ئەخمەقلەر كېمىسى

ئەخمەقلەر كېمىسى
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە تەد كازىنسكىي (Ted Kaczynski) نىڭ «Ship of Fools« ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئابدۇراخمان سۇتۇق تەرجىمە قىلىپ چىقىپتۇ. تەرجىماننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەلبىل بلوگىدا ئېلان قىلىندى.

ئەخمەقلەر كېمىسى

بىر زامانلاردا بىر كېمىنىڭ كاپىتانى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزچىلىق تەجرىبە ماھارەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى شىمالغا بۇرىدى ۋە كېمىنى مۇز تاغلار بىلەن قاپلانغان تەرەپكە قاراپ ھەيدەشكە باشلىدى. ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزدىكى ماھارەتلىرىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ تارىخقا يېزىلىش ئارزۇسىدا شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.

كېمە شىددەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا قاتتىق تەۋرىنىپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. كېمىدىكى ئىشچىلار ۋە يولۇچىلار تالاش – تارتىش قىلىشقا،  ئۆزلىرىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.

–  تىترەۋاتىمەن،- دېدى ئۇستا كېمىچى، بۇنچىۋالا خەتەرلىك بىر سەپەرگە چىقىپ باقماپتىكەنمەن. پالۇبا مۇز قاپلاپ كەتتى، كۆزىتىش يېرىدە تۇرغىنىمدا شامال چاپىنىمغا نەشتەردەك سانجىلىۋاتىدۇ. ئالدى يەلكەنگە چىقىپ ئارغامچىلارغا تۈگۈن چەككىنىمدە بارماقلىرىم سوغۇقتىن سۇنۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايدا ئاران بەش شىلىڭلا مائاش ئالىمەن .

– سەن مۇشۇنىڭدىن قاقشاۋاتامسە؟- دېدى ئايال يولۇچى،- سوغۇقتىن كېچىلىرى ئۇخلىيالمايۋاتىمەن. بۇ كېمىدىكى ئاياللارغا ئەركەكلەرگە ئوخشاش يوتقان بېرىلمەيۋاتىدۇ، بۇ ئادىل ئەمەس.

مېكسىكىلىق گەپنىڭ بىلىگە تېپىپلا گەپ قاتتى،

–  چىڭگادوۋ! مەن ئىنگلىز كېمىچىنىڭ ئالغان مائاشنىڭ ئاران يېرىمىنى ئېلىۋاتىمەن. بۇ سوغوق ھاۋادا ئۆزىمىزنى ئىسسىق تۇتۇش ئۈچۈن نوچى يېمىسەك بولمايدۇ، ئىنگلىز مەندىن نوچى يەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى كاپتان ياردەمچىلىرى ماڭا ئىسپانچە بۇيرۇق بەرمەي ئېنگلىزچە بۇيرۇق قىلىدۇ.

– ھەممىڭلاردىن مېنىڭ دەردىم ئېغىركەن!- دەپ شىكايەتنى باشلىدى يەرلىك ئامېرىكىلىق. ئەگەر گۆردىن چىققان ئىنگلىزلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇپراقلىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلمىغان بولسا بۇ كېمىدە، مۇز تاغلارنىڭ ئارىسىدا قۇتۇپ شامىلىغا بوزەك بولۇپ يۈرمەيتتىم. ئەكسىچە جىمجىت بىر كۆل بويىدىكى قورودا سەيلە قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم. تۆلەم ئېلىشىم كېرەكتى، ھېچ بولمىسا كاپىتان ماڭا شىشىخاللىرىمنى دەتتىكام دەيدىغان سورۇن ھازىرلىغىلى قويسا ئازراق چوتا ئايرىۋالغان بولاتتىم.

لاستىرومو (كېمىدىكى ھەمجىنىسنىڭ ئىسمى)گەپكە قوشۇق سالدى.

– تۆنۈگۈن كاپىتاننىڭ باش ياردەمچىسى مېنى (كۆت) دېدى، مېنىڭ لەقەم قويۇلماي تۇرۇپمۇ خالىغان جىنستىكى بىرىنى ياخشى كۆرۈش ھوقۇقۇم بولۇشى كېرەك.

– بۇ كېمىدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقىنى پەقەتلا ئىنسانلارلا ئەمەس،- كېمىدىكى ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى سورۇنغا قىستىلىپ كىردى. گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ ئاچچىقتىن تىتىرەپ تۇرۇپ، – ئالدىنقى ھەپتە مەن كاپىتان يېقىنلىرىنىڭ كېمىدىكى ئىتنى ئىككى قېتىم تەپكىننى كۆردۈم،- دېدى.

