سىياسىينىڭ رەزىللىكى- لوئىس. پروۋېل [فرانسىيە]

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

سىياسىينىڭ رەزىللىكى- ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىي ئەسەر

«سىياسىي، ماكياۋىللىنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن رەزىل، ئىپلاس، ۋەھشىي ۋە قانخور بولۇپ قالغان ئەمەس».

ئاپتورنىڭ كىتاب يېزىشتىكى مۇددىئاسى

خاتا سىياسىي پرىنسىپلار (ماكياۋىللىزىم) قانۇن تونى ئاستىدا سىياسىينى يالغانچىلىق ۋە قويمىچىلىقنىڭ تېخنىكىسىغا ھەتتا بۇلاڭ- تالاڭ ۋە شۈلىۋېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى تۇنۇپ يەتكەن.  بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى يۇقارقىدەك خاتا قىلمىشلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈندۇر.

كىتابتىكى كۆز قاراشلار

«شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت مەلۇم پەلسەپىۋى ئەقىلگە ۋە دىنىي ئېتىقاد پرىنسىپىغا ئىگە ئادەملەرنىڭلا سىياسىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى بولىدۇ، چۈنكى ساپ بولغان مەنىۋى كۈچلا جەمئىيەتنى چىرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان (تۇز)دۇر».

«مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق- ماكياۋىللىزىم»

«سىياسىي ھۆكۈمەتسىزلىك ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى، ئەخلاقىي ھۆكۈمەتسىزلىك بولسا ئىدېئولوگىيىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ. ھەقىقىي سەۋەبى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكتۇر».

«ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمدار بىلەن پۇقرا ئايرىلىشى كېرەك» دېگەن ماككىياۋىلىزىملىق ئەقىدىگە ئەركىن ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىقىدا ئاللىقاچان پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئورۇن قالمىغان. چۈنكى، ئەركىن ھۆكۈمەت خەلق رايىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەركىن ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتى ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك، شۇڭا ئەركىن ھۆكۈمەت بىلەن ئاۋامنى ئايرىم- ئايرىم سىياسىي گەۋدە دەپ بۆلۈۋېتىشكە بولمايدۇ.

«ئاتېئىزىم ۋە ماتېرىيالىزىم كونتروللىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلاقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقىلىرى ئارتۇقچە، بۇنداق ھۆكۈمەتلەردە يەنىلا كۈچلۈك ماددىي ئىستەك تولۇپ ياتىدۇ، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى ئاز- تولا يەڭگىللىتىدۇ. دىنغا قىلىنغان دۈشمەنلىك، ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ساغلام سىياسىيغا قىلىنغان دۈشمەنلىكتۇر».

«ئىلىمدىكى بىلىمسىزلىك روھنىڭ ھالاكىتىدۇر، سىياسىيدىكى ئەخلاقسىزلىق جەمئىيەتنىڭ ھالاكىتىدۇر».

تەسىرات

بۇ كىتاب ماكياۋىللىنىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ۋاقىتتا، ماكياۋىللىنىڭ ئۇچۇق شەكىلدە سىياسەتنىڭ رەزىللىكىنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىنى، ماكياۋىللىزىمنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا ئۇل سالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. «سىياسىينىڭ رەزىللىكى» دە بولسا ئاپتور ماكياۋىللىزىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ “سىياسەت بۇ شەكىلدە بولىۋاتىدۇ” دىن زىيادە، “سىياسىي قانداق شەكىلدە بولىشى كېرەك” دېگەن نۇقتىدا توختالغان. بىرى بولۇۋاتقان ئەھۋالنى بايان قىلغان بولسا، يەنە بىرى بولىشى كېرەك بولغان ئەمما رېئاللىقتا بولمىغاننى بايان قىلغان.

«پىشقان ھۆكۈمدار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان شارائىتتا ھەرگىزمۇ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى كېرەك؛ ۋەدىدە تۇرۇشنىڭ شەرت- شارائىتى يوقالغان چاغدا ئۇ ۋەدىدە تۇرۇشتىن گەپ ئاچماسلىقى كېرەك» (نىككولو ماكياۋىللى «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» 5-بەت)

«ماكياۋىللى ئېيتىدۇكى، ئاق كۆڭۈللۈك، سېخىيلىق، ۋاپادارلىق قاتارلىق خىسلەتلەر بىر ھۆكۈمدار ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما ھۆكۈمدار ئەنە شۇ خىسلەتلەرنىڭ ئىگىسىدەك كۆرۈنىشى كېرەك، شۇنىڭدەك (ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ ياۋۇز تەبىئىيىتىنى قانداق نىقابلاشنى بىلىشى كېرەك ۋە ئۇلۇغ ساختىپەز، ئۇلۇغ مەككەرغا ئايلىنىشى كېرەك)» (نىككولو ماكياۋىللى «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» 5-بەت)

ئىنكاس يازىمەن