ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت يۇقارىدا مەن ئۆزۈم قىزىققان 17 تۈرلۈك ئالدىن پەرەز بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنى ۋە ئۆزى قىزىققان بېشارەتلەرنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈستىدىكى ئالدىنقى شەرتلەر بويىچە، يۇقارقى 17 بېشارەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە 12سى توغرا بولسا، 5% خەۋپ چېكى بىلەن، مەن بۇنى تەلەيگە تايىنىپ چىققان ھادىسە ئەمەس دەپ قوبۇل قىلىمەن.

يېتەرسىزلىكلەر
    بۇ تۈرلۈك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسا، سىناق مودىلى قەستەن ئىككىلىك (Binomial) قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بېشارەت قەستەن مۇستەقىل ۋە قوش ئاقىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت ئاقىۋەتلىرى تەڭ ھالدا 0.5 دەپ قارىدۇ. بۇ جەھەتتىن مودىللانغان ۋەقەلەر ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ھەمدە، نەزەرگە ئېلىنغان بېشارەتلەرنىڭ سانى تۆۋەن بولسا ئىستاتىستىكىلىق پەرق كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھەمدە بېشارەتلەر بەك كېيىن، مەسىلەن يۈز/ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، كۆرۈلىدىغان بولسا؛ ياكى بەك مۈجىمەل ئىپادىلەنگەن بولسا بۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەسكە چۈشىدۇ.

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر داۋامى...

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل”نىڭ تەسۋىرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ھەم رەڭدارلىققا ئىگە. بىر قارىسا كىتابخان ھېكايىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ، روھىي جەھەتتىن بىر مەزگىللىك ھاڭ – تاڭلىققا چۆكىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇرۇلمىسى تەرتىپسىز ۋە يەنە مۇنتىزىم، كىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە. “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” دا بىر سەنئەتكارانە روھ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايىۋى ئوبرازلار تۈركۈمى ۋە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پەللە تۇرۇپتىكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەل ماي بوياق رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا يورۇتۇپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك داۋامى...

ئىسمائىل غاسپىرالى- تۈرك تىلى ئىسلاھاتچىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بۇ كىتاب ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 100- يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نەجىپ ھابلەمىتئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ تۈرك تىلىدا يېزىلىپ ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابتا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ خارەكتىرى،كۆز قاراشلىرى، مىللەتچىلىك قارىشى، ئىنقىلابچى روھى، ئىسلامىي كىملىكى، “تەرجىمان”نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار ئىخچام شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەن.

ئىسمائىل غاسپىرالى- تۈرك تىلى ئىسلاھاتچىسى داۋامى...

پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز – ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 7 مىنۇت ئەسكەرتمە: ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنىڭ «پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز» ماقالىسىنى ياقتۇردۇم. شۇ سەۋەبلىك ئەسلىسىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلگۈسى، تېگى-تەكتىگە يەتكۈسى، سىر-ئەسىرلىرىنى ئۇققۇسى  كېلىدۇ.  بۇ ئىنساننىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ۋەھالەنكى، بۇ تۈپ خۇسۇسىيەت بەزى كىشىلەردە  ئالاھىدە كۈچلۈك بولسا، بەزى كىشىلەردە تولىمۇ زەئىپ بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر  بىلدۈرۈلگەن نەرسىلەرگىلا قانائەت ھاسىل قىلىپ، …

پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز – ئابدۇرېھىم دۆلەت داۋامى...