ئەنجانباي- نور روزى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

«مۆمىننىڭ مۇمىغا چىقىشى» ناملىق ھىكايىسى بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئەپسۇس شۇ ۋاقىتلاردا مۆمىننىڭ مۇمىغا چىقارغان بايراقنى ھازىرقى زالىملارنىڭ بايرىقىغا ئۆزگەرتىپ تەپەككۇر قىلىپ بېقىش نىسىپ بولماپتىكەن. ئوخشاش تراگىدىيە، ئوخشاش جۇغراپىيەدە يۈز بەرمەكتە ئىدى. بۇ قېتىم نور روزىنىڭ “ئەنجانباي” ناملىق كىتابىنى ئوقۇدۇم.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى زامانىدا، قەشقەر ئوپالدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلاب تەسۋىرلەنگەن تارىخى رومان ئىكەن.

1908- يىلى تۇغۇلغان ئەنجان، تاشكەنتتە ئون تۆت ياشقىچە ياشاپ، قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ.

شۇ ۋاقىتتىكى زالىم قازىلارنىڭ سۈيقەتسى، بۆھتان چاپلىشى بىلەن ئايالىدىنمۇ ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ يولىغا قەدەم يولىدۇ. پالۋان دىگەن نامنى ئالىدۇ.

1938- يىلى رەسمى ھالدا گومىنداڭغا قارشى ھەرىكەتكە كىلىدۇ.

بۇ جەرياندا تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، تۈرمىدىن چىقىپ ئىنقىلابنى داۋام قىلىدۇ.

1946- يىلىغا كەلگەندە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ 11 ماددىلىق كىلىشىم بىلەن ئاخىرلىشىشى بىلەن ئوپالدىكى ئىنقىلابمۇ تراگىدىيىلىك ھالدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئەنجانباينىڭ كاللىسى كىسىۋېلىنىپ قەشقەردە، ئاقسۇدا خەلىق ئاممىسىغا سازايە قىلىنىدۇ.

تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ رومان 1940- يىللىرىدىكى قەشقەر ئوپالدا بولغان گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابنى بايان قىلغان.

ئىنكاس يازىمەن