elbilhesen.com
پاراسەت-≠-ئىدراك
"ئىدراك ئوبېيكتىپ شەيئىلەر ئۈستىدە داۋاملىق "نېمە ئۈچۈن" دىگەن سوئالنى تەتقىق قىلىدۇ. مانا بۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى "يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن" لەرنىڭ يىشىلىشىنىڭ، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىدۇر. شۇڭا ئىدراكنى "ئەمەلىي ئەقىل" دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئۇقۇمنى يىلتىزىدىن پەرق ئېتەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن، بىزنىڭ «ئەقىل» سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىمىزدە بىر قىسىم سەۋەنلىكلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئىنگىلىزچە Artificial Intelligence دىگەن ئاتالغۇنى بىر قىسىم زىيالىيلار تومتاقلا شەكىلدە «سۈنئىي ئەقىل» دەپ تەرجىمە قىلىپ كەلدى. يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، Intelligence سۆزى ئىدراك مەنىسىدە، شۇڭا «سۈنئىي ئىدراك» دەپ قوللىنىلسا ئەڭ مۇناسىپ."