بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” خارپېر لىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، 1960-يىلى نەشر قىلغان. كىتاب نەشرىدىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنلا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى روبېرت مۇلىگاننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئوخشاش ئىسىم بىلەن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” فىلىمى گرېگورىي پېكنىڭ باش پېرسوناژ ئاتتېكۇسنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەل جانلاندۇرۇپ بېرىشى بىلەن فىلىم تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ 1963 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا 1960-يىللاردىكى ئەڭ ياخشى فىلىم دەپ باھالانغان. فىلىمدە قامچىلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان رومان، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى داۋامى...
كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت كارل ۋىتېرنىڭ تۇلۇق ئىسمى Johann Heinrich Friedrich Karl Witte بولۇپ، 1800- يىلى تۇغۇلغان گېرمانىيىنىڭ داڭلىق قانۇنشۇناسى. كارل 14 يېشىدا پەلسەپە ئىلمى بويىچە، 16 يېشىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىئالغان ھەم بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمى پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن.تا ھازىرغىچە «يېشى ئەڭ كىچىك دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى« دۇنيا جىنىس رېكورتىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. كارل توققۇز ياشتا گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە گرېتسىيە تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ بولغان ئىكەن. كارلنىڭ دادىسى- چوڭ كارل (بىر خرىستىيان پوپ)  كىچىك كارلنىڭ 14 ياشقىچە بولغان تەربىيىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان. ئەسلىي كىتاب 1000 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مائارىپ نەزەرىيىلىرى ئىگىلىگەن ۋە قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئانچە زۆرۈر بولمىغان جايلارنى قىسقارتىپ يىغىنچاقلىغان.

كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى- كارل ۋىتېر داۋامى...

كىچىك شاھزادە- ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان “كىچىك شاھزادە” يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان، ئويغا سالىدىغان “كىچىك” كىتاب بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە ياۋرو قوللىنىشتىن بۇرۇن 50 ڧىرانكنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەردىكى “كىچىك شاھزادىنىڭ” رەسىمى قويۇلغان ئىكەن. ئۇچقۇچى ئانتونى دې …

كىچىك شاھزادە- ئانتونى دې ساينت ئېكسۇپېرىي داۋامى...