ھەر بىر ئىجتىمائىي پەننىڭ پەلسەپىسى چوقۇم تەتقىق قىلىنىشى كېرەك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت
ئىجتىمائىي پەن دىگەن ۋاقتىمىزدا شەيئىلەرنى ئىجتىمائىيلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئانالىز قىلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ دېگەنلىك كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەخىسنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىشى دېمەكتۇر. ئىنسانىي ئىلىملەر بولسا ئىنساننى مەركەز ئورۇنغا قويىدۇ. ئىنسانىي ئىلىملەر ئۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئىجتىمائىي بىلىملەر ئۇقۇمىنىڭ تارىخىنىڭ قىسقا بولىشى، ھەمدە ئىنسانىي ئىلىملەر ئۈستىدىن ھاكىم بولىشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى.

 
بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردەك، مۇسۇلمانلىق كىملىكى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى بىلەن ياشاشقا تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىزنىڭ كىملىكىمىزگە سىڭدۈرۈلگەن ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىزگە يۇشۇرۇن ھالدا سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇقۇم، قىممەت قاراشلارنىڭ يىلتىزىدا ياتقان پەلسەپىسى قانداق بىر مۇناسىۋەتتە (ئوخشاش، زىت، مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق دېگەنگە ئوخشاش) دىگەن مەسىلە بۇ ئۇقۇملارنىڭ قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىزدىنىلىشى، تەپەككۇر قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم نوقتا. مەسىلەن:
ئىقتىساد ئىلمى: چەكلىك مەنبە بىلەن چەكسىز ئېھتىياجلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قۇرىدىغان بىر بىلىم ساھەسى دىيىلىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ كىملىكىمىز بىزگە تاماقنى تويغىچە يېمەسلىكنى، ئۈچتە بىرىنى يىمەك بىلەن، ئۈچتە بىرىنى ئىچىملىك بىلەن، قالغان ئۈچتە بىرىنى بوش قويۇپ قويۇشقا بۇيرۇيدۇ. مەنبەلەرنىڭ چەكلىك بولىشى مۇقەررەر، ئەمما بىزنىڭ كىملىكىمىزدە ئېھتىياجلارنىڭ چەكسىز ئەمەسلىكىنى سىڭدۈرۈلگەن. پەقەت نەپسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئىنساندىلا ئېھتىياج چەكسىز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمىنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن،بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىكى پەلسەپىسى ئىزدىنىلىشى، تەپەككۇر قىلىنىشى كېرەك.
 
سىياسەت ئىلمى: كۈچ بىلەن ئىقتىدار كۈرىشىدۇر دىيىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا مۇجەسسەملەنگەن قىممەت قارىشىمىزدا پەقەت كۈچ، ئىقتىدار كۈرىشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئادالەت، ئىنساپ كۈرىشىگە ئوخشاش مېتافىزىكىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن كىيىنكى قىسمى چىقىرىۋېتىلىپ، پەقەت كۈچ ۋە ئىقتىدار كۈرىشى قالغان ۋاقىتتا، بۇ بىزنىڭ كىملىكىمىزگە پەلسەپە نۇقتىسىدىن زىت بولغان يولدا كۈرەش قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇمۇ تەبئىي ھالدا ھەرىكەتتىكى زىددىيەتلىك، مىللى، دىنى كىملىك شۇئۇرىنىڭ ئاجىزلىشىشى دىگەندەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن