پاراسەت ≠ ئىدراك

پاراسەت-≠-ئىدراك
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

پاراسەت ≠ ئىدراك

ئالدىنقى يازمىدا مەدەنىيەت بىلەن كۈلتۈرنىڭ پەرقىنى ئاددىي شەكىلدە رەتلەپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن پاراسەت بىلەن ئىدراكنىڭ پەرقىنى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق ئايرىشقا تىرىشقان يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. گەرچە چەك- چېگرانى بۇنچىلىك ئېنىق ئايرىشنى توغرا ۋە رېئالىستىك ئىش دەپ قارىمىساممۇ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم.

 

 

ئەقىل

پاراسەت (wisdom)

ئى [ئە] تېز ۋە توغرا چۈشىنىش ، توغرا پەرق ئېتىش قابىلىيىتى ؛ ئىدراك ، ئەقىل ، دىت : پاراسەت ئىگىسى .

ئىدراك (intelligence)

ئى [ئە] ①بىلىش ، چۈشىنىش قابىلىيىتى ؛ زېھىن ، پەم ، پاراسەت : ئەقىلنىڭ ئۆلچىمى ئىدراك (ماقال) . ②<پەلس> ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرى ياكى تاشقى ئالاقىسى توغرىسىدىكى ئومۇملاشتۇرما ئىنكاس . ئۇمۇ تۇيغۇغا ئوخشاش ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئانالىزاتورلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدۇ . ③<لوگ> ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى ۋە يۈزەكى باغلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پسىخىكىلىق جەريان . ئىدراك ھېس ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ . ئەمما يەنە ھېسقا قارىغاندا مۇرەككەپرەك ، مۇكەممەلرەك بولىدۇ .

ئەقىل- پاراسەت، ئەقىل ئىدراك، ھېكمەتلىك سۆز

 

زېھىن، چۈشىنىش ئىقتىدارى، خەۋەر، ئاخبارات، مەلۇمات

 

ئارستوتىلنىڭ قارىشىچە، پاراسەت-ئالەم ھەقىقەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىدىغان ئەقلىي خۇلاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوگىكا ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تۈرلۈك بىلىم. ئىدراك- مۇئەييەن نەتىجىگە قانداق ئېرىشىشتىكى بىر تۈرلۈك ئىقتىدار ھەم بىلىم. شۇنداقلا، ئىدراك پاراسەتكە ياردەم قىلىدۇ ھەم تۈرتكە بولىدۇ. ئارستوتىل پاراسەتنى ئىدراكتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان.
پاراسەتنىڭ ئىستېمال مەناسى – دانالىق ۋە دانىشمەنلىك دېگەنلىك بولۇپ، كۆچمە مەناسى بولسا توغرىنى خاتادىن ئايرىش، ھەقىقەت ئىزدەش ۋە ئادىل بولۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. خۇلاسىلىغاندا، پاراسەت مەسىلىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ۋە قانداق قىلسا توغرا ياكى خاتا بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. پەم ۋە دىت، ئەمەلىيەتچانلىق ۋە ئىجادچانلىق بولۇپ، كۆچمە مەناسى بولسا يىڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش ۋە تەدبىر قوللىنىش دېگەنلىك بولىدۇ.
پاراسەتنى “نەزەرىيىۋى ئەقىل” دىيىشكە ھەم بولىدۇ. ئىدراك ئوبېيكتىپ شەيئىلەر ئۈستىدە داۋاملىق “نېمە ئۈچۈن” دىگەن سوئالنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىدراكنى “ئەمەلىي ئەقىل” دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
پاراسەت ئىنسان باشتىن ئۆتكۈزگەن مەلۇم خاتالىقتىن يەكۈنلەنگەن ساۋاق ئاساسىدا توپلىنىدۇ، ئىدراك ئىنسان مېڭىسىگە توپلاشقان خاتالاشمىغان تەجرىبە ئاساسىدا تەشكىللىنىدۇ.
ئىنسانلار “جەمئىيەتنى ئادىل باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش”دىن ئىبارەت پاراسىتى ئۈچۈن، ئۆزلىرى ياراتقان “ئاساسىي قانۇن” “جازا” ” تۈرمە” قاتارلىق ئىدراكلىرىنى خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

 

 

      “ئىدراك ئوبېيكتىپ شەيئىلەر ئۈستىدە داۋاملىق “نېمە ئۈچۈن” دىگەن سوئالنى تەتقىق قىلىدۇ. مانا بۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى “يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن” لەرنىڭ يىشىلىشىنىڭ، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىدۇر. شۇڭا ئىدراكنى “ئەمەلىي ئەقىل” دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.«

      «بۇ ئىككى ئۇقۇمنى يىلتىزىدىن پەرق ئېتەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن، بىزنىڭ «ئەقىل» سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىمىزدە بىر قىسىم سەۋەنلىكلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئىنگىلىزچە Artificial Intelligence دىگەن ئاتالغۇنى بىر قىسىم زىيالىيلار تومتاقلا شەكىلدە «سۈنئىي ئەقىل» دەپ تەرجىمە قىلىپ كەلدى. يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، Intelligence سۆزى ئىدراك مەنىسىدە، شۇڭا «سۈنئىي ئىدراك» دەپ قوللىنىلسا ئەڭ مۇناسىپ.”

 

مەنبە: بىلباي ئۈندىدار سالونى – مۇستافا ئوغۇز « پەلسەپەدىكى پاراسەت ۋە ئىدراك»

ئىنكاس يازىمەن