يولۇچىلاردىن بىرى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى ئىدى. ئۇ قوللىرىنى ئىشارەتلەپ تۇرۇپ،- بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەھشى! قورقۇنۇچلۇق! ئايرىمىچى! ئىرقچى! كاپىتالىست! بىز كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز لازىم. مېكسىكىلىق ئۈچۈن ئوخشاش مائاش، پۈتۈن كېمىچىلەرگە يۇقىرى مائاش، يەرلىك ئامېرىكىلىق ئۈچۈن تۆلەم ، ئايال يولۇچىلارغا ئىككى يوتقان، ھەمجىنىسلار ئۈچۈن جۆرە تاللاش ئەركىنلىكى، ئىتلارغا قالايمىقان تېپىلمەسلىك ھەققى بېرىلىشى كېرەك.

كېمىدىكى ھەممەيلەن بىردەك،- توغرا! توغرا! شۇنداق قىلىش كېرەك،- دەپ ۋارقىراشتى، كەينىدىنلا ( ھەق- ھوقوقىمىزنى تەلەپ قىلايلى ) دەپ توۋلاشتى.

تازىلىقچى بۇ گەپلەرگە ئۇلاپلا،-  ھەممىڭلارنىڭ شىكايەت قىلىدىغانغا ئۆزۈڭلارغا چۇشلۇق سەۋەپلىرىڭلار باركەن، ئەمما مېنىڭچە ھەممىدىن مۇھىمى كېمىنى شىمالغا مېڭىشتىن توسۇپ ئارقىمىزغا قايتىش، چۈنكى داۋاملىق شىمالغا مېڭىۋېردىغان بولساق كېمە ھامىنى بىر كۈنى چۆكۈپ كېتىدۇ. كېمە چۆكۈپ كەتسە مائاشنىڭ، يوتقاننىڭ، ھەمجىنىسلىق ھوقوقلىرىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ. چۈنكى ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز! ،- دېدى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمىدى.

كاپىتاننىڭ ئىشارىتى بىلەن كاپىتان ياردەمچىلىرىدىن بىرى ئۈستىدىكى پالۇبىدىن تۆۋەندىكى پالۇبىغا توپلانغان يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا كىردى. قوشۇمىلىرىنى تۇرۇپ سالماقلىق بىلەن،- ھەممىمىزگە شۇنىسى ئېنىقكى بۇ كېمىدە قوبۇل قىلغۇسىز ئىشلار بولىۋېتىپتۇ. ئاراڭلاردىكى شىكايەتنى ئاڭلىمىغان بولساق ئەھۋالنىڭ بۇ قەدەر ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي يۈرەركەنمىز. بىزنىڭ نىيتىمىز ساپ، بىز ئاق كۆڭۈل ئادەملەر! سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسىنى قىلىپ بەرگۈمىز بار، ئەمما كاپىتانىمىز خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك كاللىسى قاتمال، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان مەتۇ بىر ئادەم.  ئەمىلىيى بىر ئىش قىلىشى ئۈچۈن ئاۋال بۇ ئادەمنى دەيدەيگە سالمىساق بولمايدۇ. مېنىڭ شەخسى پىكرىم، ئەگەر غەيرەت قىلىپ شىكايەت نامايىشلىرىڭلارنى داۋاملاشتۇرالىساڭلار، كاپىتاننىڭ ئادالەت تۇيغۇلىرى ئويغىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، داۋايىڭلار ھەقلىق داۋا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىدىغان بولغاچقا شىكايىتىڭلارغا ھەل قىلىش چارىسى تاپماي ئامالى يوق!

بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇدۇل كاپىتاننىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. يولۇچىلار كاپتان ياردەمچىسى كىتەر كەتمەيلا ئارقىسىدىن يۇمىلاق تاۋۇز، تاينى يوق لامزەللە، كاپىتاننىڭ چاپارمىنى دەپ ۋارقىراشتى. لېكىن ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە پالۇبىنىڭ ئوتتۇرىغا يىغىلىپ كاپىتانغا تىل ئاھانەت ياغدۇرۇۋەتتى، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى،

– تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنات، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت شارائىتى تەلەپ قىلىمەن،- دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى ھېلىقى ئۇستا كېمىچى.

ھېلىقى ئايال بولسا، – ئاياللارغا قوش يوتقان بېرىلسۇن،- دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.

مېكسىكىلىق كېمىچى،- بۇيرۇقلارنىڭ ئىسپانچە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.-دەپ گۆكۈرەشكە باشلىدى.

