ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟ 

ھۆرلۈك مۇمكىنمۇ؟
ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىنساننى تۇغۇلغاندىن باشلاپلا يېتەكلەيدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ «يا ھېچ تۇغۇلمىغان بولۇش ياكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماسلىق»  بولىدىكەن. ھەممە ئادەم بايقىلىش ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇشقا تىرىشىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ۋېلىسىپىتنى بىر قولى بىلەن مىنىپ:«ئاپا! ماڭا قارا! » دېگەن بالىمۇ، دەرەخكە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئويغان يىگىتمۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن نىشانتاشىدا «پورچى»نى تېز سۈرئەتتە ھەيدىگەنمۇ ھەمىشە ئوخشاش مۇددىئاغا ئەگىشىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئېڭىدا «ئەي خالايىق! ماڭا قاراڭلار! مەن دېگەن ئالاھىدە! ماڭا دىققەت قىلىڭلار!» دەيدۇ.

    بۇ سەۋەبتىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىش ۋە مەڭگۈلۈك بولۇش خاھىشى ھۆرلۈكنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۇنياسى بۇنى «Ego»، شەرق دۇنياسى بولسا «نەپىس» دەپ ئاتايدۇ. مېنىڭچە، ئېگو ياكى نەپسىنى يېڭەلمىگەن ۋە بۇ مۇددىئانىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان ئادەم ھۆر بولالمايدۇ.

    ئىلغار كىشىلەر دىققەت تارتىش خاھىشى ۋە ئېگو ياكى نەپىسلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن ئادديلاشماق كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئارقىدا قالغانلار بولسا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكەندە دىققەت تارتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىلغار كىشىلەر مەڭگۈ ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن مىراس قالدۇرىدۇ. شېكىسپېر ۋە مەۋلانىگە ئوخشاش ئاددىيلىقى بىلەن كىتاب يازىدۇ، ئاياسوفيە ۋە سۇلايمانىيەگە ئوخشاش بىناكارلىق مۆجىزىلىرىنى قالدۇرىدۇ. ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغانلار ھەر دائىم تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇلار مال- دۇنيا، مۈلۈك – مەرتىۋە، خىرىس ئارقىسىدىن ماڭىدۇ.

    ئاددىيلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلغانلار ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج پىرامىداسىدا يۇقىرى ئۆرلىيەلىگەن بىلەن ئارقىدا قالغانلار ھەمىشە گورىزونتال سەۋىيەسىدە كېڭىيىدۇ. ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج پىرامىداسىنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا تۇرىدىغان ئاساسىي ئېھتىياجنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئىنساننى تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئۆستۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىقتىدارى چەكلىكتۇر.

    يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن، ئاددىيلىشىشىڭىز ۋە ئىچىڭىزدىكى ھەقىقىي دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۆزىڭىزنى. بۇ غەرب دۇنياسىدىمۇ ۋە شەرق دۇنياسىدىكى ئوخشاشتۇر. توماس خوببېسنىڭ «لېۋىئاتان» دىمۇ، غەززالىنىڭ «سائادەتنىڭ خېمىيىسى» دىمۇ ئوخشاش. ھەقىقىي ھۆرلۈك پەقەت نەپسىڭىزنى مەغلۇپ قىلغاندىلا مۇمكىن بولىدۇ. نېلسون ماندىلانىڭ ئېيتقىنىدەك: «ھۆر بولۇش ئۈچۈن دۇنيانى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. روھىڭىزنى سېتىۋەتمىسىڭىز يېتەرلىكتۇر». مېنىڭچە  پەقەت دانا كىشىلەر ئۈچۈنلا ھۆرلۈك مۇمكىن بولىدۇ. ھۆرلۈكنىڭ يولىمۇ نەپسىنى يېڭىشتىن ئۆتىدۇ.

  • يۈجەل ئوھۇرلۇ يازمىسىدىن ئەلبىل تەرجىمىسى.

يازمىنىڭ ئەسلىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇيالايسىز.

ئىنكاس يازىمەن