گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەش تەجرىبەم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئەلبىلگە ئائىت ئەمەس، تەييارلىغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەلبىل بلوگىدا ئۆز ئەينى ئېلان قىلىندى.

گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەش تەجرىبەم

گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەش تەجرىبەمنى قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،  بۇ يازمام ئارقىلىق  بىرە قېرىندىشىمنىڭ بىر قەدىمنى ئارتۇق بېسىشىدىن ساقلاپ قالالىسام  ياكى قىلماقچى بولغان ئىشىنى  كۆرۈپ تەجرىبەمدىن پايدىلىنىپ قالسا ماڭا غايىبانە دۇئا قىلىپ قويسا شۇ يېتەرلىك .

  1. كىرىش

  ئالدى بىلەن شۇنى قايتا قايتا ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن ، بۇ يازمامنى ئوقۇپ ھە مەن  بېرىپ  پاناھلىق تىلىسەممۇ ئىشلىرىم مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدىكەن، دەپ  مەن خاتالاشقاندەك خاتالاشماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى پاناھلىق تىلەش جەريانى پۈتۈنلەي ھەربىر شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى  ۋە ساقچىلارغا سۆزلىگەن ھېكايىسىگە باغلىق بولۇپ، ئەمەتنىڭ ئىشى مۇنداق بوپتۇ، دېمەك سەمەتنىڭ ئىشىمۇ شۇنداق بولىدىكەن، دەپ ئويلىۋېلىشقا،  ئەمەت ئىشلىرىنى سەمەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك. ھەر بىر كىشىنىڭ ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭا ئەسلا بىرىنىڭ ئىشىغا قاراپ مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بولىدىكەن دەپ ئويلىۋالماڭ!

     ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېلىش يوللىرى:

  • ۋىزا بىلەن كېلىپ پاناھلىق تىلەش (مەسىلەن گوللاندىيەنىڭ ۋىزىسىنى ئېلىپ گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەش)
  • ۋىزا ئارقىلىق كېلىپ باشقا بىر دۆلەتتە پاناھلىق تىلەش ( مەسىلەن سىز پولشانىڭ ۋىزىسىنى ئېلىپ پولشاغا بارماي ۋە ياكى پولشاغا بېرىپ ئاندىن گوللاندىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەش)
  • ئالمىشىپ ماڭىدىغان بېلەت بىلەن كېلىپ پاناھلىق تىلەش
  • قۇرۇقلۇقتىكى چىگىردىن قانۇنسىز كىرىپ پاناھلىق تىلەش

بۇلار مەن  بىلىدىغان پاناھلىق تىلەشنىڭ بىر قانچە تۈرى.  مەن بۇلاردىن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن، ئالمىشىپ ماڭىدىغان بېلەت بىلەن كېلىپ پاناھلىق تىلەش جەريانىمنى ئورتاقلىشىمەن.

    ئالدى بىلەن قولىڭىزدىكى پاسپورتقا ۋىزىسىز ياكى ۋىزىلىق بارىدىغان بىر دۆلەتكە بېرىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئۆتە يولىمىزنى چوقۇم گوللاندىيەدە توختاپ ئۇچىدىغان  قىلىپ بېلەتنى ئالىمىز. ئاندىن تەلىيىمىز كېلىپ ئۆتەپ كېتىپ قالساق گوللاندىيەدە ئايرودۇرۇمغا چۈشۈپلا پاناھلىق تىلەيمىز.  ئالمىشىپ ماڭىدىغان دۆلەتلەردىن ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم تۆۋەندىكىلەر:

  گىرۇزىيە، ئىسرائىلىيە، سېنېگال ، بېلارۇسىيە ،ئۇكرائىنا ،مىسىر، ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە…

يەنى دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرلار مۇشۇ دۆلەتلەردىن  ئوتتۇرىدا گوللاندىيەدە توختاپ ماڭىدىغان بىلەت ئېلىپ گوللاندىيەگە كېلىۋېلىپ، ئايرودۇرۇمدا پاناھلىق تىلەيدۇ. مەن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماراكەشكە بېرىپ ماراكەش – گوللاندىيە – ئاخىرقى بېكەت ئۇكرائىناغا بىلەت ئېلىپ، اللەنىڭ ئاسان قىلىشى بىلەن ئۆتۈپ كېتەلىگەن ئىدىم. (ئەتىسى ئوخشاش يولنى سىنىغانلار ئۆتەلمىدى.)

