مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت يۇرتۇمدا ياز مەۋسۇمى بەك ئىسسىق بولاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق، سالقىن بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىپ كېتەتتۇق. كېيىن يۇقىرىدىن باشلىق كەلسە باشلىقلارنى ئىسسىقتا قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ئامانغا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. دېمىسىمۇ يۇقىرىدىن باشلىق كېلىدىغان كۈنلىرى يۇرتۇم باشقىچىلا سالقىن بولۇپ قالاتتى. باشلىق كېلىدۇ دېسە، مەكتەپلەرنى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى تاشلاپ كەڭ كۆلەملىك تازىلىق قىلدۇراتتى. بەزىدە ناھىيە بويىچە ھەممە يەر تازىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپمۇ كېتەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، ئىچىمىزدە “بىرەر باشلىق كەلگەن بولسا بوپتىكەن”، دەپمۇ قالاتتۇق. قىلىنغان پۈتۈن ئىشلار شۇ باشلىقلارغا كۆرسىتىش ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول داۋامى...

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق.
– فىرېدرىخ نىچشې
ئەسكەرتىش: Post Truth بەزى مەنبەلەردە ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا كېيىنكى ھەقىقەت دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار داۋامى...
ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟ 

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن، ئاددىيلىشىشىڭىز ۋە ئىچىڭىزدىكى ھەقىقىي دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۆزىڭىزنى. بۇ غەرب دۇنياسىدىمۇ ۋە شەرق دۇنياسىدىكى ئوخشاشتۇر. توماس خوببېسنىڭ «لېۋىئاتان» دىمۇ، غەززالىنىڭ «سائادەتنىڭ خېمىيىسى» دىمۇ ئوخشاش. ھەقىقىي ھۆرلۈك پەقەت نەپسىڭىزنى مەغلۇپ قىلغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ. نېلسون ماندىلانىڭ ئېيتقىنىدەك: «ھۆر بولۇش ئۈچۈن دۇنيانى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. روھىڭىزنى سېتىۋەتمىسىڭىز يېتەرلىكتۇر». مېنىڭچە  پەقەت دانا كىشىلەر ئۈچۈنلا ھۆرلۈك مۇمكىن بولىدۇ. ھۆرلۈكنىڭ يولىمۇ نەپسىنى يېڭىشتىن ئۆتىدۇ.

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟  داۋامى...
ئاق پاراخوت

ئاق پاراخوت – چىنگىز ئايتماتوۋ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت 1970- يېزىلغان «ئاق پاراخوت» رومانىدا بىر تاغلىق جىلغىدا ياشايدىغان بەش – ئالتە كىشى بىلەن بوۋىسىدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولمىغان، پەقەت خىيال دۇنياسىدىلا بەختلىك بولۇشقا تىرىشىدىغان بىر بالىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئاپتور روماننى تىراگېدىيەلىك شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاچچىق ۋە قىپ-يالىڭاچ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان دېيىشكە بولىدىكەن.

ئاق پاراخوت – چىنگىز ئايتماتوۋ داۋامى...