يەرلىك ئامرىكىلىقمۇ سەپتىن قالمىدى،- قىمار ئويناشقا چەكلىمە قۇيۇلمىسۇن،- دەپ ۋارقىرىدى. ھەمجىنىسمۇ ( ھەمجىنىسلار كۆت دىيىلمىسۇن!) دەپ چىرقىرىدى. ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىمۇ، – ئىتلار ئۇرۇپ سوقۇلمىسۇن،- دەپ ۋارقىرىدى؛ پروفېسسورمۇ بار ئاۋازى بىلەن،-  قوزغىلىڭلار! ئىنقىلاپ قىلايلى،- دەپ ۋارقىرىدى.

كاپىتان ۋە ياردەمچىلىرى توپلىنىپ، بىر قانچە مىنۇت باش مۇزاكىرەلەشكەندىن كىيىن بىر بىرىگە كۆز قىسىپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇشتى. ئاندىن كاپىتان پالۇبا رىشاتكىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ تۆۋەنكى پالۇبىدىكىلەرگە قاراپ كۆرەڭلىگەن ھالدا،

– ئۇستا كېمىچىنىڭ مائاشى ئايدا ئالتە شىلىنگە ئۆستۈرۈلسۇن! مېكسىكىلىقنىڭ مائاشى ئېنگىلىزنىڭ مائاشىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىچىلىك ئۆستۈرۈلسۇن! يەلكەنگە تۈگۈن چىگىش بۇيرۇقى ئىسپانچە بېرىلسۇن! ئايال يولۇچىلارغا ھەربىرىگە بىردىن يوتقان قوشۇپ بېرىلسۇن!يەرلىك ئامرىكىلىققا شەنبە ئاخشىمى تاۋكا قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلسۇن! بەچچىلىكىنى يوشۇرۇنچە قىلسا كۆت دېيىلمىسۇن! ئىت ئاشخانىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ يىمەكلىك، گۆشلەرگە تىگىپ قويمىسىلا ئىتنى قالايمىقان تېپىشكە رۇخسەت يوق،-  دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. پالۇبىدىكىلەر بۇنى چوڭ بىر غەلىبە سۈپىتىدە تەبرىكلەشتى.

ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن كۆپچىلىك نېمىشقىدۇر ئۆزلىرىنى تۈنۈگۈنكىدەك غالىپ ھېس قىلالمىدى. ئۇستا كېمىچى، – ئايدا ئالتە شىلىن مائاش بەكلا تۆۋەن ، يەلكەنگە تۈگۈن چەككەن ۋاقتىمدا قوللىرىم يەنىلا ئۈششۈپ قالىدىغاندەك توڭلاۋاتىدۇ،- دەپ غودۇڭشىدى.

مېكسىكىلىق،-  يا ئىنگلىزلار بىلەن ئوخشاش مائاش ئالالمىدىم ، يا قورساق تويغۇدەك تاماق يىيەلمىدىم،- دېدى؛  ئايال،- بىز ئاياللار ھېلىھەم ئىسسىق ساقلىغۇدەك يوتقانغا ئېرىشەلمىدۇق،- دېدى؛ باشقىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غۇدۇڭشۇشقا باشلىدى. پىرافىسسور ئۇلارنى ھەدەپ كۈشكۈرتكىلى تۇردى….

تازىلىقچى پروفېسسورنىڭ سۆزىدىن كىيىنلا پالۇبىدىكى ھەممە كىشى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆز باشىلىدى،- ئىتنىڭ بىر چىشلەم گۆش ئۈچۈن تاياق يىيىشى، ئاياللارنىڭ ئوخشاش يوتقانغا ئېرىشەلمەسلىكى ، ئۇستا كېمىچىنىڭ قولىنىڭ توڭلىشى راستىنلا قورقۇنۇچلۇق. ھەمدە لوستارمونىڭ باشقىلارغا بەرگۈسى بولسا بېرەلمەسلىكىنى راستلا كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. لېكىن ئۇ مەسىلىلەرنى قويۇپ مۇز تاغلارنىڭ چوڭلۇقى، شىۋىرغانلىق بوراننىڭ تېخىمۇ قاتتىق چىقىۋاتقىنىغا قاراڭلار! بۇ كېمىنى جەنۇبقا قاراپ ھەيدىشىمىز كېرەك! ئەگەر داۋاملىق شىمالغا مېڭىۋەرسەك مۇز تاغقا سوقۇلىمىز ۋە كېمە چۆكۈپ ھەممىمىز ‍ئۆلىمىز!!!!

