مەدەنىيەت ≠ كۈلتۈر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

مەزكۇر يازمىدا “مەدەنىيەت” ۋە “كۈلتۈر” ئاتالغۇلىرىنىڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتى ئىخچام شەكىلدە رەتلەندى.

يازمىنىڭ مەقسىتى

بىرىنچىسى، ئەلبىل بلوگىنىڭ مەقسىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، تور دۇنياسىدىكى ماتېرىياللارنى ئۈنۈملۈك شەكىلدە قوللانغۇچىلارنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلىش. بۇنىڭدىن كېيىن “كۈلتۈر” دەپ ئىزدەش موتورىدا ئىزدىگەن ۋاقىتتا، كېرەكسىز مەزمۇنلار ئەمەس، مەزكۇر يازما كۆز ئالدىمىزغا چىقىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئىككى ئاتالغۇ ئارىسىدىكى پەرقنى ئىخچام شەكىلدە ئوتتۇرغا قويۇش. ئۇزۇن ئۇزۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئوقۇش پۇرسىتى بولمىغان ئاۋام- خەلق ئۈچۈن ئاددىي شەكىلدە چۈشەندۈرۈش.

ئىككى ئاتالغۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى پايدىلانغان ماتېرىياللاردىن[1] كۆرۈۋالالايسىلەر. ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

كۈلتۈر (Culture,文化)  مەدەنىيەت (Civilization,文明)
يىلتىزى: يەر ھەيدىمەك، تېرىپ يىغماق يىلتىزى: شەھەر، مەدىنە مەنىسىدە
بىر مىللەتنىڭ دىنى، ئەخلاقى، تۆرەسى، ئېستېتىك تۇيغۇسى، تىلى، ئىقتىسادى ۋە پەننىي ھاياتلىرىنىڭ جىپسىلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر. – زىيا گۆكئالپ مىللەتلەرگە ئورتاق قىممەتلەر سەۋىيىسىگە يۈكسەلگەن كۆز قاراش، ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە ياشاش ۋاستىلىرىنىڭ تامامىدۇر.
بىزنى بىز قىلىدىغان قىممەت، قاراش، ئۆرپ- ئادەت. پەقەتلا بىزگە ئائىت. بىز ۋە ئۇلارنى ئايرىيدىغان مۇئەسسەسەلەر. بىر جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىنى باشقا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە باغلايدىغان مۇئەسسەسەلەر.
مىللەتكە خاس بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ. مىللەتلەر ئارىسى ئورتاق بولىدۇ. پەرقلىق كۈلتۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
مىللەت كۈلتۈرنى باشقا كۈلتۈرگە ئالماشتۇرالمايدۇ. مىللەت مەدەنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتكە ئالماشتۇرالايدۇ.
ئىلھام، سەزگۈ ۋاستىسى بىلەن يارىتىلىدۇ. تەبئىي بولىدۇ. مېتود، ئەقىل ۋاستىسى بىلەن يارىتىلىدۇ. سۇنئىي بولىدۇ.
دىنىي، قانۇنىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا تۇيغۇلارنىڭ جۇغلانمىسى ئىقتىسادىي، دىنىي، قانۇنىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا پىكىرلەرنىڭ جۇغلانمىسى
خاراكتىر جەھەتتىن خۇسۇسىي خاراكتىر جەھەتتىن ئومۇمىي
كۈلتۈرلەر ئارىسىدا سېلىشتۇرما قىلىشقا بولمايدۇ. مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قېلىشقا، بىرىنى ‹‹ئىلغار››، بىرىنى ‹‹قالاق›› دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
تۇغما بولمىغان، ئۆگىنىلىدىغان ھادىسىدۇر.
بىر جەمئىيەتتە كۈلتۈرنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ پەيدا قىلىدۇ.
مەدەنىيەت كۈلتۈردىن يارىتىلىدۇ.
كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدىيىتى مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ‹‹مىللىي مەدەنىيەت›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئەسلىدە  كۈلتۈردۇر.

[1] پايدىلانغان ماتېرىياللار

‹‹كۈلتۈر›› ۋە ‹‹مەدەنىيەت›› ئۇقۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2013- يىلى 25-دېكابىر

‹‹كۈلتۈر توقۇنۇشى››، تور خاتىرىسى، 2012- يىلى 21-سىنتەبىر

‹‹كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيەلىك ئىزاھات››، تۇرپان ژورنىلى 2003- يىل 4- سان

‹‹كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللى كۈلتۈر››، تۇرپان ژورنىلى 2004- يىل 2- سان

ئىنكاس يازىمەن