ژان ژاك روسسو

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت تەسىرات: “ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە” ، روسسونىڭ “ئىجتىمائىي كېلىشىم”، “ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى” دىن كېيىن مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر كىتاب ئىدى. يېزىلىش تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى سەل قالايمىقان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوخشاش ئىدىيەنى تەكىتلىگەن روسسونىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. روسسونىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا “ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ- دە” دەپ ئويلايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مېنى قاتتىق جەلپ قىلىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ پەرقلىق پىكىرلەرنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىلىم- پەن ۋە سەنئەت ھەققىدە – ژان ژاك روسسو داۋامى...

نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت بىر توپلۇمدىكى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ پەقەت % 1 ى مەزمۇن يارىتىدۇ؛ ،% 10 بۇ مەزمۇنلارغا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؛ % 89 كىشى ئوقۇش، كۆرۈش، ئاڭلاش، كۈلۈش، ئىشلىتىش، پايدىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئەمما مەزمۇنغا ھېچقانداق شەكىلدە ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. كۈنىمىزدە بۇ نىسبەت بىر ئاز ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا % 1-3 ئەتراپىدا بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن يازمامنى 5000 ئادەم كۆرۈپ تۇرۇپ پەقەت 20 ئادەملا ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ داۋامى...
20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بىر قانچە كۈن بۇرۇن داڭلىق بلوگېرنىڭ بىر دەرسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دەرس ئارىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ ھەر 10 كىشىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىگە ھەسەت، نەپرەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەقىب قىلغانلىقىنى (مەن نېمىشقا ئۇنىڭدەك قىلالمايمەن تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر) تەخمىن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئىنكاسلاردىن ھېس قىلغان ھەسەت، نەپرەت 20% تىن ئاز بولسا نورمال دەپ قارايدىكەن.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ. داۋامى...