– راست دەيسە، – دېدى لاستامورو،-  شىمالغا قاراپ مېڭىۋېرىش راستىنلا قورقۇنچلۇق ھەم خەتەرلىك! لېكىن نىمىشقا بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا يوشۇرۇنچە بىر ئىشلارنى قىلغۇدەكمەن؟ نىمىشقا «كۆت« دەپ چاقىرىلىشىم كېرەك؟ مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى بىر ئادەم تۇرسام.

– شىمالغا قاراپ مېڭىش راستلا خەتەرلىك!- دېدى ئايال،- شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ ئىسسىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئاياللارغىمۇ ئوخشاش ساندا يوتقان تەلەپ قىلىمەن !ھازىرلا تەلىپىم ئورۇندالسۇن!، دېدى.

– توپتوغرا،- دېدى پروفېسسور،- شىمالغا قاراپ ماڭساق چوڭ دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشىمىز ۋە بالا قازاغا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن، لېكىن كېمىنى ئارقىغا بۇراش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى سوزماي مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك،- دېدى.

– ماڭا قارا!، دېدى تازىلىقچى ئاندىن،- ئەگەر بىز كاپىتان ۋە ئۇنىڭ غالچا قىزىل كۆزلىرىنىڭ شىمالغا قاراپ مېڭىشىنى توسمىساق ھەممىمىز ئۆلىمىز! ئەگەر كېمىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرساق تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئېرىشەلەيمىز. تەمىناتى ياخشى بولغان ئىش، ئاياللارغا يېتەرلىك يوتقان…. ھەممە نەرسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن بىز ئاۋال كېمىنىڭ يۆلىنىشىنى بۇرىشىمىز كېرەك! ئەگەر بىر قىسمىمىز بىرلىشىپ بىر پىلان تۈزىسەك ۋە جاسارەتلىكىراق بولساقلا ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرالايمىز. بەك جېق كىشىگىمۇ ئېھتىياجىمىز يوق، يەتتە سەككىز كىشى بولسىلا كاپىتان بۆلۈمچىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، كاپىتان باشلىق دەلتىلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋىتەلەيمىز! كېمىنىمۇ ئارقىغا ياندۇرالايمىز،- دېدى.

پروفېسسور،- تەلۋىلىك بىلەن خوشام يوق! ئەخلاقسىز تومپاي،- دېدى.

لوستارومو،- ئەمەلىي ھۇجۇمنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولمايدۇ،- دېدى.

ئايال يولۇچى،- قاراملىقتىن بەك قورقىمەن،- دېدى.

كاپىتان ۋە ياردەمچىلىرى ئىشنىڭ جەريانىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى. كاپىتاننىڭ ئىشارىتى بىلەن ياردەمچىلىرىدىن بىرى پەستىكى توپلىشىپ تۇرغانلارنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە كېمىدە ھېلىھەم بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا،- بىز كېمىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئۇستا كېمىچىنىڭ خىزمەت شارائىتى تېخىچە شۇ پېتى ناچار، مېكسىكىلىق ھېلىھەم ئىنگلىزلار بىلەن ئوخشاش مائاش ئالغىنى يوق، ئاياللارمۇ يېتەرلىك ساندا يوتقان ئالالمىدى، يەرلىك ئامېرىكىلىق ‍ئۈچۈن شەنبە كۈنى تاۋكا قۇرۇش تارتىۋېلىنغان تۇپراقلىرى ئۈچۈن ئەرزىمەس بىر نەرسە، ھەمجىنىسنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقتا بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشى ئادىل ئەمەس، ئىتمۇ تىپىك يىيىشتىن قۇتۇلغىنى يوق! شۇڭلاشقا مېنىڭچە بولسا كاپىتاننى يەنە يىڭى قارار چىقىرىشقا قىستىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەنە بىر قېتىم تىنچلىق شەكىلدە نامايىش قىلىشىمىز كېرەك!- دېدى.

كاپىتان ياردەمچىسى گېپىنى تۈگىتىپ پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تىل ئاھانەتلەر ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ بەكرەك يېغىپ كەتتى. لېكىن كېمىدىكىلەر يەنىلا كاپىتان ياردەمچىسى نېمىنى دېگەن بولسا دېگىنى بويىچە قىلىپ پالۇبىغا توپلىنىپ، مۇشتلىرىنى تۈگۈپ ۋارقىراپ- جارقىراپ كېمىنى بېشىغا كەيدى. بىرى كاپىتانغا قارىتىپ سېسىق تۇخۇمدىن بىرنى ئاتقان ئىدى،  تولىمۇ ئەپسۇس …

