، بولۇپمۇ ئاپام بىلەن جەم بولۇشتەك بۇ تاتلىق ھېسنى تېتىتاتتى.

بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كەرگەن تۆت كىشىلىك بىر ئائىلە خىزمەت ، ئوقۇش سەۋەبلىك  تۈزۈك جەم بولۇپ بىرە يىل ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.

كىچىكىمدە ئانا مېھرىگە قانماي ئاغرىق بولۇشنى خالىغان بولىشمۇ مۇمكىن. ئەمما بۈگۈن مېنىڭ مېھرىمگە تەشنا بالىلىرىم ئۈچۈن ساق – سالامەت تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.

“ھايات تۇرۇپ، ئەركىن تۇرۇپ، ئايرىلىش ئازابىغا ئۇچراتمىغايسىز راببىم!»- دەپ، دۇئا قىلىمەن!

بارلىق .ئانىلارنىڭ ساغلام تۇرۇپ بالىلىرىغا قانغىچە ئانا مىھرى بىرەلىشىگە تىلەكداشمەن!

فېئېلى دۇئا سۈپىتىدە، ئۇ  يەرلىك رېتسېپلارنىمۇ قىلىمەن ۋە ئىزچىل ئىچىمەن، ئىنشائاللاھ….

يەرلىك رېتسېپتىن تۇغۇلغان ھېسلار – ئەلبىلە داۋامى...
رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 6 مىنۇت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىدا  لېنىن توغرۇلۇق بىر دەرس بولىدىغان. ئاشۇ دەرىسلىكتە  « سانت پېتىربۇرگنىڭ غەربى شىمالىدا…» دەپ بىر جۈملە بولىدىغان. بۇ دەرسىنىڭ نەرى تەسىر قىلىپ كەتتى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. رۇسيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، كونا پايتەختى ۋە ياۋروپانىڭ 4- چوڭ شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ قېلىشىمنى ئۇخلاپ ئويلىساممۇ خىيالىمغا كىرىپ قالمايتتى.

   ئەگەر سانت پېتىربۇرگنى بىر جۈملە بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىن دىسە، ئىچى پۇشۇپ قالسا يامغۇر ياغىدىغان، ئورمانلىق بەك جىق، يېشىل ۋە نەملىك، بىپايان تۈزلەڭلىك بىر يەركەن، دەپ تەسۋىرلىگەن بولاتتىم.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X داۋامى...
لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى

لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت يېقىندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن تولستوينىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بولۇپ قالدى. ئاڭلاپ بولۇپ ئۇزۇن- ئۇزۇن خىياللارغا كېتىمەن ھەم بىلمەيلا ئۇخلاپ قالىمەن. تولستوينىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى يىغىپ، قىسقىچە تەسىرات بىلەن ئورتاقلىشىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. بۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەر تۈركچە بولۇپ، داڭلىق ئاۋاز بەرگۈچى ئاكىن ئالتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن.

لېۋ تولستوي – ئاۋازلىق ئەسەرلىرى (داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ) داۋامى...