گۇگۇم- غۇلام ئوسمان زۇلپىقار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

غۇلام ئوسمان زۇلپىقار ئەپەندى روماندا نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئوتتۇرلىرىدا بولغان سۆھبەتلىرىگىچە ھەقىقى، جانلىق ئەكىس ئەتتۇرگەن. شۇنداقتىمۇ باش پىرسۇناژنىڭ غايىۋى شەخىس ئىكەنلىكىنى، تارىخى شەخىس بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن روماننى تارىخى رومان دەپ قارىمايدىغانلىقىنى دەپتىكەن.

ئاپتور “گۇگۇم” رومانىنىڭ يېزىلىش سەۋەبىنى 50 يىللىق بىر تەجىربە-ساۋاققا مەزكەزلەشتۈرگەن. مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ۋە دۆلەتنىڭ ۋاز كېچىلمەس مەڭگۈلۈك قىممەت ئىكەنلىكىنىڭ نىشان، باشقا ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، زۇلۇمدىن قۇتۇلماقنى ئىزدىگەن ئىنقىلاپلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئەجەللىك ئامىل دىگەن نوقتىنى ئوتتۇرغا قويغان.

روماندا كومىنىزىمنىڭ بىزنىڭ چىقىش يولىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى، مىللىيەتچى خىتايغا ئىشىنىپ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە باش قەھرىمان سابىتنىڭ ھاياتى تەپسىلى بايان قىلىغان ئىكەن.

ۋەتەن سىرتىدا نەشىردىن چىققان “گۇگۇم” رومانى تارىخنى شەرقى تۈركىستان مۇستەققىللىق ھەرىكىتى پەنجىرىسىدىن ئوقۇشنىڭ بىر باشلىنىشى بولسا كېرەك.

تارىخ خىتاي كومىنىستلىرىنىڭ، روس ئىشقالچىلىرىنىڭ ۋە ياكى غەرب مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس، ۋەتەننىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قايتا سۈزۈۋېلىنىشى ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا بۇ خىلدىكى تارىخى ئاڭلىتىلىشى كېرەك.

“گۇگۇم” رومانى بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئىنكاس يازىمەن