كاپىتان پالۇبا رىشاتكىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ تۆۋەندىكى نامايىشچىلارغا قاراپ،- ئ‍ئۇستا كېمىچىنىڭ قولىنىڭ توڭلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەلەي بېرىلسۇن! مېكسىكىلىق كېمىچىگە ئىنگىلىز كېمىچىنىڭ تۆتتەن ئۈچ مائاشى بېرىلسۇن! ئاياللارغا يەنە بىردىن يوتقان تارقىتىپ بېرىلسۇن! يەرلىك ئامېرىكىلىق ئۈچۈن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كېچىسى تاۋكا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنسۇن! لوستورمونىڭ كېچىسى قاراڭغۇ چۈشكەندىن باشلاپلا ئوچۇق ئاشكارا قىلغۇلۇقنى قىلىشقا رۇخسەت بېرىلسۇن! كاپىتاننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئىتنى تېپىش چەكلەنسۇن!،- دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى .

نامايىشچىلار بۇ زەپىرىدىن تولىمۇ خوشال بولۇشتى. لېكىن بۇ قېتىممۇ بىر كۈن ئۆتە ئ‍ئۆتمەيلا غۇدۇراش- قاقشاش نارازىلىقلار باشلىنىپ كەتتى. تازلىقچىنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق ئاچچىقى كەلدى،

– ھەي ئەخمەق نادانلار!!!!،- دەپ ۋارقىرىدى، كاپىتان ۋە ياردەمچىللرىنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ بۇ كېمىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسۇن ، ئويلانمىسۇن دەپ سىلەرنى مائاش ، يوتقان، ئىتنى تېپىش تەپمەسلىك دېگەنگە ئوخشاش چويلىغا توختىمايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىۋاتىدۇ. كېمە بولسا ھېلىھەم شىمالغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ ۋە بىزنى كۈتىۋاتقىنى ھالاكەت! پەقەت بىر قانچىمىزلا گېپىمىزنى بىر قىلالىساق كاپىتان ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كېمىنى ئارقىغا بۇرىيالايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىمۇ قۇتقۇزالايمىز. لېكىن سىلەر تېخىچىلا تاۋكا قۇرۇش، يوتقان تالىشىش، ئىت ھوقۇقىنى قوغداش دىگەندەك ئاقماس، تۈكى يوق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈۋاتىسىلەر!!!،- دېدى.

نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى ھۈرپىيىپ قالدى.

– تاينى يوق ئىشلار؟ سېنىڭچە ئىنگىلىزلارنىڭ مائاشىنىڭ تۆتتەن ئ‍ئۈچىنى ئېلىشىم كىچىك ئىشمۇ؟ تاينى يوق ئىشمۇ؟ ماڭا ئادالەتسىزلىك ئەمەسما؟،- دېدى مېكسىكىلىق يىغلىغۇدەك بولۇپ،

–  مېنىڭ ئىشلىرىمغا تۈكى يوق ئىش دەيدىغانغا سەن كىمتىڭ؟ بىرسى تەرىپىدىن كۆت دېيىلىش سەنچە تۈكى يوق ئىشمۇ؟،- دېدى لوسترومو،

پىروفېسسورمۇ سەپتىن قالماي دېگەن چېغى،- ئىتنى تىپىشنى كىچىك ئىش دەيدىغان نېمە ھەققىڭ؟ زالىم! فاشىست! ئادەم ئەمەس!،- دەپ ۋارقىرىدى،

– توغرا دەيسەن، سېنىڭ راست!،- دېدى تازلىق ئىشچىسى، لېكىن يەنە يوتقان، مائاش، تاۋكا، ئىت مەسىلىلىرى بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلساق بۇ كېمە چۆكۈپ كېتىدۇ. شۇڭ مۇھىم ئىشقا باشتا تۇتۇش قىلايلى.

–  تېررورچى،- دېدى پىروفېسسور،

–  قاراقچى! ئەكسىلئىنقىلاپچى!،- دېدى ئايال، باشقا نامايىشچىلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەرەپ تەرەپتىن تازلىقچىنى (تېررورچى) دەپ ئەيىبلەشتى. ئۇنى بىر بۇلۇڭغا ئىتتىرىۋېتىپ، مائاش، يوتقان، ئىتنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە تالاش تارتىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى….

كېمە شىمالغا قاراپ مېڭىۋەردى……

ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى مۇز تاغنىڭ ئارىسىدىكى قىيا تاشقا سوقۇلۇپ ھەممىسى تۇنجۇقۇپ ئۆلدى.

ئىنكاس يازىمەن