elbilhesen.com
دادامغا خەت
سالام قەدىرلىك دادا! ساڭا يېزىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ساناقسىز خەتلىرىمدىن بىرسىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن. كۆرۈشمىگىنىمىزگە 6 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ 6 يىلدا 60 يىللىق ئۆمربمگە يەتكۈدەك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان قاباھەتلىك قىسمەت ۋە ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ ئۆز پەيلىنى ھېس قىلدۇردى. ھايات مورىغا ئوخشايدۇ، دەيتتىڭ، ئاندىن،-تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى تۈتۈن بىلىدۇ،-دەپ قوشۇپ قوياتتىڭ. شۇنداق، ھايات مورىغا، تۇرمۇش تۈتۈنگە ئوخشايدىكەن. تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرق بولماي تۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىماي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرىنى بېىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈتۈننى ھېس قىلمايدىكەن، بۇ مورىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن ئىنسان. سۆزۈمنى باشلا-باشلىمايلا دەرت ئوقۇپ كەتتىم-ھە! ئىچىمدىن نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن!