ئىچىمىزدىكى بالا – دوئان جۈجەلئوغلى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت
بۈگۈن كىتاپ خاتىرىلىرى ئارىسىغا «ئىچىمىزدىكى بالا» ناملىق تۈركچە كىتابنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئىشخانىغا نورمال كۈنلەردىكىدىن ئەتىگەن كېلىپ باشقىلار كەلگىچە كىتابنىڭ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.  دوئان جۈجەلئوغلىنى بىر ئاي بۇرۇن يۇتۇبتا بىر كىچىك سۆھبىتى  ۋەسىلىسى بىلەن تۇنۇغانتىم. ئىنسانپەرۋەر، سەمىمى، يۇمشاق گەپ قىلىدىغان بۇ پىسخولوگ ماڭا بىر خىل يېقىنلىق ھېس قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى تەۋسىيە قىلغان بىر قانچە كىتابىنى ئېلىپ ئوقۇشنى قارار قىلدىم. «ئىچىمىزدىكى بالا» دىن باشقا يەنە«قورقۇش كۈلتۈرى» دىگەن كىتابنىمۇ ئالدىم.

 
دوئان جۈجەلئوغلىنىڭ توردىكى پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باققانلار ئۇنىڭ سەمىمى، كۆڭلى يۇمشاق، ئاكتىپ مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشىدىغان، ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرمەيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ كىتابتىمۇ سىللىق، ئاددى بىر تىل بىلەن ئىچىمىزدە بولىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبنى تېپىپ چىققاندا ساغلام بىر پسىخىكىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى يازغان.
 
كىتابنى باشقا بىر قانچە كىتاپ بىلەن بىرلىكتە «كىتاب يۇرتى» تورىدىن سېتىۋالدىم. ئالغان كىتابلىرىم ئارىسىدا پەلسەپە، تارىخى، ساياھەت ۋە دىنغا ئالاقىدار كىتابلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ دوئان جۈجەلئوغلىنىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم.
 
كىتابتا كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلاپ بىزگە يۈكلىنىپ قالغان بىر قىسىم باھالارنىڭ بىزنىڭ كىشىلىكىمىزنى قانداق تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ئىچىمىزدە بىر بالا بىلەن ئاتا-ئانا ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى، ھاياتىمىز بويىچە بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى، ئەمما بەزىدە ئىچىمىزدىكى بالانىڭ نىداسىنى ئاڭلىماس، ئاڭلىيالماس ھالغا كېلىپ قالىدىغانلىقىمىز يازغان.
 
“ئويغىنىش، ھازىرقى ھالىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيانىڭ خىيالىمىزدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىش بىلەن باشلىنىدۇ”

 
1938-يىلى تۈركىيىدە دۇنياغا كەلگەن دوئان جۈجەلئوغلى، 11 پەرزەنتلىك بىر ئائىلىنىڭ كەنجى بالىسى ئىدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ،بوئازئىچى ئۇنىۋېرستېتى ۋە كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 40 تىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان دوئان جۈجەلئوغلىنىڭ كىتابىدا بۇ ئىلمى ئانالىزنىڭ ئىزىندىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن كىتابتا ئىچىمىزدىكى بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرسىدا بولىدىغان دىئالوگ ھەققىدە تەييارلىغان سوئال جاۋاب قىسمى، سوئاللار ئارقىلىق ئىچىمىزدىكى بالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىش قاتارلىقلار قىسىملىرى بۇنىڭغا ۋەكىل بولالايدۇ.
 
 
ئەگەر پەرزەنت تەربىيىلەۋاتقان ئاتا-ئانا بولسىڭىز، دوئان جۈجەلئوغلىنىڭ بۇ كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا دەرت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن كېلىپ چىققان پىسخىكىلىك بېسىملاردۇر. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ھالدا ۋەتەندىن كەلگەن شۇم خەۋەرلەر بىلەن كۆڭلى غەش بولىۋاتقان، ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئاز ياكى يوق بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ بېسىملارنىڭ، غەلىتە ئوي پىكىرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ سىڭىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پىسخىك ساغلاملىقىمىزغا دىققەت قىلىشىمىز، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاكتىپ ھالدا كۆز يۈگۈرتۈپ تۇرىشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن.
 
“ھېچ بىرىمىز مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنۋالساق، ھاياتنىمۇ سۆيەلەيمىز.”
 
كىتابنىڭ ئىسمى: ئىچىمىزدىكى بالا
 
يازغۇچى: دوئان جۈجەلئوغلى
 
نەشىرىيات: رەمزى نەشىرىياتى
 
نەشىرىيات تارىخى: 56-نەشرى 2017-يىل

ئىنكاس يازىمەن