elbilhesen.com
بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى - دېل كارنېگى
يېقىندىن بويان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشۋىشلىرىم بۇرۇنقىدىن بەكرەك بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇڭا بۇ تېمىغا ئالاقىدار بىرە كىتاب ياكى لېكسىيە ئىزدەپ ئۆزۈمگە قايتىۋالاي دېگەن مەقسەتتە تور ئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئويلىغىنىمدەك يۇتۇپمۇ (Youtube) ئۆزىگە خاس ئالگورىتمىسى ئارقىلىق ماڭا ماس كېلىدىغانلىرىنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن « بېسىم ۋە تەشۋىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى« ناملىق كىتاب بىلەن تونۇشتۇم. تۇنجى بولۇپ بۇ كىتابنى خىتاي تىلىدىكى كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدىن تونۇغان بولدۇم. قىسقا، چۈشىنىشلىك تەييارلانغان بۇ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئورتاقلىشىشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئۆزۈمگە تەرجىمە قىلىش ئېغىر كېلىپ، قوراللاردىن پايدىلاندىم. گۇگۇل تەرجىمىسى (Google Translate) ۋە ئىملاچى قاتارلىق تەرجىمە قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە، كىچىككىنە تەھرىرلىكتىن كېيىن ھازىرقى ھالىتىگە كەلدى. مەزمۇنىدىن ھۇزۇرلانغاچ تەرجىمە قوراللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.