  1. گوللاندىيەگە سەپەر

 ماراكەشتىن ئەتىگەندە مېڭىپ چۈش ۋاقتى بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردامدىكى سىخىپول ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلدىم،ئايرودۇرۇمغا كەپلا  بىلەت، يۈك تاقنىڭ قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىپ  (ھېچ بولمىسا يۈك تاقنىڭ بېلىتىنى بولسىمۇ ئەپ قالماپتىمەن، كىيىن يۈك تاماقلىرىم ئۇكرائىناغا كېتىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ تېپىپ بولغۇچە بەك ئاۋارە بولدۇم.) مەن ئالمىشىپ ئۇكرائىناغا بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ كېتىشىنى ساقلىمايلا ئۇدۇل ئايرودۇرۇمدىن پاسپورت تەكشۈرتۈپ چىقىپ كېتىدىغان ئېغىز تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، پاسپورت تەكشۈرۈش ئېغىزىنىڭ يېنىدىلا ساقچى ئىشخانىسى باركەن، ئاشۇ يەرگە كىرىپ پاسپورت نەرسىلىرىمنى تاپشۇردۇم ئۇلار كۈلۈپ چىرايلىق قارشى ئېلىپ، قورسىقىڭ ئاچمۇ؟ بىر نەرسە يەمسەن، دەپ سورىدى. ياق، دېگەندىن كېيىن، سەن پاناھلىق تىلىمەكچىمۇ؟ دەپ سورىدى.  پاناھلىق دېگەن گەپنى چۈشەنمەپتىمەن. شۇ كۈنى asylum دېگەن گەپنىڭ پاناھلىق تىلەش دېگەن گەپلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن پاناھلىق تىلىمەكچى دېگەننى ( I want to asylum) ئاي ۋانت تۇ ئاسايلىم، دەيدىكەنمىز.

بۇ گەپلەرنى دېگەندىن كىيىن  بىلەن ئۇلار مېنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتى بىردەمدىن كىيىن يۈك تاقىللىرىمنىڭ بار يوقلىقىنى سورىدى بار دېدىم لېكىن مەن يۈك تاقنىڭ قەغىزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقا يوق دېدىم. بىرە ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يۈك تاقامنى تاپالمىغانلىقىنى كىيىن ئىزدەپ تېپىۋېلىشىمنى  شۇنداقلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەچكە  بۈگۈن بىر كېچىنى ئايرودۇرۇمدا ئۆتكۈزۈپ ئەتە سەھەر ئىشقا چۈشكەندە كېلىشىمنى ئېيتتى. ماقۇل دەپ ئايرودۇرۇمنىڭ ئىچىنى بىرە قۇر ئايلىنىۋېتىپ ئۇخلايدىغان يەر تېپىپ ئۇخلاپ ئەتىسى سەھەردە  ساقچى ئىشخانىسىغا كىردىم، ئۇنىڭغىچە ماڭا ئوخشاش پاناھلىق تىلەيدىغان بىر سۇرىيەلىك بىر يەمەنلىك كەپتۇ. ھەممىمىزنى بىر ماشىنىغا سېلىپ ئايرودۇرۇمنىڭ يېنىدىكى  بىر تۈرمە(يېپىق كامپا دەيدىكەنمىز) گە ئېلىپ كەلدى، ئاندىن تېلىفۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىۋېلىپ يەيدىغان ۋە كىيىم كېچەكلىرىمزنى بەردى، (ساپما كەش ئېلىۋالمىغىنىمغا شۇنداق پۇشايمان قىلدىم)  سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كىيىن  بىزنى  ياتىقىمىزغا(كامېرىمىزغا) ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، ياتاقنىڭ ئىچىدە، تېلېۋىزور ، توڭلاتقۇ، مۇنچا، ئىككى قەۋەتلىك كارىۋات باركەن،لېكىن مەن يالغۇز تۇردۇم.  يېپىق كامپتىكى پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ نورمالدىكى تەرتىپى  رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولۇپ جەمئىي 15كۈن داۋاملىشىدىكەن. لېكىن يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك ھەر بىر كىشىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، قولىدىكى ماتېرىيال ، سۆزلىگەن ھېكايىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ  بۇ جەريانلار پەرقلىق بولىدىكەن، مەسىلەن  مەندىن بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرىگە ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىنلا شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا  پاناھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى  بەش يىللىق ئىمامەت بەرگەنلىكىنى دەپتۇ، باشقا ئىككى ئۇيغۇرغا ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن ئىككى كۈندىن كىيىن  قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى ، ماڭا ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن ئۈچ كۈن كىيىن قوبۇل بولغانلىقى ئۇقتۇردى.

  1. يېپىق كامپتا

  يېپىق كامپتىكى پاناھلىق بىرىنچى سۆھبەتتە ئاساسلىقى  گوللاندىيەگە قانداق كەلگەنلىكىمىزنى ئاندىن ئۆزىمىز توغرۇلۇق قىسقىچە  سوئاللارنى سورايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ بۇ سۆھبەت سىزنىڭ  تۇغۇلغاندىن تارتىپ  سىزدىن سۆھبەت ئالغان كىشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇچە بولغان جەرياندىكى بارلىق ئىشلارنى سورايدۇ، مېنىڭ تەۋسىيەرىم ئۆزىڭىز  ۋاقىت ، كىشى، ئورۇن، سانى دېگەن نەرسىلەرنى ئېنىق بىلمىسىڭىز  ئۇلارغا دېمەڭ بولمىسا  سۆھبەت جەرياندا سوئاللار پەرقلىق ئۇسۇل ۋە شەكىل بىلەن قايتا سورالغاندا ئالدىنقىسىغا ئوخشىمايدىغان جاۋاپ بېرىپ قويسىڭىز  سىزدىن گۇمانلىنىپ ئىشلىرىڭىز ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگىلشىك نۇقتا  سىز  بىر شەخس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىڭىز شۇنى سۆزلەيسىز پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سۆزلىگەن نەرسىلىرىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلىق نەرسىلەر بولسا ئۇلارنى كۆرسەتسىڭىز تېخى ياخشى. ئەسلا يالغان، بېشىڭىزغا كەلمىگەن نەرسىلەرنى سۆزلەپ يۈرمەڭ. يېپىق كامپتا پۇل بېرەمدۇ؟ ھەئە بىر ھەپتىدە ئون سەككىز ياۋرو بېرىدۇ، بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئىچىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئارقىلىق سېتىۋالالايسىز. تېلىفۇن كارتىسى سېتىۋېلىپ سىرتقا تېلىفۇن قىلالايسىز.

  خوش يۇقاردا پاناھلىق تىلەپمۇ بولدۇق، قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنىمۇ ئېلىپ بولدۇق  ئەمدى سىزنى گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا جايلاشقان  پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۇرىدىغان ۋاقىتلىق كامپلارغا(ئوچۇق كامپ دەيدىكەنمىز) ئېلىپ بارىدۇ، بۇ كامپلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۆزلىرى تاماق بېرىدۇ، بەزىلىرىدە ئۆزىڭىز تاماق قىلىپ يېيەلەيسىز ، قايسىسىغا بۆلۈشنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ،ئوچۇق كامپا كەلگەندىن كىيىن سىزگە مەسئۇل بىر ئالاقىلاشقۇچى خادىم بولىدۇ، شۇ سىزنى كامپقا خوش كەلدىڭ دەپ كۈتۈۋېلىپ كامپنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرۋېتىپ يوتقان كۆرپە كىرلىكلەرنى بېرىپ  ياتىقىڭىزغا ئېلىپ ماڭىدۇ،  بۇ  سىزگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان سوتسىيال ئۆي چىققانغا قەدەر تۇرىدىغان ماكانىڭىز بولىدۇ( بىر بالا يەتتە ئاي، يەنە بىرى ئون بىر ئايدەك ساقلاپ ئۆيى چىقتى ئاندىن كامپتىن ئايرىلدى). ياتاقلارمۇ كامپلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ، بەزىلىرىدە بىر ئادەم بەزىلىرىدە ئىككى ئادەم تۇرىدۇ ، ماڭا بېرىلگەن ياتاق ئىككى كىشىلىك بولۇپ  بىر تۈرۈك بىلەن بىللە تۇرۇشقا بۆلۈندۈم. (ئەگەر بىرە تونۇشىڭىز ياكى دوستىڭىز ئاشۇ كامپتا تۇرۇۋاتقان بولسا ئىلتىماس قىلىپ بىللە تۇرساڭلا بولىدىكەن.)

  1. ئوچۇق كامپتا

   ئوچۇق كامپقا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن  قازان قومۇچ ئېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل ھەپتىدە 60 ياۋرو  (كېيىن ھەر ھەپتىلىك بېرىلىدىغان پۇلدىن بەش ياۋرۇدىن تۇتۇۋالىدىكەن .) غا قازان قومۇچ چىنە قاچا سېتىۋېلىپ  كامپتىكى ھاياتىمىزنى باشلاپ كېتىدىكەنمىز، بۇ جەريانىدا سىزگە توختىماي ھۆكۈمەتتىن خەت كېلىپ تۇرىدۇ،  مەبىتىڭىزدىنمۇ تاپشۇرۋالمىغان جىق خەتلەرنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن تاپشۇرۇۋالىسىز ، بىرە ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن  سىزنى گوللاندىيەدىكى قايسى بەلەدىيە گە بۆلۈش توغرىسىدا سىز بىلەن كۆرۈشۈپ قەيەردە ياشىغۇڭ بار دەپ سورايدۇ( بۇ پەقەت سوراپلا قويۇش سىزنىڭ قەيەردە تۇرۇشىڭىزنى ھۆكۈمەت ئۆزى بەلگىلەيدۇ، پەقەت سىز مەلۇم بىر يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ۋە ياكى مەلۇم بىر كېسەل بىلەن مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولسىڭىز ۋە باشقا جايدا بۇ كېسەلنى داۋالىيالمايدىغان ئىش بولسا ئاندىن ئاشۇ جايغا بۆلۈپ قويىدۇ بولمىسا ھۆكۈمەت ئۆزى خالىغان جايغا بۆلىدۇ.)  بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايسى بەلەدىيەگە بۆلۈنگەنلىكىڭىز توغرىسىدا خەت تاپشۇرۋالىسىز.

  1. ئائىلە جەملەش

  سىزنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىپ ئوچۇق كامپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ئائىلە جەملەش ئۈچۈن ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق كامپتىكى   VVN)مەخسۇس پاناھلىق تىلىگۈچىلەر گە ياردەم بېرىدىغان ئورگان) خادىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلتىماس قىلىشنى باشلايسىز، كېتەرلىك ماترىيال :

 پاسپورت، ئىقامەت، توي خېتى(ئەگەر توي خېتى بولمىسا نىكاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان بىر ئىسپات، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قىلغان نىكاھ ئىسپاتىنى قوبۇل قىلىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم راسمۇ يالغانمۇ بىلمەيمەن.)   مۇشۇ ئىسپاتلارنىڭ ئەسلىسىنى كۆرسىتىسىز  تەرجىمە قىلىشنى تەلەپ قىلسا گوللاندىيە تىلىغا ھۆكۈمەت ئېتراپ قىلىدىغان يەردە تەرجىمە قىلدۇرۇپ  تەييارلايسز بۇ ماتېرىياللارنى VVN نىڭ خادىملىرى سىزگە ۋاكالىتەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ توربېتىگە يوللاپ بېرىدۇ، تەلەپ قىلغان ماتېرىياللار تولۇق بولسا سىزگە  ماتېرىياللارنىڭ تولۇق بولغانلىقى قارار قىلىش ئۈچۈن تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە  مۆھلەتتە قارار بېرىدىغانلىقىنى ھەققىدە خەت ئەۋەتىدۇ،سىز بىر ھەپتىدە بىر ئايدا  قارار بېرىپ قالامۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەن مۇشۇ جەرياندا كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئالتە ئايغا بىرە ھەپتە ئون كۈن قالغاندا ئاندىن ئائىلە جەملەش ئىلتىماسىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە ياكى رەت قىلىنغانلىقى ۋە يا ماتېرىياللارنىڭ كام بولغانلىقى ھەققىدە خەت كېلىدۇ.

  1. كونسۇلغا ماترىيال تاپشۇرۇش

  ئەگەر سىزنىڭ توي خېتىڭىز بولسا ئىشلار يۇقاردا دىيىلگەندەك بولىدۇ، ناۋادا توي خېتى بولمىسا  ھەممىڭلارنىڭ  DNA تەكشۈرۈشى قىلىپ  بالىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن بالىڭىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس تەستىقلىنىدىكەن، مېنىڭ توي خېتىم بولغاچقا ماڭا ئۇنداق تەكشۈرۈش قىلمىدى شۇڭا تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلمەيمەن.  خوش ئىلتىماس تەستىقلاندى، ئەمدىكى ئىش  ئائىلىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى گوللاندىيە كونسۇلخانىسىدىن  ماترىيال تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچرىشش ئېلىشىڭىز كېرەك (بۇ ئۇچرىشنى بۇرۇن ئېلىپ قويسىمۇ بولىدىكەن، ناۋادا تەستىقلانماي قالسا ياكى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىپ قالسا ئۇچرىشش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ قويساق بولىدىكەن.)

ئۇچرىشش ئېلىش تور بەت ئادرىسى :

https://www.vfsvisaonline.com/Netherlands-Global-Online-Appointment_Zone2/AppScheduling/AppWelcome.aspx?P=%2FiOLWQz9Vk07YwT57Xup3beYtxKTElDHw6tXIOEgZlM%3D

كونسۇلخانىغا ئېلىپ چىقىدىغان ماتېرىياللار :

  • پاسپورت
  • ۋىزا ئىلتىماس قىشلىش جەدۋىلى (بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرەلەيسىز!، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىك نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!)
  • بالىلارنىڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ پاسپورتى بولمىسا، بىر قېتىملىق پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى (بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرەلەيسىز!)
  • رەسىم ( ئىستانبۇلدىكى گوللاندىيە كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىدا رەسىمچى باركەن، شۇنىڭدا رەسىمگە چۈشۈڭ، بەرىبىر ئاپارغان رەسىمنى قوبۇل قىلمايدىكەن.)
  • ئائىلە جەملەش تەستىقلانغانلىقىغا ئائىت ئىسپات
  1. ئائىلىڭىز گوللاندىيەگە كەلگەندىن كىيىن

ئائىلىڭىز گوللاندىيەگە كېلىپ ئۈچ كۈنمۇ بىر ھەپتىمۇ ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، ئاشۇ مۇددەت ئىچىدە  گوللاندىيەنىڭ تىرئەپل دىگەن يېرىدىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار لاگىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىشىڭىز كېرەك.

بۇ ئورۇننىڭ ئادرىسى:

Ter Apelervenen 3, 9561 MC Ter Apel

بۇ ئورۇنغا بېرىپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرسىڭىز سىزگە ئادەتتە ئۈچ كۈندىن كىيىن كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئۇچرىشش بەش كۈندىن كىيىن ئەممەن بەلەدىيەسىدە ئۇچرىشش بېرىدىكەن،  ئۈچ كۈندىن كىيىن يەنە مۇشۇ ئورۇنغا كېلىپ  سورىغان سوئاللىرىغا :

 جۆرىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟

قاچان تۇغۇلغان؟

سىلەر قاچان توي قىلغان؟

نەدە قىلغان؟

دىگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ، تىل بىلمەستىكتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇر تەرجىمانغا تېلفۇن ئۇرۇپ بېرىدۇ. تەرجىمان تېلىفۇندا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئىشلار تۈگەپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئەممەندىكى بەلەدىيەگە بارىسىز بەلەدىيەدە يەنە بىر ئىككى ئېغىز يۇقارقىغا ئوخشاش سوئال سوراپ، نىمە تەلىپىڭ بار؟ دەپ سوراپ بولۇپ ئائىلىڭىز ۋە باللىرىڭىزغا  ئىقامەت بېرىلگەنلىكىنى  ئېيتىدۇ. ئاندىن ئۆيىڭىزنىڭ چىقىشى ساقلاپ تۇرىسىز.

 

يۇقاردىكىسى بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ قىسقىچە جەريانى. ئىنسان بولغانكەنمەن ئۇنتۇپ قېلىش، خاتا ئەستە تۇتۇۋېلىش سەۋەبىدىن  بەزى جەريانلار چالا قالغان، بەزى جايلاردا خاتالىق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن  خاتا بولۇپ قالغان  يەرلىرى بولسا، توغۇرلاپ قويارسىلار چالىسىنى تولۇقلاپ، پەرىقلىق بىر كەچۈرمىشىڭىز بولسا يېزىپ قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىر قېرىندىشىمىز پايدىلىنىپ قالسا  ساۋاپ بولىدۇ.  قېرىندىشىڭىزنىڭ تەمتىرەپ قالماسلىقى ئۈچۈن اللە رازىلىقى ئۈچۈن بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىڭىزنى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ.